جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر پايتەختى قاھىرە كوچىلىرىدا 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامما بىلەن ساقچىلار يەنە توقۇنۇشۇپ، ئاز دېگەندە 3 ئادەم قازا قىلغان. بۇ قېتىمقى توقۇنۇش تەھرىر مەيدانىغا يېقىن مۇھەممەد مەخمۇد كوچىسىدا يۈز بەرگەن. دوختۇر شادى ئەل ناگگارنىڭ دېيىشىچە، بۇ 3 ئادەم زوراۋانلىق توقۇنىشىدا ئۆلگەن. دوختۇر:«قارىماققا ئۇلارغا راست ئوق تېگىپ ئۆلگەندەك قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ تېنىنى تەكشۈرۈپ بېقىش پۇرسىتى بولمىدى، بىرىنىڭ باش سۆڭىكى ئېزىلىپ كېتىپتۇ» دېگەن.
10 ياشلىق ئوغۇل بالا ئېغىر يارىدار بولغان، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ھايات ماماتلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. مىسىر قوراللىق قىسىم ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى تەنتاۋى شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچىدە مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق سۆز قىلىپ، شېرىف ئىچكى كابېنتىنىڭ ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە باش مىنىستىر سايلىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان. تەنتاۋى ھەربىي تەرەپنىڭ دۆلەت رەھبىرى بولۇش غەرىزىدە بولمايدىغانلىقىنى، ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە تەييارلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامما دۆلەتنى قۇتقۇزۇش مىليون كىشىلىك نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي تەرەپكە داۋاملىق بېسىم قىلغان. (نەپرەت)