جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-نويابر خەۋىرى: تۈركىيە ئەمەلدارى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسپاتلىشىچە، ھۆكۈمەتكە قارشى كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق خادىملىرى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر نېفىتلىككە ھۇجۇم قىلىپ، 3 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىگىلىنىشچە، كۇرد قوراللىق ئۇنسۇرلىرى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى يېرىم كېچىدە تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى باتمان ۋىلايىتىنىڭ كۆزلۈك رايونىدىكى سەلمو نېفىتلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ، نەق مەيداندىكى خادىملارغا ئوق چىقارغان، نەق مەيدندا ئىككى نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە بىر نەپەر توك ئىشچىسىنى ئېتىپ تاشلىغان، باشقا بىر ئادەم يارىدار بولغان. بۇ نېفىتلىكنى كانادانىڭ نېفىت چەكلىك شېركىتى باشقۇرىدىكەن. (نەپرەت)