ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1330|ئىنكاس: 1

ناخشا ئەلۋىدا پاھىشە قىزلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

116

يازما

2603

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
735 سەر
تۆھپە
472 سەر
تىللا
545 دانە
جەۋھەر
0 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنى

3d ئەلۋىدا پاھىشە قىز
$ T/ [9 [  w& nدوستۇم سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيسى قىلدۇرغان ئىدى .خىزمەت ئىشى بىلەن كوماندىروپكىغا چىقىپ كىتىپ ، ئۇنى يوقلاپ بۇلالماي تۇلىمۇ خىجىل ئىدىم .بىرسىدىن ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلاپ ، بۈگۈن پۈتۈن ئىشىمنى قۇيۇپ بازاردىن ئۇنىڭغا ئاتاپ كۆڭلۈمدىكىدەك نەرسىلەرنى سېتىۋالدىمدە ئۇنىڭ ئۆيىگە يول ئالدىم . 1 D) z( T/ H& m* R
ئۇنىڭ ئۈيىگە كەلسەم ئۆيدە ئۇنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپلا بىرئۇبدان يانفۇن تىجارىتىنى باشلىۋالغان ئۇكىسى مۇرات بارئىكەن .(ئەزەلدىن ئۇنىڭ چىچەنلىكىگە زوقۇم كىلەتتى شۇڭا ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدىم )ئۇنىڭ بىلەن تىنىچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن ئاكىسىنى سورۇدۇم .- ئاكام قىزدوستى بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتكەن، چوڭلارمۇ ئۆيدە يوق. ئاكا ئۇبدان كەپسىز يۇقاپلا كەتتىڭىز سىزنى سېغىنىپ قالغان ئىدىم – دېدى ئۇ قۇلۇمغا بىر ئىستاكان ئىسسىق چاينى تۇتقۇزۇپ . & W+ B/ z/ i' d( F- k; J
- سەن دۇكانغا باماپسەنغۇ- دېدىم ئۇنىڭغا ' f1 ^5 o* g) Y) }4 i
- بۈگۈن كەيپىياتىم بەك ناچار ئاكا شۇڭا بارغۇم كەلمىدى . 6 B/ a+ Q/ \1 [3 a$ L2 `
ئۇ، شۇگەپنى دەۋېتىپ بېشىنى مەيۈس لىڭشىتىپ قويدى . ھەيران بۇلۇپ سورۇدۇم – نېمە بولدۇڭ ماڭا دېسەڭ بۇلامدۇ ؟- ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە دەقىقە تىكىلىپ تۇرغاندىن كىيىن دېدى – ئاكا سىزگە بەك ئىشىنىمەن ،ئەسەرنى بەك ياخشى يازىسىز ،بۇلۇپمۇن ھېلىقى ‹‹ھىجران ›› ‹‹سەپكۈن يۈزلۈك قىز ››دېگەن ئەسەرلىرىڭىزگە بەك ئامراق مەن . ( w- ]! |: [, I' V1 \! s
- رەھمەت ...
1 O4 W% r4 m, Q! P8 @- ئاكا سىزگە ھۆرمىتىم بار ، كۆزۈمگە بەك ئىسسىق كۆرىنىسىز ، ئاكامنىڭ سىزدەك ياخشى دوستى بولغىنىدىن تۇلىمۇ خۇشال مەن .ئەمما بۇگەپلەرنى ئاكامغا دىيەلمەيمەن . ئاڭلىسام سىزدەك ئەسەر يازىدىغانلار تۇرمۇشنى بەك چۈشىنىدۇ ، نەزەر دائىرىسى كەڭ دەيدۇ ، بۇگەپلەرنى سىزگە دېسەم چۇقۇم ياخشى يول كۆرسىتىسىز، لىكىن ھېكايە قىلىپ يېزۋەتمەڭ جۇمۇ ...
, R) Z6 K! J! Z) d- بۇلىدۇ،ئاۋال دەپ باققىن قۇلۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن .مەنمۇ سېنى ئۆز ئۇكامدەك ياخشى كۆرىمەن . & ^! e3 W2 |" R# P% }
- قەسەم بىرىڭ ... & B! v+ d" |2 s) |. y. \8 ]% Y7 B
- نېمىگە ؟
4 ]- u& A( d. L1 v- بۇگەپلەرنى ھېچكىمگە دىمەسلىك توغۇرسىدا ...
" Q7 A( y, e1 k5 u1 Y- بۇ... 8 d  N5 G5 L: H2 U6 `6 X
- ئەمسە ۋەدىغۇ بىرەرسىز ... 3 H9 [9 n, B5 W4 `: p1 b% ?, f# q; ]
ئۇ مەندىن ۋەدە ئېلىۋالغاندىن كېيىن ، ئېغىزىنى ئاچتى – ئاكا مەن بىر پاھىشە قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . , x" d' ?3 g( E2 k+ ]  Y( N  I1 Y2 d
- نېمە ؟!
+ k5 \, x3 D5 A7 z3 O* [ئاغزىمغا ئەمدىلا ئالغان چاينى پۇرقۇپ چىقىر ۋەتتىم . – نىمە ؟...بىر...بىر پاھىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دېدىڭما ؟
+ v6 G* S9 l% G4 w/ z- m2 ~4 U- شۇنداق ئاكا ، ئۇنى ياخشى كۆرۈمەن ئۇنىڭ ئوتۇدا پۇچىلانغىنىمغا 1يىل بولدى. ئۇنىڭ بىلەن يۈرۋاتىمەن . ئۇنى ئالاي مىكىن دەيمەن . ئەلۋەتتە بۇ ئىشقا چوڭلار قۇشۇلمايدۇ. ئەمما ، ئۇلارغا دىيىش قارارىغا كەلدىم . ئۇنمىسا ئۇنى ئېلىپ قېچىپ كېتىمەن ... دوكاندىكى ماللىرىمنى قوشسام ئۆزەمنىڭ شەخسى مەبلىغى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ .بۇنداق قىلىشىمنى ھەممىڭلار قۇبۇل قىلالمايسىلەر ئەمما ،مېنىڭ كۆڭلۈمنىڭ ئۇنىڭغا قانچىلىك رام بۇلۇپ قالغانلىقىنى ، ئۇنىڭ قانچىلىك بىچچارە ئىكەنلىكىنى سىلەر بىلمەيسىلەر ، ئۇ بۇئىشلارنى قەستەن قىلماپتىكەن ، ئۇنى باشقىلار ئالداپ سېتىۋېتىپتىكەن . ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى يوق . ئۇ بەك بىچچارە ئاكا ... ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيدۇ .ئۇنى سۆيىمەن ... 2 e  Z& d, Y7 r  I# M5 S* @
ئورنۇمدىن چاپراپ تۇرۇپ كەتتىم – ھەي سەن قىززىپ قالمىغانسەن توۋا ماۋۇ بالىنى ، قانچە ياشقا كىردىڭ بۇيىل سەن ...
9 v9 m( V( p9 T) F/ c-20ياش
( Y; O1 W3 n2 V7 ~; {- مانا 20ياش دېگەن خېلى ئەقلىگە كەلگەن يىگىتنىڭ يېشى ، كاللىسى ئىشلەيدىغان بالا بولدى دەپ سەندىن سۆيۈنۈپ يۈرسەم ،نېمە دېگىنىڭ بۇ ،مېنى گەپكە سېلىۋاتمايدىغانسەن ؟
0 j. {" |8 O0 V8 L) T4 M& s: S$ n( {- ياق.سېنى قانداقمۇ گەپكە سالاي ئاكا ، بۇگەپلىرىمنىڭ ھەممىسى راس ، ئۇ ھازىر مېنىڭ تىزراق ئاتا- ئانامنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ تويۇمىزنىڭ بۇلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتىدۇ ...
; q0 J5 C: ]) K: [/ T7 c- ئۇ... ئۇ نېمە قىلىدۇ ھازىر ...
+ N" T. c2 ^7 C/ g- بىلمەيمەن . : Y; ^, e9 G- P, o/ S3 r# _
- مانا... بىلمەيمەن دېگىن ئۇ شۇيولدا مېڭىۋاتقاندۇ تايىنلىق يەنە ...
  A& ]* x* B5 c/ o- G/ R- [- ياق ،ئۇ ماڭا ۋەدە بەرگەن ،ئۇيولدا ماڭمايدۇ .ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن تۆۋە قىلىپ ،بەش ناماز ئوقۇيدىغان بولغان .
* G# H0 T2 \$ R7 f* h/ n- ئۇنىڭ ھازىر نەدە تۇرىدىغىنىنى ، نىمىش قىلىدىغىنىنى بىلەمسەن ؟
( h- R, D* ~: v) w3 [4 r0 }* x5 A- ياق ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تېلفۇنلىشىپ تۇرىمەن .ئىككى- ئۈچ كۈندە بىر قېتىم كۆرىشىمەن ،پۇل بىرىمەن . ئۇبەك ئۇماق ئاكا ... كۆرسەڭ ئۇنى سەنمۇ ياقتۇرۇپ قالىسەن . ئۇنى چۇقۇم ئالىمەن .   ?( ^1 Q- k5 w
- يۇم ئاغزىڭنى !! ئۇ...ئۇسېنى ئالدايدۇ . ئەمىليەتتە ئۇلار ئۇنداق ئاق كۆڭۈل ئەمەس، ساددا ۋىجدانلىقمۇ ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ئۇنداق ھېكايىلىرى ساماندەك .كۆزياشلىرى ھەممىسى سۈنئى ... سەن بۇگەپنى ئىككىنجى ئاغزىڭغا ئالما ، كاللاڭنى سىلكىۋەت ! بولمىسا ئۆزەم ئۇبدان سىلكىپ قۇيىمەن جۇمۇ ... بۇگەپلەرنى ئاتا-ئاناڭغا دىگۈچى بولما ئۇلارنى مىڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلسۇن دېمەيدىغانسەن . 8 B3 G$ `# J5 I' q
- ياق ، ئاكا
. r' V9 h8 k' s, Aئۇنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى . / d8 T6 m, w5 u* w3 O: z) Y0 S
- سەن،مەن تېخى بۇتۇرمۇشنى ئۇنچە چۈشۈنۈپ كەتمەيمىز... مېنىڭمۇ بۇ تۇرمۇش توغۇرلۇق ئۆزەمگە قاراڭغۇ بولغان نۇرغۇن تەرەپلىرىم بار ، بۇ تۇرمۇش ،بۇھايات ، بىراقلا چۈشۈنۈپ بۇلىدىغان ئۇنداق ئاددى نەرسە ئەمەس ئۇكام ، بەلكىم ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ۋاقىتمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن ، ئادەملەر تېخىمۇ شۇنداق . بۈگۈن سەن بىرسىگە ئاش بەرسەڭ ئەتە ئۇساڭا تاش ئېتىشى مۇمكىن ... بۇلۇپمۇ ھېلىقى يالغان ياش تۆكۈپ ئۈزىنى قانداقتۇر ،غورۇرلۇق قىز كۆرسۈتۈپ بۇ يولغا مەجبۇرى كىرىپ قالغانلىقىنى ئېچىنىشلىق ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ ،سەندەك ساددا يىگىتلەرنى ئالداش كۇيىدا بۇلىۋاتقان پاھىشىلەر تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق ،ئۇلارنىڭ قۇلىدىن ھەر بالا كېلىدۇ . ئويلاپ باققىن ، ئۇلارنى تۇنجى قېتىم بۇيولغا باشقىلار مەجبۇرى ئېلىپ كىردىمۇ دەيلى ، ئۇلارنى ئاشۇلار مەڭگۈ مەجبۇرلاپ تۇرالامدۇ ؟ مونۇپول قىلالامدۇ ؟ بۇ قانۇنسىز جەمئىيەتمۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوقمۇن؟... ئەمىليەتتە بۇئىشلارنى ئاشۇلار خالاپ قىلىدۇ . بۇيولدىن قايتاي دېسە قايتالايدۇ لېكىن ئۇلارئۈچۈن ۋىجدان، غورور دېگەنلەر پۇلنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ .شۇڭا ئۇلار سەندەك بېلىقلارنى تۇتۇشقا تۇلىمۇ ئامراق. تېخى سەندەك ئىختىسادىي ياخشى يىگىتلەرگە ھىيلە –نەيرەڭلىرى بىلەن مەڭگۈ ئېرىشىشنى ئويلايدۇ . مېنىڭچە سېنىڭ ئۇ بىرنىمەڭنىڭ نىيتى يامان ،ئەمىليەتتە ئۇ سېنى ئەمەس ،پۇلۇڭنى ياخشى كۆرىدۇ . ئۇنىڭ رەسىمى بارمۇ سەندە ؟ : b$ K4 L( u! G
- بار ...
0 E% m* c! v3 A( e6 d: X9 c' V/ G- ئەكىلە مەن كۆرۈپ باقاي ... 9 r1 C8 s' p2 @' ~2 }
ئۇپورۇتمالىدىن بىر سۆرەتنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى . سۆرەتكە تەپسىلى قارىدىم . خېلىلا گۈزەل ئەمما كۆزلىرىدىن سوغوق نۇر چاقناپ تۇرغان بىر پاھىشە سۇس جىلمىيىپ تۇراتتى.
( t4 k, t  O" g- مانا قارا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر ۋەھىمە ، چىقىپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەتتە بولمىغانسەن –ھە؟!
4 L, ^( H9 t$ o$ d5 x! U* N, n- L1 h- توۋادە ئاكا ...
. x( y# O- E' Z- {8 h: r" l-راسمۇ ؟   C0 E7 A; l2 v; t8 J) o, e
- خۇدا ھەققى ،ئۇنى ئالىمەن دەۋاتسام ...
8 M8 M2 t" q; {% M# w- ۋاي يۇمە ئاغزىڭنى ، مەن بۇئۆيگە كېسەل يوقلاپ كېلىپ ،كېسەل بۇلۇپ قايىتماي ،گەپ ئاڭلىمىغان قۇلاقلىرىڭنى يۇلىۋېتىمەن بىكار ، ماڭە گەپنى ئازقىلىپ ئۇپاھىشىنىڭ يېنىغا مېنى باشلاپ بار ،بۇئىشنى ئۆزەم بىرتەرەپ قىلاي ... ) p9 F0 |* E6 n# M& P# L! k3 Q+ f
- ياق، ياق ئاكا ئۇنىڭ يېنىغا بارمىغىن ، ئۇنىڭ نەدىلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، ئۇماڭا مەن تېلفۇن قىلمىغۇچە ماڭا تېلفۇن قىلماڭ تۇققان يوقلاپ كورلىغا بارىمەن دېگەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بېرىپ نىمىش قىلىسەن ؟ 5 d  J) d. [( h, ?
- توۋا...توۋا نېمە قىلاتتىم .ئۇپاھىشىنى ئەدەپلەپ سېنى ئالداپ خەجلىگەن پۇللارنى تۆلىتىمەن . 0 [; a, O" e' \" ]: i4 v8 s
- ياق ،ئاكا ئۇچۇقۇم ياخشى ئادەم بۇلىدۇ. ئۇنىڭغا ئازراق ۋاقىت بىرەيلى . كۆپمۇ پۇلۇمنى خەجلىمىدى بەش مىڭ يۈەن چىقارشۇ ...
5 |  r: k+ J9 u4 C* F+ l6 j& U- نېمە ئۇنىڭغا ۋاقىت بىرىپ نېمە قىلماقچىسەن ؟ ئۇنى يەنە ئالىمەن دېمەكچىمۇ ؟ باياتىن بىرى مەن تامغا گەپ قىلمىدىم جۇمۇ ئۇكام ... / V- X) c1 w# R, j' R2 y" Z
تۇلىمۇ ئاچچىق بىر تۇيغۇ مېڭەمگە تېپىپ تۇراتتى . مەن ئۇنىڭغا چىڭقىلىپ سۆزلەۋاتاتتىم . – سەن پۇلنى شۇنچە ئاسان تاپقانمۇ ، كۆپ پۇلۇمنى خەجلىمىدى داۋاتقىنىنى بۇنىڭ توۋا كاللاڭنى قاغا چۇقۇپ كەتمىگەندۇ ...
8 E, l* g' h: g! r  L3 ?- كاللام ساق لېكىن كۆڭۈل ... . g6 x$ u# }/ T6 {, R
- قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق كۆڭۈل ،ئاتا-ئاناڭغا دىسەم شۇتاپتا ھە...
) K3 O7 b( }. r( u4 f% ?0 `- دىيەلمەيسەن . L+ D7 H! q! N8 w% C/ H' y! P
- نىمىشقا ؟
! q* b# @5 c+ ?. o0 Z, v3 P- مەن سېنى يازغۇچى ئاكام دەپ چوڭ بىلىپ ئىشىنىپ دېگەن بۇگەپنى ،ھەم سەن ماڭا ۋەدە بەرگەن ...
; s# M8 d) y4 g# z5 U! y- خەپ سېنى ،لېكىن بۇئىشنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشمىز كېرەك بولمىسا ،كۆڭلۈم بىرمىنۇتمۇ ئارام تاپمايدۇ مېنىڭ ... : n& L0 F; s* r7 G
- ماقۇل ئاكا ماڭا ئازراق ۋاقىت بەر ،مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋېتىمنى چۇقۇم ئۈزىمەن . ساڭاۋەدە بىرەي ، بۇلامدۇ ؟
5 d5 d9 S* a% r( [3 c7 `1 e7 l9 v- ئەركەكقۇ سەن –ھە؟ * k# d0 j  n) r& A8 q
- ئەلۋەتتە . j: g$ v# a3 m6 u; I
- ئەمىسەۋەدەڭدە تۇر،قانچىلىك ۋاقىت بىرىمەن .
1 ?6 k& B0 ^" F5 h$ `3 k9 a3 ~2 Q- بىر ئاي - z  n1 z; U: }" F
- ئوجۇن ياق !!
. S- a3 o4 ]" B" z+ `1 c) ?-ئەمىسە قانچىلىك ؟ 6 L1 U" b9 j& d! t8 w# E0 w
- 10كۈن ; ?7 l% M9 u' Y6 x( c# c
- بەك ئازمۇ نېمە بۇۋاقىت ،سەن بىرىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغانمۇ ؟ * M; i* u/ u) E( S+ n  B1 D
- ياخشى كۆرگەن # k2 Q5 \2 W# N& p( |% d+ b
- ئۇنتۇش ئاسانمۇ ؟
8 Y+ p- E% A. e, U1 S; S( b- ياق & l% X0 M0 e+ I8 n
- ئەمىسە ماڭا نىمانچە ئادالەتسىزلىك قىلىسەن ؟
8 b, I7 w% }( T0 j( y- مەن ياخشى كۆرگەن قىزغا سېنىڭ ياخشى كۆرگىنىڭ ئوخشامتى ...
" f+ ~- e5 ]" ^" }- ھەر ئىككىلىسىنىڭ يۈرىكى گۆشقۇ ...
: }# a# c3 y% i. G& U- لېكىن، سەن ياخشى كۆرگەن يۈرەك قاپقارا بىلدىڭمۇ !؟مىنى جىلە قىلىپ ئۆلتۈرەي دەمسەن ؟ 0 Q( B+ F3 c# R* F6 c+ Q" x
- ياق،كەچۈر ئاكا ...
3 L  I; y' p) O1 ]& k& j- ئەمىسە تۇلا ئاتكاچىلىك قىلما بولمىسا ،ئاران بېسىپ تۇرغان ئاچچىقىمدا ئۇرۋەتمەي $ T3 B! x/ P# s: [: F
- ...
) P5 U6 c, T$ R% C9 p- بۇ نەرسىلەر ئاكاڭ ئامراق نەرسىلەر ،ئۇكەلگەندە بىرىپ قوي ،مېنى ئالدىراپلا كەپتىكەن كەتتى دېگىن ، ئەسلى ئۇنى ساقلىسام بۇلاتتى. لېكىن بۇيەردە تۇرىۋەرسەم سەن مېنى ساراڭ قىلىپ قۇيىدىغان ئوخشايسەن، ئۆيگە بېرىپ مۇزدەك سۇدا يۇيۇنۇپ سەگىۋالاي ...سەن بىلەن 10 كۈندىن كىيىن كۆرىشىمەن . ئۇ پاھىشىدىن ھېساپنى قانداق ئالىمەنكىن قاراپتۇر، دېگىنە يانفۇن نومۇرۇڭنى ... . {: {/ i; p  C- @6 q2 y( h
-****1389922 ! g2 F8 Z/ H) j' z4 J2 y& K' s
- ئەمىسە 10 كۈندىن كېيىن كۆرىشەيلى خوش ... 6 [# k2 F) K/ m) h
ئۇ مېنى ئۇزۇتۇپ چىقىپ كەينىمدىن خېلى ئۇزۇن قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كىرىپ كەتتى .
" r" \- g. `+ E+ x. X3 f$ r# Gئارىدىن 5كۈن ئۆتۈپ ئالىي مەكتەپتە يېقىن ئۆتكەن بىر ساۋاقدېشىم كىلىپ قالدى . ئۇنىڭ بىر ئادىتى بارئىدى. چوڭلارنىڭ ئالدىدا پەقەت ئەركىن بۇلالمايمەن دەپ ،ئۆزىنى قاچۇرۇپلا يۈرەتتى . بەك خىجىلچان ئىدى . مانا ھازىرمۇ ئۆيگە ئەكىرىمەن دەپ شۇنچە تۇتقۇنۇمغا ئۇنىماي ، مېھمانخانىدا ياتىمەن دەپ تۇرىۋالدى ، چەكسىز تەڭلىك ۋە خىجىللىق ئىچىدە، ئۇنىڭ بۇتەلىپىگە كۆنمەي بولمىدى . بۇجاھىل ساۋاقدېشىم ئاخىرى مېنى يەڭدى .ئۇنىڭغا ‹‹ ئاققۇ ›› مېھمانخانىسىدىن ياتاق ئېلىپ قۇيۇپ ،كەچلىك مەنزىرە تاماششا قىلىش ئۈچۈن كوچا ئايلاندۇق . تۇرمۇش، مۇھەببەت ، خىزمەت توغۇرسىدا كەڭ كۇشادا پاراڭلاشتۇق، ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا كۆپۈنچە پىكىرىمىز بىريەردىن ،چىقاتتى .تۇرمۇش قارشىمىز ئوخشاپ كېتەتتى ،يەنە كېلىپ ھەر ئىككىلىمىز كىتاپ خالتىسى ئىدۇق . كەيىپ -ساپا دېگەن نەرسىلەرگە قىزىقمايتۇق . شۇڭلاشقا يېقىن ئۆتەتتۇق . لېكىن تەغدىر ئوقۇشىمىز پۈتكەندىن كىيىن ئىككىمىزنى ئىككى ياققا ئايرىدى .يۇرتىمىز ئارىسىدىكى ئۇزاق مۇساپە بىزنى يىلدا ئاران بىرەر قېتىم كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە نائىل قىلاتتى . كەچلىك تاماقنى بىللە يەپ ياتاققا كەلدۇق. ئىشىككە ئەمدى ئاچقۇچ سېلىشىمغا يان ياتاقتىن ، بىرقىزنىڭ بىر ئەربىلەن قاتتىق ۋارقىراشقان ئاۋازى ئاڭلاندى . - v- P" J$ O  {8 q' K
ئارقىدىنلا بىرنەرسىلەرنىڭ ئۆرۈلگەن ، نېمىلەرنىڭدۇر چېقىلغان ئاۋازى كەلدى .
0 z0 T9 v1 c5 H  A$ U% q+ s- مەن سەن جالاپقا 200كوينى بىرىپ ئەكىرگەن بۇياتاققا نەگە كېتىسەن نەگە ؟
/ N. v& s- p' |  o7 Y+ l. k- R1 d- مەن سەن بىلەن سائەتلىكىنى دىيىشىپ كىرگەن ، باياتىن بىرى كالىدەك پۇشۇلداپ ئۇخلاپ ئىشىڭنى بىجىرەلمەي نىمە دىمەكچى سەن ، بىركېچە ياتىمەن دېسەڭ يەنە 300كوي بەر ، بولمىسا ھۆپۈپۈپ كۇش... ئۈجمەڭنى يە، يەنە خىرىدارىم بار مېنىڭ يولۇمنى توسما، ھېلى ئادەملىرىمنى چاقىرسام قارنىڭنى ئىشىۋەتمىسۇن جۇمۇ ... $ @+ _$ D5 y# K+ z8 ]
- مانا ئىشە قارنىمنى جالاپ ...
% {) x8 P0 n; oئەر قىزنى قاراسلىتىپ ئۇرۇپ كەتتى . قىز ‹‹ئانا !›› دەپ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىۋەتتى . گەرچە باياتىن بولغان گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇقىزنىڭ قانداق قىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغان بولساممۇ ، يۈرۈكۈمنىڭ بىريەرلىرى ئېچىشتى . ئارقىدىنلا ئۇلار ياتاقتىن كارىدورغا سۆرىشىپ چىقتى . تىركىشىشلەر ئەۋجىگە چىقتى.ئىختىيارسىز ئەرنىڭ قاتتىق تىپىكىدىن يەرگە يىقىلغان قىزنى يۈلەپ تۇرغۇزىۋېتىپ ، كۆزلۈرۈم بىردىنلا قىزنىڭ سوغوق نۇرچاقناپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى .‹‹ توۋا نەدە كۆردۈم بۇ سوغوق كۆزلەرنى ، ئەجەپ تۇنۇشلىغۇ ...›› قىزغا تەپسىلى قارىدىم 18 ياشلار چاممىسىدىكى چاچلىرىنى ئالا بۇلماچ بۇيىۋالغان ، جاڭگۇل –جۇڭگۇل كېينىۋالغان بۇقىزنىڭ سوغوق كۆزلىرى بىلەن كۆزلۈرۈم يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى ... نەدە،زادى نەدە كۆردۇم بۇقىزنى ... # @8 B' g4 h5 b2 q  I
توغرا ئەجىباشۇمۇدۇ؟ خىياللىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ بولغۇچە دۈمبەمگە قاتتىق بىر مۇش تەگدى – ئۆتە خۇمسى بۇياققا ئىشىمغا ئارلاشماي !!
, s- v+ @0 o' M! v$ k- E% n6 w0 Z, Mئۆزەمنى ئوڭشاپ ،بو يولسىزغا گەپ قىلىپ بولغۇچە ساۋاقدېشىم باشلاپ كەلگەن ئامانلىق قوغدۇغۇچىلاركېلىپ ئىشنى بېسىقتۇردى . كاللامغا كەلگەن چاقماق تىزلىگىدىكى پىكىربىلەن مۇراتقا تېلفۇن قىلدىم .
4 z. \, U7 V; ]# A, I- ئۇكام نەدە سەن ؟ * }' K7 K. `3 L/ w: g& ?
- مەن كەچلىك بازاردا دوسلۇرۇم بىلەن تاماق يەۋاتقان ئاكا
; p* x: }; A, t" Q- ھە ئارلىقىمىز يېقىنكەن ،دەرھال تاكسىغا چىقىپ كىرىپ ‹‹ ئاققۇ مېھمانخانىسى››غا كىلە جىددى ئىش بار ... ( y/ n7 `: y* O2 Z. l, ?4 W
- ماقۇل ئاكا ھازىرلا بارىمەن . + f( b, I. X* R5 c
ئامانلىق قوغدۇغۇچىلار ،قىزبىلەن ئەردىن بىردەم ئەھۋال ئىگەنلىگەندىن كىيىن ، ئۇلارنىڭ ساقچىخانىغا مەلۇم قىلماسلىق توغۇرسىدا ئېيىتقان تەسىرلىك گەپلىرىدىن تەسىرلەندىمۇ قانداق ، ئۇلارنى قۇيىۋەتتى . مەن ساۋاقدېشىمغا ياتاققا كىرىپ ئارام ئېلىپ تۇرۇشنى ئېيتىپ قىزنىڭ كەينىدىن چىقتىم . ئەمدىلا تاكسى توسۇپ ماڭماڭچى بولغان قىزنى تەستە چاقىردىم .- توختاپ تۇرسىڭىز ...
  Q9 D  M/ @1 W2 w/ @قىز ماڭا لەپپىدە بىر قارىۋېتىپ يېنىمغا كەلدى – كەچۈرۈڭ، بۈگۈن كەيپىياتىم بەك ناچار مېھمان كۈتەلمەيمەن. پۇلنى جىقراق بەرسىڭىز ئويلىشىپ باقىمەن . # V$ c5 v! Q6 s' g* |/ J! t
ئۇنىڭ سوغوق كۆزلىرىگە قاراپ نېمە دىيىشنى بىلەلمەي تۇرغۇنۇمدا ، يېنىمدىلا بىر تاكسى چىرىتلا قىلىپ تۇرمۇز تۇتتىدە، ئىچىدىن مۇرات چۈشۈپ قاققان قۇزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدى . ! b2 r% ^- \2 p
- ئاكا بۇنېمە ئىش؟ تۇرسۇنئاي بۇ...سەن ؟ ' X8 z4 Q3 F; N7 i6 N2 U9 o) J$ r
قىزنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتتى .ئۇگەپ قىلالماي قالدى. 2 i) D+ h$ R! j0 L
- ئۇكام بىرساۋاقدېشىم كەپتىكەن .ئۇنى مۇشۇ ياتاققا ئۇرۇنلاشتۇرغان قارىسام بۇقىز بىر ئەر بىلەن بەك ئۇرۇشۇپ كەتتى . كېيىن ئۇنىڭ باھا تالىشىپ ئۇرۇشۋاتقىنىنى بىلدىم . يىقىلغان يىرىدىن يۈلەپ تۇرغۇزىۋېتىپ ،ئۇنى بىريەردە كۆرگەندەكلا قىلىپ قالدىم . سەن كۆرسەتكەن سۆرەتتىكى قىزغا ئوخشاتتىم . لېكىن جەزىم قىلالمىدىم . شۇڭا سېنى بۇيەرگە چاقىرىتقان پەرىزىم خاتا ئەمەسكەندە ، تېخى سەن كەلگۈچە ئۇنى تۇتۇپ تۇراي دېسەم ، كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس ، پۇلنى جىقراق بەرسىڭىز ئويلىشاي دەۋاتىدۇ ،توۋا... مانا سەن ئالىمەن دېگەن قىز... ئۇنېمە ئىلشلارنى قىلىپ يۈرۈيدۇ . ) s' E0 w: A. x; ]* O
مۇرات ئۇنىڭ تەستىكىگە بىرنى سالدى – ھەي پاسكىنا قېنى ۋەدەڭ ؟‹‹جېنىم بۈگۈندىن باشلاپ ئۇ ئىشتىن قول ئۈزىمەن . بىز توي قىلايلى ،سىزگە مەڭگۈ سادىق بۇلىمەن›› دېگەن ئىدىڭغۇ ...ساڭا تاغدەك ئىشىنىپ يۈرۈپتىمەن . بۇ ئاكامغا مەسلىھەت سالسام بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋېتىڭنى ئۈز دېگەن .ئۇنىڭغا ماقۇل دېگىنىم بىلەن ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلىپ ، دۇكاننى ئالىدىغان خېرىدارنىمۇ ئۇقۇشۇپ بولغان ،سەن بىلەن نىكاھ قىلىپ،سېنى ھالال جۈپتۈم قىلىپ ،بىر كېچىدىلا بۇ يەردىن كىتىشنى قارار قىلىپ بولغان ئىدىم .چۈنكى ئاتا- ئانام بۇنى قۇبۇل قىلالمايتى . مەن سەن ئۈچۈن ئاشۇ توختىماي تۆككەن كۆزياشلىرىڭ ئۈچۈن ،ھەممىنى قۇربان قىلىش ئالدىدا تۇراتتىم . ئەپسۇس سەن ماڭا تۇققان يوقلىغىلى كورلىغا بارىمەن دەپ قۇيۇپ ، گوداڭ يالىغان ئىت خۇيىدىن قالماپتۇ دەپ، بۇيەردە جالاپلىق قىلىپ يۈرۈپسەن .پۇل دېسەڭ قاچان بەرمىدىم . بىر ساپ يۈرەكلىك يىگىت بۇرۇنقى قىلمىش، ئەتمىشىڭنى تىلغا ئالماي سېنى كەچۈرۈپ ھالال جۈپتۈم قىلاي دەۋاتسا،سەن ئۈچۈن ھەممە نېمىسىنى دوغا تىكىۋاتسا ،ساڭا بۇلارمۇ يەتمەي يەنە شۇ كوچىدىمۇ سەن پاسكىنا !! ئىسىت سەن بىلەن نىمىشقا تۇنۇشقان بولغۇيتۇم ، بەلكىم شۇكۈنى نايناقشىپ دۇكۇنۇمغا يانفۇن ئالغىلى كەلمىگەن بولساڭ ، سەن بىلەن تۇنۇشماس ،بۇنچە ھىجرانلارنى تارتماس ئىدىم . ئىسىت ساڭا قىلغانلىرىم ... مېنى خۇدا ساقلاپتۇ.مىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىم يەنىلە ئۆز ئۆيۈمدىكەن . تاس قاپتىىمەن .سەندەك بىر مەخلۇققا ئۇلارنى تىگىشىۋەتكىلى. ..يوقال !! كۆزۈمدىن يوقال !!! 5 q# m1 q" N+ J: L
قىز مۇراتنىڭ ئالدىغا يۈكۈنۈپ يامغۇردەك ياشلىرىنى قۇيۇۋەتتى – مۇرات كەچۈرۈڭ ،سىزنى ئالدىغىنىم راس ، بىراق سىزنى سۆيىمەن ... ماڭا مۇشۇ بىر قېتىم پۇرسەت بىرىڭ ...مەن چۇقۇم ئۆزگىرىمەن .ئاتا- ئانام نامراتتى شۇڭا ...ھۈ...ھۈ...ھۈ...
) q  R% l* c, r. a- ۋاي خۇدا، سەن ماڭا مېنىڭ ئاتا –ئانام ئۈلۈپ كەتكەن دېگەنغۇ ؟... 7 P6 m' @3 {3 W
- قاچان مېنىڭ ...مېنىڭ ئېسىمدە يوق.
6 {* i& d1 y' |' f0 D- يوقال يالغانچى ،بولدى يالغان يېشىڭنى تۆكمە ...سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق . 8 H3 S  x) ]  T$ s7 S. \
قىز مۇراتقا بىردەم يالۋۇرغاندىن كىيىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، ئالدىرماي سومكىسىنى ئېچىپ قولياغلىقىنى ئالدىدە يېشىنى سۈرتىۋېتىپ دېدى – خى مۇرات دەپ قويسام ھالىنى بۇسويمىنىڭ ،ئاچاڭنى بوش چاغلىما ،بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا تۆكىدىغان بىكار يېشىم يوق .ھېلىمۇ ياش ئاققۇزۇش دورىسىنى تۇلا ئىشلىتىپ كۆزۈم تورلىشىدىغان بۇلۇپ قالدى . مەن نەگە يۇقىلاتتىم .سەن يوقال!! كىم ،كىمنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان ئەمدى ھالىنى بۇنىڭ، خان ئاچاڭنىڭ كەينىدىن يۈگرەيدىغانلار جىق جۇمۇ ماڭقا ، ماۋۇ دەللال ئاكاڭ نەدىن پەيدا بولدى ئەمدى ،چاتىرلىققا چىققان سۆگەلدەك پىلانىمنى بۇزۇپ ... تېخى ئۇرۋاتىسىنا مېنى قاراپ تۇر بۇھېساپنى ھامان ئالىمەن .ساڭا تەگمىسەممۇ گۈلدەك چىرايىم بىلەن ھامان بىرسى ئالىدۇ مېنى ...ئاڭغۇچە كۈندە نەچچىنى يولغا سېلىپ ،پۇل تېپىپ ئويناپ –كۈلۈپ ياشايمەن تازا .قانداق ئىچىڭدىن ئوت كەتتىما ؟ شادىمانيو ، شادىمانى ...ھا...ھا...ھا... 1 P9 P# ]" I) I
- يوقال بۇزۇق!!!
3 k1 l# j% t$ j/ Oقىز غىتىلداپ مېڭىپ بىر تاكسى توسۇپ يەرگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈردىدە يۈرۈپ كەتتى . 0 @4 ]7 P9 _6 a  ~' T: q
مۇرات ماڭا يۈلەنگەن پېتى تۇرۇپ قالدى . ئۇنى باغرىمغا باستىم – بولدى كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما ئۇكام ،شۇنچە تەربىيە قىلسام ئاڭلىماي ، تاس قاپسەن ئۇنىڭ بىلەن كەتكىلى ... سېنى خۇدا ساقلاپتۇ ئەسلىدىنلا پىشانەڭ ئوڭ بالىدە سەن . ئاللا سەندەك دىلى ئاق بەندىلىرىنى ئازاپتىن يىراق قىلسۇن ئىلاھىم ، ساڭا چۇقۇم ئىمانلىق گۈزەل بىرقىز نىسىپ بۇلىدۇ ئۈمۈدۋار بول...
9 {) W/ G7 {4 D6 ]3 B6 a$ r- u6 I- ماقۇل ئاكا ، چۇقۇم دېگىنىڭدەك قىلىمەن . مېنى كەچۈرگىن بۇلامدۇ ؟ 3 U. _# N0 R6 n6 F8 s! A
- ئاكا – ئۇكا ئوتتۇرسىدا كەچۈرۈم سوراش بولمايدۇ ،پەقەت مېھرى- مۇھەببەتلا بۇلىدۇ . 9 j! Y) P/ W: M6 g8 _) C
- رەھمەت ئاكا
. T# j8 h, ?2 F- بۇنىڭدىن كېيىن ئەقلىڭ بىلەن ئىش قىل جۇمۇ ؟
/ ~2 W) x0 Z- X- ئەلۋەتتە سەندەك يول باشچىم تۇرسا، راس ئاكا بۇئىشنى ھېكايە قىلىپ يازساڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ياخشى بىر ھېكايە چىقاتتى ،يازامسەن ؟
$ i5 `7 Q( Q1 U- بۇلىدۇ سەن خالىساڭ يازاي ،ئۆتكەندە ھېكايەقىلىپ يېزىشىمدىن ئەنسىرەۋاتمامتىڭ ؟ 6 C& {0 H8 R( i) d0 k7 d/ ?7 L
- ئۇچاغدىكى روھىي ھالىتىم بىلەن بۈگۈنكى ئوخشمايدۇ-دە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسمىمنى ئۆزگەرتىپ ئالارسەن ؟ 9 }. \, I7 \6 T
- ئەلۋەتتە ، ئوقۇرمەنلەرگە دەيدىغان قانداق سۆزۈڭ بار يەتكۈزۈم قوياي
! x5 N0 G& M5 r; @ئۇ،بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى – مەيلى ئۇ كىم بۇلسۇن ، چىرايىغا گەپ سۆزلىرىگە ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ يۈرۈكۈنىڭ نېمە دەپ سوقۇۋاتقىنىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىڭ ...
6 C: R/ z9 B, U8 O! R4 d8 {$ W) ~6 u- يەنىچۇ : u6 }! B* i  n0 M8 k
-ئەلۋىدا پاھىشە قىز. ئەمدى يېشىڭنى تۆكمە ، سەبىي ناتىۋان يۈرەكلەرگە ئىبلىس قۇلۇڭ بىلەن چاڭگال سالما !!! ; H5 L- H8 Q5 y0 I+ {0 T5 x& `
- يارايسەن ،يۈرە بۈگۈن بىز بىلەن بىللە ياتقىن ، ئاكاڭغا مەن تېلفۇن ئۇرۇپ دەپ قۇياي . ساۋاقدېشىم بىلەن مۇڭدىشىمىز .ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرۈكۈڭ شۇتاپتا بىر ئاكىنىڭ ئىللىق مېھرىگە ، تەسەللىسىگە مۇھتاج ، جاراھەتكە مەلھەم كېرەك .
, P, M/ I! F: L, Q' V+ f- ئاكا ،مېنى ئاجايىپ چۈشىنىسەن –ھە!؟ ; O3 F+ z+ T- Z9 h/ L
- ئەلۋەتتە ئۇكام تۇرساڭ ... 6 A& B! z8 c0 Z9 X6 e( {; [
ئۇقولىنى ماڭا سۇندى . مەن ئۇنىڭ قولىنى مېھرىم بىلەن مەھكەم سىقتىم ..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karlaylisi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-1 14:04  
4 h; f' N( N) t% z5 N; w
, C, B9 [: c3 l9 S, y( ]' I# Xدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

6

يازما

280

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
61 سەر
تۆھپە
34 سەر
تىللا
119 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-19 11:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى ئىپادىڭىز يامان ئەمەس,رەھمەت قېرىندىشىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗