ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1760|ئىنكاس: 1

ناخشا كەشپىيات ئوتىدا كۆيۈۋاتقان ئادەمتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

661

تېما

1156

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9224 سەر
تۆھپە
2755 سەر
تىللا
6098 دانە
جەۋھەر
17 دانە
يانفۇن كەشپىياتچى، مەملىكەت بۇيىچە «ئورمان ۋە ياۋايى ھايۋانلار- ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى قوغداشتىكى ئىلغار شەخس» باتۇر دانى توغرىسىدا
+ g; {" _2 b1 u4 v3 W
- R: s" \; a4 ?
! ~, f0 b! P9 R9 X. c* G. [% f! u
مۇختار ئابدۇقادىر، تۇرغۇن ئىبراھىم

1 J0 ~; X* b, W2 }& j
66_2011_daa0a61e1626467.jpg

& I5 v3 l: ]4 Y% m  N2 l; u
باتۇر دانى ئۆزى ئىجاد قىلغان «ئۇۋا قۇش مۇنارى» ئالدىد

! Y  _7 l. w, j% l- jمەملىكەتلىك ‹‹ قۇشلارنى قوغداش ھەپتىلىكى ›› پائالىيىتى يولغا قۇيۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئورمان، ياۋايى ھايۋانلار - ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى قوغداشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە  ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بۇ يىل5-ئاينىڭ 11- كۈنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى . ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئورمانچىلىق ئىنژېنېرى، ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ باش پاناھى، مول ھوسۇللۇق ئېكولوگىيە- مۇھىت قۇرۇلۇشى كەشپىياتچىسى باتۇر دانى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن بۇ يىغىنغا قاتناشقان بىردىن- بىر شەخس بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ‹‹ ئورمان ۋە ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى قوغداشتىكى ئىلغار شەخس›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.8 d, K2 O# d. d7 h- ?% O5 `
  P( M8 T' U1 {9 h, ?
ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر مۇنەۋۋەر مائارىپچى ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن باتۇر دانى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن، 1980- يىلى ‹‹ كادىرلىق ئىمتىھانى ›› غا قاتنىشىپ، ناھىيەلىك ئورمانچىلىق پونكىتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇنىڭ شۇنىڭدىن بۇيانقى 31 يىللىق ھاياتى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، تىنىمسىز ئىزدىنىپ،كەشپىيات،تېخىنىكا ئىختىرا قىلىش، ئورمانچىلىق سېپىدە تىرىشىپ ئىشلەپ تۆھپە يارىتىش بىلەن ئۆتتى. ئۇ خىزمەتتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملىك پايدىلىنپ، تەكلىماكان چۆللىكىنىڭ غەربى شىمال قىرغىغىدىكى چەكسىز كەتكەن چۆل – باياۋاننى قىممەتلىك تەجىربىخانا قىلىپ، ھارماي-تالماي، زىرىكمەي-تېرىكمەي ئىزچىل ئەمىلىي تەجىربە ئىشلەش ئارقىلىق، قۇرغاق رايۇن ئىكىلوگىيە -مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 60 نەچچە تۈردە كەشپىيات ياراتتى ۋە تېخىنىكا يېڭىلىدى، 13 تۈردە پاتىنىت ھوقۇقى ئالدى. بۇ تۈرلەرنىڭ بەزىلىرى مەملىكەت، ئاپتونۇم رايۇن دائىرىسىدە ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى؛ يەنە بەزىلىرى دۆلەت، ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى؛ كۆپ قىسم تۈرلەر ھەرخىل شەكىلدە دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك بايلىق ئامبىرىغا كىرگۈزۈلدى.
. ?1 T+ }! Q+ `0 g
66_2011_dd9bb375cbb0b64.jpg
+ n$ x/ D5 z* T. i3 p
ئۇنىڭ كەشپىيات–يېڭى تېخىنىكىلىرى ئىچىدىكى‹‹ كۆچەتلەرنى توشقان غاجاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسى ››نىڭ ئومۇمىلىشىشى ياۋا توشقانلارنى نورمال ياشاش، كۆچەتلەرنى نورمال ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ياۋا توشقاننىڭ قاسىشى ۋە ئىلمىي بولمىغان مۇداپىئە كۆرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ زەخمىلەندۈرۈشى سەۋەبىدىن قۇرۇپ كەتكەن كۆچەتلەرنىڭ ئورنىغا تەكرار كۆچەت تىكىشتەك ھالەتكە خاتىمە بەردى. بۇ، ياۋا يوشقاندىن ئىبارەت بىر خىل جانلىق تۈرىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 16 مىليۇن مودىن ئارتۇق باغ بەرپا قىلىش پىلانىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىلىشىنى تېخىنىكا ئاساسى بىلەن تەمىن ئەتتى . 1997- يىلى رەسمى سىناقتىن ئۆتكەن‹‹ ئېكولوگىيىلىك ئۇسۇلدا كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقىتىش تېخىنىكىسى›› نىڭ ئومۇملىشىشى ھەر مو يەرگە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى چىقىمىنى ئىلگىرىكىدىن %70 تېجەپلا قالماي، ئادەم، ھايۋان ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى تۆگىتىشكە ھەمدە كېۋەز قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ھوسۇلىنىڭ ئىلگىرىكىدىن %15 ئېشىشىغا ئاساس سالدى. باتۇر دانى مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيىلىك ئۇسۇلدا كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقاتقان ھەمدە ‹‹ ئۈچ خىل ھاشارەت›› نى يوقۇتۇشنى ھۆددە ئېلىپ تاماملىغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى . بەش يىل سىناق قىلىش ئارقىلىق ئۈنۈمى كۈرۈلگەن‹‹ قۇش ئۇۋىسى مۇنارى›› 2008- يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە، 2010- يىلىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ شەرقى شىمال رايۇنلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن،ئەسلىدىكى چالما – كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا خىش- بىتون قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنىڭ ئالمىشىپ، ماكان قورۇلۇشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچىراش سەۋەبىدىن تەبئىي كۆپۈيىشى تىزگىنلىنىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇشقاچلارنىڭ پاناھلىنىش ۋە تەبئى كۆپىيىش جەھەتتىكى ‹‹ ماكان›› مەسىلىسى ھەل قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئىلىگىرىكى بىر مەزگىلدە قۇشقاچنىڭ سانى ھەر 10 مو بوستانلىققا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئاران 1.5 دانىدىن توغرا كېلىشتەك ھالەتتىن تېز ئېشىپ، ھازىرقى 7 دانىدىن 9 دانىغىچە توغرا كېلىشتەك ھالەت شەكىللىنىپ، قۇشقاچنىڭ ھاشارەتلەرنى يەپ تۆگىتىشتەك ھاشارەت يوقۇتۇش، ئېكىئولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش جەھەتتىكى رولى ۋە ‹‹تەبئى تالانتى›› نى قايتا نامايان قىلىشىغا شارائىت يارىتىلدى. نەتىجىدە، ھاشارەت يوقۇتۇش ئۈچۈن چېچىلىدىغان زەھەرلىك دورىلارنىڭ مىقتارى ئازىيىپ،دېھقانلارنىڭ چىقىمى تېجىلىش بىلەن بىرگە،ھوسۇلنىڭ مۇئاييەن مىقتاردا ئېشىشىغا ئاساس سېلىندى.
6 X; Y$ t- x& A' k* _$ I0 R5 h2 Q1 o+ ?0 S6 ~2 M- l
بۇلاردىن باشقا باتۇر دانى ياساپ چىققان «ئېنېرگىيە تېجەيدىغان كۆپ ئىختىدارلىق كاۋاپدان» ئېنىرگىيە تېجەش ۋە موھىتنى بۇلغىماسلىقتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن پاتىنىت ھوقۇقىغا ئېرىشتى ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچى-سىرتىدا كەڭ ئومۇملىشىپ، زور ئىقتىسادى، ئىجتىمائى ئۈنۈم ۋە ئېكىئولوگىيىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. يەنە بىر قانچە خىل كەشپىياتلىرىمۇ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بىر قىسىم جايلاردا قوللۇنۇلۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى داۋالاش ۋە ياۋايى ھايۋانلاردىن ئەۋرىشكە ئېلىش جەھەتلەردىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بۇ ساھەدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى...& W! J# c7 o6 l7 \

3 [' [9 g8 m* i4 I  d/ eباتۇر دانى ئۆز خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش بىلەن بىرگە، يېقىنقى يىللاردىن بويان ئورمانچىلىق كەسپى مائارىپى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، دېھقانلارنى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن كەسپى جەھەتتىن 100 سائەتتىن ئارتۇق تەربىيىلىگەندىن باشقا، يەنە ئاۋات، ئونسۇ ناھىيەلىرىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ 2 - دەرسخانا پائالىيىتى بويىچە پەن - تېخىنىكا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس سۆزلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بىر بۆلۈك يېڭى تېخىنىكىلىرى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلار ئىجاد قىلغان بىر تۈركۈم پەن - تېخىنىكا ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 1- ، 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى .
9 Q. @- `  d( I! H7 @" f. P
/ r* n, |/ a; B+ `# D& \9 pباتۇر دانى 2008- يىلى بىر يىل ئىچىدىلا بەش تۈردە پاتىنىت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە، ئۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ تاماملىغان بىر يۈرۈش 13 تۈرنى پاتىنىت ھۇقىقىغا ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلاندى ھەمدە يەنە بىر قانچە يېڭى مۇھىم تەتقىقات تېمىسىغا تۇتۇش قىلدى .
% e( `. u2 e# y8 n
& n# v0 Y7 f# u+ V2 Xكەشپىيات- ئىجاد ئوتىدا كېچە-كۈدۈز كۆيۈۋاتقان باتۇر دانى پەن-تېخنىكا ساھاسىدىكى يۇقارقىدەك زور ئىلمي تەتقىقات ۋە كەشپىيات نەتىجىلىرگە ئاساسەن كۆكسىگە شان - شەرەپ گۈللىرىنى تاقىدى. 1994 - يىلى مەملىكەت بۇيىچە « ئورمانچىلىق سېپىدىكى 15 نەپەر ياش مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا خادىمنىڭ بىرى »، 1996-يىلى ئاپتونۇم رايۇن بۇيىچە «مۇنەۋۋەر كەشپىياتچى »، 1997- يىلى مەمىلىكەت بۇيىچە « ئىلغار يېتەكچى »، 1999- يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە « مۇنەۋۋەپ سىنىپ يېتەكچىسى » دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن كۆپ قېتىم شان- شەرەپ مۇنبىرىدىن ئۇرۇن ئالدى . ئۇ ھازىر جۇڭگو ئورمانچىلىق ئىلمى جەمىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئالى ئەزاسى، جۇڭگو ئېكولوگىيە ئىلمى ئىلمى جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كەشپىياتچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مۇھىت ئىلمى ئىلمى جەمىيىتىنڭ ئەزاسى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ پەن- تېخنىكا ئالاھىدە خادىمى ۋە ئورمانچىلىق ئىنژىنىرى.9 a$ j$ F. k0 M0 W

( }' u7 g+ X  P8 r) L" `6 I6 m' B- ]& A/ U4 c, W4 S% }! J% m

. A) u$ w7 `$ G6 yمەنبە: ئۇيغۇر مەدەنىيتى8 L: v: i9 U# |; `" O, v+ E! J3 q

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

0

تېما

6

يازما

280

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
61 سەر
تۆھپە
34 سەر
تىللا
119 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-15 12:50:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىدەك تېما ئېلىپ كەپسىز  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗