جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 30-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى نورۋېگىيەنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ۋاقىتلىق تاقاپ تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمما ئەلچىخانا خىزمەتچى خادىملىرىنى چېكىندۈرۈشنى تېخى قارار قىلمىغان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۋېگىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ھىلدى ستېينفىلد (Hilde Steinfeld) خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۋېگىيەنىڭ ئىراندىكى دېپلوماتىيە خادىملىرى نۆۋەتتە يەنىلا تېھراندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، نوۋېگىيە تېخى ئۇلارنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلمىغان. ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ، ئەنگىلىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ قىسمەن خادىملىرى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى چېكىنىپ بولغان. ياۋروپانىڭ بىر دېپلوماتىيە ئەمەلدارى دېيىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى تېھران ئايردورومىدا ئايروپىلان ساقلاۋاتقان بولۇپ، دۇبەيگە قاراپ ئۇچىدىكەن. بىراق، ئەنگىلىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى ئىراندىكى بارلىق دېپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ چېكىنىپ كېتىدىغان ياكى كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىمىغان، ئەنگىلىيەنىڭ ئىراندىكى ئەلچىخانىسىنى قاچان تاقاپ تاشلايدىغانلىقى ئېيتىپ بېرىشنى رەت قىلغان. ئەنگىلىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى پەقەت مۇۋاپىق پەيتتە ئەلچىخانىسىنى تاقاپ تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىرانلىق نەچچە مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئامما تېھراندىكى ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئەنگىلىيەنىڭ ئىران يادرو پىلانىغا قارىتا بىر تەرەپلىمە ھالدا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. (نەپرەت)