ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

نېگىرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا دىننىي توقۇنۇش يۈز بەردى

2011-يىلى11-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نېگىرىيەنىڭ بىر ھەربىي ئەمەلدارى بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىئانلار جامائىتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى نېگىرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى رايوندا توقۇنۇشقان، ئېغىر بۇزغۇ
  

 جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نېگىرىيەنىڭ بىر ھەربىي ئەمەلدارى بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىئانلار جامائىتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى نېگىرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى رايوندا توقۇنۇشقان، ئېغىر بۇزغۇنچىلىق يۈز بەرگەن ھەمدە كۆپلىگەن ئادەملەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر قىسىم ئۆيلەرگە ئوت قويۇۋېتىلگەن. چارلېس (Charles Ekeocha) گېنرالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇش پارتلىغاندىن كېيىن، نېگىرىيە ئارمىيىسى پلاتېئائۇ شىتاتىنىڭ باركىن لادى (Barkin Ladi) رايونىدا 24 سائەت كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلغان. بۇ قېتىمقى ئوخشىمىغان ئىككى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان رايون ئارىسىدىكى ئەڭ يېڭى يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئىكەن. چارلېس گېنرال:«توقۇنۇشتا كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆلدى، ئۆيلەرگە ئوت قويۇلدى، زىيان غايەت زور بولدى» دېگەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!