جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكى دېيىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان شىئە مۇسۇلمانلىرى شەرقىي قىسىمدىكى قاتىف شەھىرىدە نامايىش قىلغان بولۇپ، ئېتىشىشتا 4 ئادەم قازا قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا كىم ئوق چىقارغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن نامايىشچى ئامما ئارىسىدا زوراۋانلىق توقۇنىشى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. باياناتتا 11-ئاينىڭ 21-كۈنى سالاھىيىتى نامەلۇم ئۆي ئىچىدە ۋە كوچىدا تۇرۇپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە ماشىنىغا ئوق چىقاردى، شۇنىڭدىن بۇيان نەچچە كۈن ئېتىشىش يۈز بېرىپ كۆپلىگەن ئادەملەر ھاياتىدىن ئايرىلدى، دېيىلگەن. باياناتتا ئۆلگۈچىلەرنىڭ قاچان ئۆلگەنلىكى دېيىلمىگەن، ئەمما 2 ئادەمنىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇرۇن ئۆلگەن كىشىلەرنى يەرلىككە قويغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، قاتىف شەھىرىدىكى شىئە مۇسۇلمانلىرى دائىم ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىپ تۇرىدىكەن. (نەپرەت)