جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 30-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى سۇرىيەنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، تۈركىيە سۇرىيە بىلەن بولغان بارلىق پۇل-مۇئامىلە مۇناسىۋىتىنى توختىتىدىكەن، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىدىكەن، سۇرىيەگە بارلىق قورال ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى توسىدىكەن ھەم سۇرىيە بىلەن ھاسىل قىلغان ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى توختىدىكەن. داۋۇدئوغلۇ يەنە سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشىر ئاسادنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيە نامايىشچىلىرىنى قانلىق باستۇرۇشنى توختىتىش تەلىپىگە خاتا ھالدا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى، بەشىر ئاساد ھۆكۈمىتىنىڭ زاۋاللىققا قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن. داۋۇدئوغلۇ سۇرىيەنىڭ رەززىل زاراۋانلىق دەۋرىيلىكىگە كىرىپ قالغانلىقىنى، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە قورال كۈچى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى، سۇرىيە ئارمىيىسى چوقۇم شەھەرلەردىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. داۋۇدئوغلۇ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى سۇرىيەنى يېڭى بىر نۆۋەت جازالاش تەدبىرلىرىنى جاكارلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. تۈركىيە سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق سودا ترانسىپورت لىنىيىسىنى ئۈزۈپ تاشلايدىكەن ھەمدە ئىراققا تۇتۇشىدىغان يېڭى بىر يول ياسايدىكەن. نۆۋەتتە، سۇرىيەنىڭ ۋەزىيىتى يامانلىشىۋاتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيە، تۈركىيە ۋە ئىئوردانىيە ئارمىيىسىنى ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە كىرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. (نەپرەت)