يەر شارى تورىنىڭ 30-نويابر خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى ئۇران قويۇلدۇرۇش ۋە يېڭى يادرو رېئاكتورى ياساش جەھەتتە تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان. شىمالىي كورىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى شىمالىي كورىيە ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شىمالىي كورىيەنىڭ يېنىك سۇ رېئاكتورى ياساش ۋە ئۇران قويۇلدۇرۇشتا تېز ئىلگىرلىگەنلىكىنى ئېيتقان. مەزكۇر باياناتچى يەنە تىنچلىق مەقسىتىدە يادرو ئېنىرگىيىسىدىن پايدىلىنىش شىمالىي كورىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيادىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ جەھەتتە چېكىنمەيدىغانلىقى ياكى يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ بۇ باياناتچىسى يەنە ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىغا قويغان يادرو رېئاكتورىنى ئېتىپ تاشلاپ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىش تەلىپىنى رەت قىلغان. كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادروسىزلىشىش مەسىلىسىدە، شىمالىي كورىيە دائىرلىرى ھېچ قانداق شەرت قويمىغان ئەھۋالدا ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان.
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە پيوڭياڭ رادىئو ئىستانسىسى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى «دۆلتىمىزنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس» دېگەن تېمىدا ماقالە ئاڭلاتقان. ماقالىدە شىمالىي كورىيە ئەڭ ئالىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان «كۆك ساراينى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇپ تاشلاش» نىڭ ھەگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى ئېيتىلغان. ماقالىدە:«يېئون پيوڭ ئارىلى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىدا، جەنۇبىي كورىيە غەربىي دېڭىزدىكى بەش ئارالدا شىمالىي كورىيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزدى، جەنۇبىي كورىيەلىك ئۇرۇش تەلۋىلىرى خاتا ھۆكۈم چىقرىپ قويماڭلار، ئارمىيىمىز شىمالىي كورىيە خەلق ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرىدۇ، جەنۇبىي كورىيە ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەككى، بىزنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىمىز ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس، قارىغۇلارچە ئىش قىلماڭلار» دېيىلگەن. (نەپرەت)