ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1459|ئىنكاس: 1

كىنوئۇيغۇر كەشپىياتچى ئالىمجانتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

83

تېما

209

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3616 سەر
تۆھپە
1789 سەر
تىللا
945 دانە
جەۋھەر
0 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنى

خەۋەر
ئۇيغۇر كەشپىياتچى ئالىمجان

1 g% `" T! f. P' Q5 t& k; |- S3 H( S5 ]7 [7 e; l7 H0 P
قەشقەر يوپۇرغا ناھيىسى سىيەك يېزا 4-كەنىت 4-مەھەلىدىن ئالىمجان يېقىندا پايتەخىتكە بېرىپ ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل تەتقىقاتىنىڭ پاتنىېتىنى ئىلتىماس قىلىپ شانلىق غەلبە بىلەن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.ئۇنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە بارلىققا كەلتۈرگەن كەشپىياتلىرى 10 خىلغا يىتىدۇ. بۇنۇڭدا ئادەمنى ھەم خۇشال قىلىدىغىنى ھەم چۇڭقۇر ئويلاندۇرىدىغىنى ھاۋانى ئېنىرگىيە قىلىش ئارقىلىق دېۋگاتىل(ماتۇر)نى ھەركەتلەندۈرۈش.
' G# Z  B) s( c& y- S4 k/ g5 p* F( q1 v! O8 u+ v: \: B
ئالىمجان بۇ كەشپىياتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادا كەگۈسى 50 يىلدىن كىيىنكى ئېنىرگىيە مەنبەسى كەمچچىلىكىنى شۇنداقلا، نۆۋەتتىكى خەلقارانى ساراسىمگە سېلىۋاتقان مۇھىت بۇلغۇنۇش مەسىلىسىىنى ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغۇدەك ئەمەلىي تېخنىكىسى بىلەن ھەل قىلدى.ئۇ كەشپىياتنى پايتەخىتتىكى مۇتەخخەسىسلەر سوغاققانلىق بىلەن ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كۆرۈپ تولىمۇ رازىمەنلىك بىلەن مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۇ ماتۇرنىڭ كېرەسىز گاز قويۇپ بىرىش ئارقىلىق مۇھىتنى بۇلغاش نىسبىتىنى نۆل پىرسەنىت دەپ بىكىتىشتى.ئارقىدىنلا ئۇلار دۆلەت نىفىتكە زور سوممىلۇق مەبلەغ ئاجرىتىدۇ ھەم بۇنىڭدىن كۆپ مىقداردا كىرىم قىلىدۇ.سېنىڭ بۇ كەشپىياتىڭ دۆلەتنى نۇرغۇن ئىقتىساددىن مەھرۇم قىلغۇدەك دېگەن شاتلىق ئارلاش تەئەججۇپلۇق ئىنكاسنى بىلدۈرۈشىدۇ.ئالىمجان تەتقىقى قىلىپ ياساپ چىققان بۇ ماتۇرغا يەل(ھاۋا) ئېنىرگىيە قىلىنىدۇ،يەنى ماشىنا تىراكتۇرلارنىڭ چاقىسىغا يەل بىرىدىغان (چىباڭ)يەل ماشىنىسىدىن چىققان ھاۋا ئۇ ماتۇرغا ماي ياكى يېقىلغا گاز ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.ئۇ مۇھىتىنى بۇلغىمايدۇ.ھەم دۇنيا بويچە ئەڭ ئەرزان ئېنىرگىيە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئالىمجان بۇ كەشپىياتىغا پاتنېت ئىلتىماس قىلىپ 10 كۈندىن كىيىن ئامېرىكا، 15 كۈندىن كىيىن فىرانسىيە بۇ خىل پاتنېتنى ئىلتىماس قىلغان.دېمەك بىز ئويغۇرلارنىڭ تەلىيى يېقىنقى ئەسىر مابەينىدە بۇ كەشپىيات ئارقىلىق ئوڭ كەلدى. 3 L: C5 U9 m2 w3 F( W7 `
5 H0 c+ P  h9 @& f
نۆۋەتتە ئالىمجاننىڭ پاتنىتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرى پۈتتى.گۇۋانامە ئاۋغۇستنىڭ ئاخرىدا قولغا كەلمەكچى.ئالىمجاننىڭ بۇ نۆۋەتتە ئىلتىماس قىلغىنى پەقەت ھاۋانى ئېنىرگىيە قىلىپ ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر.قالغان كەشپىياتلىرىنى بىر -بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقارماقچى. ئالىمجان بۇ كەشپىياتى توغرۇلۇق ناھيىگە ئەھۋال ئىىكا قىلغاندا ئالدى بىلەن ناھيىمىزنىڭ ئەلسۆيەر ،خەلىقپەرۋەر ئوغلان ھاكىمى- ھەسەنجان ئەخمەت يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆزى ئالىمجاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرگەندىن كىيىن ،بۇ ناھيىنىڭ ھەر بىر ئىدارىدىكى رەھبىرى خادىمدىن بىردىن كىشىنى ئېلىپ كىلىپ ئاندىن بۇنى تونۇشتۇرغان،ھەممەيلەننى گۇۋاچى بولۇشقا چاقىرغان.ئاندىن 11 مېنۇتلۇق چۈشەندۈرۈش فىلىمى لېنتىغا ئېلىنغان.لېكىن ئالىمجاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ فىلىم تارقىتىلمىدى.ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسىڭىز مىھماندوس ئۇيغۇر ئالىمى يىگىتى ئالدى بىلەن ئۇ فىلمىنى قويۇپ بىرىدۇ،سىزنىڭ يەنە ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ.ئاندىن ئۇ سىزگە بىر-بىرلەپ ئەمەلىيىتىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ،ئاندىن ئىشىنىسىز لېكىن يەنە «چۈش كۆرۈۋاتقاندەك» بىر خىل ھېسسىيات بىلەن پەخىرلىنىش،سۆيۈنۈش ھېسسىياتىغا چۆمىسىز.ئالمجان پايتەختتە ئۆزىنىڭ كەشپىياتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە سۆزلىگەندە مۇتەخخەسىسلەر: ئەگەر ئەمەلىي كەشپىياتىڭ ھازر سۆزلىگىنىڭ بىلەن ئوخشاشلا بولسا،سەن ئۈچۈن بىز نوبىل مۇكاپاتىنى ئىلتىماس قىلىمىز،تەستىقلىنىشتا گەپ يوق»دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپتۇ. ئالىمجاننىڭ نۆۋەتتە تىزىملاتقان بۇ بىر تۈرىمۇ خەلقارالاشسا نوبىل مۇكاپاتىغا شەكسىز ئېرىشىدۇ.ئۇ تىرىشچان،ئاقكۆڭۈل ،ساددا مىجەز كەشپىياتچىمىز نىڭ ئاددىي بىر ئائىلىدە ،ئاددىي شارائىتتا بۇنداق ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلارنى روياپقا چىقىرىشىنى تۇنجى ئاڭلىغاندا سىزئەمەس مەنمۇ ئىشەنمىگەن.لېكىن پاكىت دېگەن بەرىبىر پاكىتتە.
+ n( Y" O- E5 d( T* A! u+ ^" F- s5 O8 S% T
تۆۋەندە ئالىمجاننىڭ قىسىچە تەرجىمالى:
7 A/ i# E+ W9 h& y
9 q  j* W  V7 ?, p/ hئالىمجان قۇربان،ئەر،ئويغۇر.43 ياش.قەشقەر يوپۇرغاناھىيە سىيەك يېزىسى 4-كەنىت ،4- مەھەللىدىن. دىھقانچىلىقتىن سىرىت ياغاچچىلىق قىلىدۇ.ئۇ بىر ياشقا كىرگەندە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن ھەم غۇلجا جېلىليۈزى خوتەن مەھەللە7-ئەترەتتە ئولتۇراقلاشقان.ئۇيەردە چوڭ بولغاندىن كىيىن دىھقانچىلىق ۋە ياغاچچىلىق قىلغان.30 ياشقا كىرگەندىن كىيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەر يوپۇغا سىيەككە قايتىپ كىلىپ تېرىقچىلىقىنى قىلغان،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياغاچچىلىق قلىپ يىراق -يېقىنغا ئۇستا ھۇنەرۋەن دەپ نام چىقارغان.ئۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بىرى ئۇ ئىزچىل تىرىشىش ۋە قېتىرقىنىىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىر نەچچە خىل كەشپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،مىللىتىمىز،رايۇنىمىز ۋە ئولۇق ۋەتىنىمىز ئۈچۈن قىسقىسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى .تۆۋەندە مەن ئۇنىڭ كەشپىياتلىرىدىن يەنە بىرىنى تونۇشتۇرماقچى.ئۇنىڭ ھاۋانى ئېنىرگىيە قىلىدىغان ماتۇردىن باشقا يەنە چوڭ بۆسۈش دەپ قارىلىدىغىنى ھاۋانى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىش ئارقىلىق گاز ئوچاقنى كۆيدۈرۈش. بۇ كەشپىيات ھاۋانى گاز تۇڭىغا قاچىلاپ،ئۇنىڭغا بىر خىل دورا ئارلاشتۇرۇپلا گازتۇڭىدىن يەنە بىر نەيچە(گۈەنزە)ئارقىلىك ئۇنى ئۆزى ياسىغان گاز قالايدىغان ئوچاققا چېتىپ ئۇچاقنى كۈندۈلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت.ئالىمجان بۇكەشپىياتىنى ئون سەككىز مىلىيۇنغا ساتمىغانلىقىنى ئېيىتتى.ھېلىقى ماتۇرىنىمۇ شاڭخەيدىن كەلگەن بىر خوجايىن:«ئاغزىڭغا پاتقان پۇلنى ئېيىت،مەن بۇنى ئېلىپ كىتەي»دېگەن.ئالىمجان ئۇنىڭغا سەن ئېلىپ كەتسەڭمۇ ياساپ باشقىلارغا ساتىسەن،ئۇنىڭدىن مەن ئۆزۈملا ياساپ ساتاي دېدىم،دەپ جاۋاب بەرگەنلىكنى ئېيىتتى. & F) h9 ~( n( g% M( W
& b  f& P8 K& T* w+ e( m1 C
ئۇنىڭ باشقا كەشپىياتلىرىنى كىيىنكى قېتىملىق مۇلاھىزىدە ئوتتۇرىغا قوياي.ھازىرچە مۇشۇنچلىك بولسۇن.ھەقتە گەپ بولسا مەن بىلەن ئۇچۇرلىشىڭلار.ھازىر ئالىمجان كۈنىدە نەچچە ئون زىيارەتچىنى كۈتۋېلىش بىلەن بەند بولىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ يىرىقى پايتەخىتتىن ئۈرۈمچىدىن، يېقىنى قەشقەر ۋە باشقا رايۇنلاردىن كىلىپ كۆرۈپ كىتىۋاتىدۇ. بەزى زىيارەتچىلەر ئالىمجانغا قانچلىك پۇل كېرەك بولسا ھازىرلا ياردەم قىلىدىشانلىقىنى ئېيتىپ ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرۈشتى. تۆۋەندە مەن تورداشلارنىڭ ئالىمجان بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلىشىش ئىھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنىڭ ئۆي تېلىفۇنىنى قالدۇرىمەن. كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى بىھۇدە ئاۋارە قىلماسلىقىنىمۇ ئۆتۈنىمەن.13279874321شۇ تاپتا ئالىمجان ناھيىلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكمىتىنىڭ يېقىندىن قوللاپ ياردەم بىرىشى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.بىز ئۇنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا ئۇتۇق،كەشپىياتىغا زور غەلبە،ئالتۇندەك ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمىز .
ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...

0

تېما

4

يازما

89

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
80 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-14 23:29:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗