维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن پاكىستان ئارمىيە ...

2013-1-6 21:26| يوللىغۇچى : illiq| كۆرۈش: 116| باھا: 0|يوللىغۇچى: نۇر تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن پاكىستان ئارمىيەسى كەشمىردە تۇتۇشۇپ قالدىجۇڭگو ئاخبارات تورى 6 – يانۋار تېلېگرامم ...
ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن پاكىستان ئارمىيەسى كەشمىردە تۇتۇشۇپ قالدى


جۇڭگو ئاخبارات تورى 6 – يانۋار تېلېگراممىسى  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن پاكىستان ئارمىيەسى 6 – چىسلا كەشمىردە توقۇنۇشقاندىن كېيىن، پاكىستان ھىندىستان تەرەپنى ئەيىبلەپ، چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ، پاكىستاننىڭ بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى، دىدى، بىراق، ھىندىستان ئارمىيەسى بۇنى رەت قىلدى. بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا پاكىستان تەرەپنىڭ بىر ئەسكىرى ئۆلۈپ، يەنە بىر ئەسكەر يارىلاندى. ھىندىستان تەرەپتىن يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.
ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى جەگدىش داھىيا مۇنداق دىدى، ھىندىستان ئارمىيەسى ئەمەلىي تىزگىنلەش سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتكىنى يوق، پاكىستان تەرەپ ھۇجۇمنى توختىتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلدى، ھىندىستان پەقەتلا ئوت ئېچىپ قايتۇرما زەربە بەردى. ئۇ مۇنداق دىدى، ھىندىستان تەرەپتىن ئادەم چىقىم بولمىدى.
پاكىستان ھەربىي تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى، ھىندىستان ئارمىيەسى ھاجى پىر رايونىدا ئەمەلىي تىزگىنلەش سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، پاكىستان تەرەپنىڭ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ساۋان پاتراغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، پاكىستان ھەربىي تەرەپ تېزدىن قايتۇرما زەربە بەردى، ھەمدە ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى. بىر پاكىستانلىق ئەسكەر ئۆلدى، يەنە بىر پاكىستانلىق ئەسكەر ئېغىر يارىلاندى.
باياناتتا مۇنداق دىيىلدى، ھىندىستان ئارمىيەسى كېيىن بىر تال قورال بىەن بىر تال خەنجەرنى تاشلاپ، قوشۇن چېكىندۈردى. ئىككى تەرەپ ئاخىرىدا ئەمەلىي كونترۇل قىلىش سىزىقىنىڭ ئىككى چېتىدە تۇرۇپ بىر بىرىگە ئوت ئېچىشتى، ھازىر بۇ توقۇنۇش يەنىلا داۋاملاشماقتا.
ھىندىستان تەرەپ  ھىندىستان ئارمىيەسى پاكىستان كونترۇللىقىدىكى رايونلارغا ئوق چىقىرىشىدىكى سەۋەب، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ توپ ئوقى ھىندىستان تەرەپتىكى بىر تۇرالغۇنى پارتىلىتىۋەتكەنلىكىدىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن، دىدى.
كەشمىردە تۇرۇشلۇق ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى برىجىش پەندى مۇنداق دىدى، شۇ جاي ۋاقتى 6 – چىسلا سەھەردە، پاكىستان ئارمىيەسى «سەۋەبسىزلا« ھىندىستان ھەربىي ئىشلار قاراۋۇلخانىسىغا مىناميوت ئوقى قويۇپ بەردى، ھەمدە ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى. پاكىستان ئارمىيەسى توپ ئوقى ئېتىپ، ھىندىستان تەرەپتىكى بىر پۇقرالار تۇرالغۇسىنى كۈمپەيكۈم قىلىۋەتتى. ئۇ مۇنداق دىدى، ھىندىستان ئارمىيەسى پەقەت يېنىك قوراللارنى ئىشلىتىپ، پاكىستان ئارمىيەسىدىن قىساس ئالدى.

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ