جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا، ش ئا ئە ت نىڭ بىر ئارقا سەپ تەمىنات ماشىنا ئەترىتىگە بۆكتۈرمە قويۇپ، ئاز دېگەندە 10 نەپەر ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىم ئەسكىرىنى ئېتىپ تاشلىغان. فاراخ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى نەقىبۇللا فاراھىنىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، ۋەقە فاراخ ئۆلكىسىنىڭ باكۋا (Bakwa) رايونىدىكى ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسىمى بىلەن جەنۇبىي قىسىمىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق تاشيولدا يۈز بەرگەن، بۇ ماشىنا ئەترىتىنى قوغداشقا مەسئول ئەسكەرلەر بۇ رايوندا تالىبان ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۆكتۈرمىسىگە ئۇچرىغان. (نەپرەت)