خەۋەر
* {4 b. b* }; _9 s; }% Bئابدۇۋەلى ئايۇپ ' j- ]/ P4 x ?2 n4 V
3 F; y- t. G: p+ ]% @. @- ^3 Jمەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسىرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقىي مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ. ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام، مەنمۇ تەربىيىسىز قالاركەنمەن. زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك، بىر خىللا ئىدىيىلىك،بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سىستېما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق.ئۇلارتېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار ئىسلاھات دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نۇقتىغا يىغىش مۇمكىن.
2 W1 ?# p) ^0 {; O H8 d% e7 W9 s) Z5 V/ L/ W
1-باب: ئۇيغۇرمائارىپىدىكى «ئىسلاھات»قا ئىزاھات
7 F+ D( `' D2 ^# n8 z6 vئۇلاربىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرممە نەچچە يىل بولدى دەپ ماختىنىدىكەن،ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ. بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن. مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ.بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىسىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىل نىشانلىق ئوقۇتۇش دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا، كېلەر يىلى ساپا مائارىپى دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن،ھازىر «ئېمتىھان مائارىپى» دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلسا، ئەتە تۇرۇپلا ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىلىلىرىدىكى پېداگوكى بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازاراغا سالىدىكەن. مەھمۇت قەشقىرى، نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى... قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيىلەش تەجربىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى، كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغا ئىسىلىۋالىدىكەن. ئىسلاھات دەپ كۈچىگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلاماسلىشالمايدىكەن. ئەقەللىيسى،فىزىكا ئوقۇغانلار ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغان شال بىلەن بۇغداي مايسىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن. باشلىق كۆپەيتىش-ئۇلار دېگەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىرتەركىبى قىسمى ئىكەن.«ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ»دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانلىدىكەن. ئادىمى يۈزگىمۇ يەتمەيدىغان مەكتەپنىڭ 8-10 نەپەر مۇدىرى بولىدىكەن. بۆلۈم، گۇرپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر ... دېگەنلىرىنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40-50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن.5 Z+ i( j5 Y: T6 w" U
باشلىقلاركۆپىيىپ تۇرغىنى بىلەن«ئىخچاملاش»نى ئېغىزدىن چۈشەرمەسلىك ئۇلارغا ئورتاق ئۇدۇم ئىكەن. ئىخچاملىدۇق دەپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر تالاي مەكتەپلەرنى زورمۇ-زور بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات كېلەڭسىزلىشىپ ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ.«شتات قىسقارتىمىز»دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىقىپتۇ. ئۇلارشتات قىسقارتىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا «شتات قىسقارتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» دەيدىغان مەخسۇس شتاتلىق ئورگاننى كۆپەيتىپتۇ. a- n) |7 d3 p5 Z
ئۇلارنىڭ «ئىسلاھات»دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى - ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىكەن
- q' }! y) F" \+ ^3 o3 p2 Q7 u# ?
قىسقىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مائارىپ ئەندىزىسى يوق ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ مائارىپىدا ئىسلاھاتنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەر يېڭىلىق بار دېيىلسە ئۇ خورىتىش ۋە قورقۇتۇش ئىكەن! 2 M8 ~7 X0 l9 w2 ?7 c
0 ^+ e, m" X- f* ~
2-باب: خورىتىش
; ?/ Y& ?2 i+ p0 p$ ^; r, I; B! ~9 H8 c: M3 ^
ئىنسانىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت - ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش. بۇ ئاز ئىشلەپ،كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلىك.1 l% c$ T1 w( B ?3 d1 u5 p
لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىپتۇ.6 \5 \4 L+ H, v
ئۇلار«ئىسلاھات»دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشىنىدىكەن. ئۇلاردائوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ.دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانلىلىدىكەن. شۇڭا ھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇتوغرۇلۇق باش قاتۇرىدىكەن.كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە،يېڭىدىن-يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا،شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن. بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ، ئون-ئونبەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىرمۇدىرئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپ تەربىيەچىلىرىنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۈچىنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن. 6 f* P* v% v( z! G! `& h, A
ئوقۇتقۇچىلاركېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىزجەدۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن. ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگەدەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسىپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.
2 n1 h3 I6 ~4 Xئۇلارنىڭ«گۇرپپا باشلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن.ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىشىمۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن. شۇڭا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە،پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە،دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن. 8 Y7 m3 k7 F1 D7 H; s* n
مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ دەرسلەرنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ غەلىتە ئىكەن. ئۇلارئالدىن بېكىتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى مەخسۇس دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن. بارلىق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ دەپتەر بويىچە دەرس ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن، يەنە كېلىپ ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا مۇقىم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چىكىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدىكەن، دەرس ئۆزلەشسۇن،ئۆزلەشمىسۇن مۇشۇ ۋاقىت بويىچەقىلىپقا چۈشۈرۈپ دەرس ئۆتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىدىكەن.سەل چوڭقۇرلاپ كەتكىنى بېكىتىلگەن ئۆلچىمىگەچۈشمەي قالىدىكەن-دە، لاياقەتسىزباھالىنىدىكەن.- f( U2 u) c8 I7 U! P# T) q
شۇڭاھەممە ئوقۇتقۇچى بىر ئادەمدەك دەرس ئۆتىدىكەن. ھېچقايسىسى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن.
* }! F, h7 _/ _) Tتېخىمۇقىزىق بولغىنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سوبىكتىپ جەريان قېلىپلاشقان، مېخانىك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ.
" N$ R# n& S6 @يىلبويى ئارام ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى يەنە بىر ئىسلاھات ئىكەن. مەكتەپلەرئوقۇتقۇچىلارنى قىشۇ-ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي،تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالىدىكەن. شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەۋىرىدىكەن. قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس...قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك...دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ئەلدىكى ئىلى، ئاقسۇ،قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئەللەرنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدەتالاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
+ h% X) H0 i; W6 X, ]8 gئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل مۇشۇئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدىكەن. دوكتور، يازغۇچى، تەتقىقاتچى...دېگەندەك كەم تېپىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ تۈرلۈك شەكىلۋازلىقلىرىغا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن. بۇ شەكىلۋازلىققاچىداپ ئىشلىگەنلىرى بولسا بەش-ئالتە يىلغابارمايلا بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە ئۆلچەملىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەتتىكى «مۇئەللىم»گەئايلىنىدىكەن. بۇ نېمە دېگەن ئېغىرپاجىئە-ھە!؟
# t% x6 P/ s! S/ }- A6 @شۇڭادەيمەن، ئۇلاردا ھەقىقىي مائارىپيوق. ئىسلاھات يوق. قەستەن خورىتىشلا بار ئىكەن!
# S( K# f$ g+ Y' l: r! H8 V0 j
9 G c+ [8 z9 o5 X0 {1 _3-باب: قورقۇتۇش
1 s! G$ D& j$ {' j" }; q# Lئەقىللىق باشلىققا نىسبەتەن دۇنيادا ئۇنىڭ باشقىلارنى قورقىتۇپ ئىشلتىشىدىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك.
& W% K/ C0 }7 S, a" ^# vلېكىن،ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى«قورقۇتۇش»نى ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر تۈرى ئۆز نوپۇزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىدىكەن.* k6 S, `: C6 O$ l4 C
قورقۇش - ھەقىقىي مەنادىكى ھۆرمەت ئەمەس، ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئامالسىزلىقىدىن بويسۇنىشىدۇر. ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغىنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە قارايدىكەن.% P e( M3 }" z2 q. F
ئۇلارئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قورقىتىۋالسا،ئۇلارغا قانچە زور تەھدىت سالالىساشۇنچەسۆيۈنۈپ كېتىدىكەن.5 O: Q3 M8 B, q. W* }
«ئىش ئورنۇڭدىن قالىسەن» - بۇ ئۇيغۇر مۇدىرلىرىنىڭ دائىملىق دەيدىغان گېپى ئىكەن.
6 D+ i5 s' ^9 |6 R. f0 U" b«ئىسلاھات» دېگەن سۆز ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى باھانە تېپىپ بېرىپتۇ.
8 a8 u a5 B! I6 w c«ئىسلاھات»نى «ئىش ئورنى بىكارلاش» دەپ چۈشەنگەن مۇدىرلار ھەدېگەندىلا مۇشۇ سۆزنى چىڭقىلىپ دەپ،ئەسلىدىنلا تېنى ئاجىز مۇئەللىملەرنى قورقۇتۇپ يۈرەك ئالدى قىلىۋېتىپتۇ. Y- _4 |( H1 L2 z
دەرستىن توختىتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش - تەھدىت سىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن. ( |( o, H' p" [, s; i- A
ئايرىم مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشسەم، بۇ تېخى ئەڭ ئۈنۈم بەرگەن ئىسلاھات ئىكەن.
9 k9 V# U, i7 p4 T. oكىم ئالدىن بېكىتىلگەن قېلىپ بويىچە دەرس ئۆتمىسە، دەرس ئۆتۈشكەرۇخسەت قىلىنمايدىكەن. دەرسكە كىرگۈزۈلمىگەن ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە «لاياقەتسىز» قىلىنىپ ناھىيە مەكتىپىدىن يېزا مەكتىپىگە، يېزا مەكتىپىدىن كەنت مەكتىپىگە چۈشۈرۈلىدىكەن.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۇخلىماي، ئارام ئالماي يۈرۈپ ساراڭ بولۇپ كەتسىمۇ،ناھىيىدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەشكە رازىكەنكى، ساق كاللىسى بىلەن تۆۋەندىكى مەكتەپلەرگە چۈشۈشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى مەكتەپ قانچە كىچىكلىگەنسىرى، ئۇنىڭ «ئىسلاھات» تەدبىرلىرى شۇنچە كۆپىيىپ ۋە چوڭقۇرلۇشۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى نېرۋا ئاجىزلىقىدىنمۇ ئېغىر كېسەلگەگىرىپتار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
) M6 \! n) L7 Y% l* ^ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سەھرادا يۈرەك كېسىلى بولغاندىن ناھىيە، شەھەرلەردە ساراڭ بولغىنى ياخشىراق ئىكەن. 4 e# x0 v: Z0 U, \$ D" ~
سەۋەب: ئۇلار ساراڭ بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ،پەرزەنتلىرى سەھرا مەكتەپلىرىدىكى تېخىمۇ قاتتىق «ئىسلاھات» شامىلىدىن ساقلىنىپ قالالايدىكەن.1 f6 ?, l2 o$ R+ h$ t7 _8 m# R
قاراڭ بۇ نېمە دېگەن ئاجىزقوغدىنىش؟ نېمە دېگەن بىچارىلەرچەتەدبىر-ھە؟!2 c2 @! o' b/ f% }
بۇلارنى كۆرگەن كىشىنى ئىختىيارسىز يىغا تۇتىدۇ،6 T; b4 h& i* I4 v0 I: q+ g
موشۇنى ئىسلاھات دېگىلى بولامدۇ؟
0 ^1 J' e; q. i) xموشۇنىمۇمائارىپ دېگىلى بولامدۇ؟
. o+ v- p6 R, j4 Y, Cئۇلارنىڭ كۆچۈرۈلمە ئەندىزنىمۇ ئەسلى مەنىسىدەقوللىنالمىغان ئاتالمىش مائارىپى توغرىسىدا بۇنىڭدىن كۆپ توختالغۇم يوق.«ئىسلاھات» دەپ ئاتىلىۋىلىشقان بىر قاتار شەكىلۋازلىق ھەرىكەتلىرىدە بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى قورقۇتۇش ۋە خورىتىشتىن باشقا ھېچقانداق يېڭىلىقىمۇ يوق. شۇڭابۇنىڭدىن ئارتۇقچە توختالمايمەندىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |