ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 0

پلاسىبو ئېففېكتى - يوشۇرۇن ئاڭنىڭ قۇدرىتى( كارۋان بىز)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9194 سەر
تۆھپە
2738 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
پلاسىبو ئېففېكتى - يوشۇرۇن ئاڭنىڭ قۇدرىتى
7 C$ S2 S: L2 T
) X# f+ T) R1 V$ o4 n8 J4 [
پلاسىبو ئېففېكتى (安慰剂效应, placebo effect) دېگىنىمىز كېسەل بولغان كىشىگە ھېچقانداق مېدىتسىنالىق تەسىرى يوق دورا بەرگەندە ياكى مېدىتسىنالىق ئۈنۈمى يوق داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، كېسەلنىڭ ئەكسىچە ياخشىلىنىش ھادىسىسىدۇر. بۇ جەرياندا كېسەل كىشى بۇنى بىلمەيدۇ ۋە ئۆزىنى مەن نورمال دورا يەۋاتىمەن، نورمال داۋالىنىۋاتىمەن دەپ ئويلايدۇ. كېسەلنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب بىمارنىڭ مەن دورا يېدىم، شۇڭا ياخشى بولۇپ قالىمەن دەپ ئويلىشىدىن بولغان. پلاسىبو نۇرغۇن شەكىلدە كېلىدۇ. مەسىلەن: شېكەر تابلىت، تۇز سۈيى ياكى پارلانغان سۇ قاتارلىقلار پلاسىبو بولالايدۇ.
6 U3 P0 p  n( o9 z5 H# E, z 2141162es26579wu7ukw62.jpg.thumb.jpg ( D" v  Z8 S8 n* o( [; ?
2002 - يىلى ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدىكى << چۈشكۈنلۈككە (Depression) قارىشى دورىلار ئىچىدە شېكەر كۇمىلاچقا يېتىدىغىنى يوق>> دېگەن ماۋزۇلۇق ماقالىدە تەتقىقاتنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلىغان:
0 k4 a! }4 K0 x% Tيېقىنقى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان دورا شىركەتلىرى ئېلىپ بارغان سىناقلاردا، شېكەر كۇمىلاچنىڭ چۈشكۈنلۈكنى  (antidepressants) داۋالاشتىكى ئۈنۈمى مەخسۇس چۈشىكۈنلۈكنى داۋالايدىغان دورىلاردەك ياخشى ياكى ئۇلاردىنمۇ ياخشى بولغان. : r+ p: A+ |3 h! a

& D4 l! O* J0 I$ f& \. f
8 T# b: y% J, T8 cپلاسىبو ئېففېكتى نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەسىر قىلىش كۈچى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىز پلاسىبو تابلىتىنى ئاسپىرىن دەپ يېسىىڭىز، ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى يېرىم ئاسپىرىنچىلىك تەسىر قىلىدۇ. ئەمما سىز پلاسىبو تابلىتىنى مورفىن دەپ يېسىڭىز (مورفىن ئاسپىرىندىن خېلى كۈچلۈك  ئاغرىق توختىتىش دورىسى)، يېرىم  مورفىنچىلىك تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر سىزگە پلاسىبو تابلىتىنى ئاغرىقنى ئېغىرلىتىدۇ دەپ بېرىلگەن بولسا، ئاغرىقڭىز كۈچىىيدۇ. ئەكسىچە تۆۋەنلىتىدۇ دەپ بېرىلسە، تۆۋەنلەيدۇ. 1 t" p) _  P8 a  C1 _
; `3 E# O/ F- S/ V3 P5 K* R
. `- e# @4 O- w
پلاسىبو تابلىت شەكىلدىن باشقا يەنە مەلھەم، ئوكۇل، ئوپېراتسىيە، ئىچىملىك قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللەردىمۇ بولىدۇ. چوڭراق پلاسىبو تابلىتنىڭ ئۈنۈمى كىچىك پلاسىبو تابىلىتىدىن ياخشى بولىدۇ. تابلىت كۆپرەك بولسا ياكى يەيدىغان كۈندىلىك قېتىم سانى كۆپ بولسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. تابلىت شەكىلدىكى پلاسىبودىن كاپسۇل شەكلى، كاپسۇل شەكلىدىن ئوكۇل پلاسىبو ياخشاراق. ئەگەر داۋالاش ئۈسكۈنىسى مۇرەككەپ ماشىنا بولسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. پلاسىبو ماركىلىق تابلىت ماركىسىز تابلىتتىن، قىممەت پۇللۇقى ئەرزاندىن، چىرايلىق قۇتىدىكى ئاددىي قۇتىدىكىدىن ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. پلاسىبو دورىنى ۋاقتىدا ئىچىدىغانلار كىشىلەر ۋاقتىدا ئىچمەيدىغانلاردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. پلاسىبوغا خۇمار بولۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بىر تەتقىقاتتا، بىر گۇرۇپپا ئاياللار 5 يىل پلاسىبو يېگەن. پلاسىبونى توختاتقاندىن كېيىن %40 تى بىئارام بولغان.
  M, I3 `! W* {/ [9 e. C, }2 B- Z! G! a6 I4 u: W

/ a$ Z  [! x# @/ vپلاسىبۇنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماددىلار تەسىرىدىن بولماستىن، بەلكى بىز يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا ياخشى بولۇپ كېتىمىز دەپ ئويلىغانلىقىمىزدىن بولغان. ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى، ئوي - قارىشى ئىنتايىن كۈچلۈك قورال بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلالايدۇ. ئادەمنىڭ قارىشى ئادەمنىڭ بەدىنىگە ۋە ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ خىل تەسىر ئادەم بەدىنىگە فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئادەمنىڭ پىسخىكىسىغىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن. مەن تورداشلار بىلەن  تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئورتاقلاشقىم بار. بولار مېنىڭ شەخسىي كۆز قاراشلىرىم، خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس.
# W9 m) f* j6 B+ Q, d+ ^
- V' A; S" f* L4 N2 \4 \& T7 c3 Q+ k( n% N% \
1. بىز بالا تەربىيەلەشتە بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بالىنى ھەرگىز دۆت دېمەسلىك لازىم. ئەگەر بالا مەن دۆت دەپ ئويلاپ قالسا، پلاسىبو ئېففېكتى ئاستىدا، دۆت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.  ئادەم ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ ئويلىسا، مەن تىرىشسام قىلالايمەن دەپ ئويلىسا، ئەقىللىق بولالىشى مۇمكىن. ئەكسىچە بولغاندا، دۆت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بالىلارنىڭ نەتىجىسىنى دەرىجە تۇرغۇزۇش بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا زىيانلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە زىيانلىقتۇر. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ئەڭ ئالدىدىكىلەرگە سېلىشتۇرۇپ مەن دۆتكەنمەن دېگەن يەكۈنگە كېلىدۇ. ( ئۇندىن سىرت بىر ئادەمنىڭ نەتىجىسىنى باشقىلارغا ئېلان قىلىش بالىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قىلىنغان تاجاۋۇزلۇق بولۇپ،  ئامېرىكىدا بۇ قىلمىش ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدۇ ۋە قاتتىق جازالىنىدۇ.)
6 F6 b& c' {* ^* k; ?' s* U% V/ r9 C. t/ q& b
' ^( i+ @$ U7 J. i- M  P$ M
2. ئادەم ئۈمىدۋار بولۇش كېرەك، ئادەمنىڭ ئۈمىدۋار بولۇش ھەرگىز قۇرۇق خىيال قىلىش بولماستىن، بەلكى پلاسىبو ئېففېكتى ئارقىلىق يوشۇرۇن ئاڭنى پروگراممىلاش، ۋە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى قېزىشتۇر.  ئەلۋەتتە ئادەم ئۈمىدۋار بولۇش ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن بىرلەشكەندە ئاندىن نەتىجە قازىنالايدۇ.  ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىمۇ بىز بۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئۈمىدۋار كىشىلەر روھلۇق ۋە تېتىك كېلىدۇ، قىيىنچىلىققا بەكرەك بەرداشلىق بېرىدۇ ۋە سەۋرچان كېلىدۇ. ! X; V; Q. V: \+ \
3 g+ d5 ]- o+ m7 d. S
; f( f0 M' S; i6 A" n7 L" q
3. ئەگەر بۇ نۇقتىنى كېڭەيتكەندە، مەلۇم كىشىلەر توپى ياكى مىللەتنى يەڭگىللىك بىلەن سەلبىي ئىبارىلەر ئارقىلىق <<تەنقىد>> قىلىشمۇ شۇ مىللەت كىشىلىرىگە زىيانلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ <<تەنقىد>> لەرنى ئاڭلىغان پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يېتەلمىگەن كىشىلەر (بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر) دە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىش مۇمكىن.  بىر كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك. ئۆزىگە ئىشەنمىسە، تۇنجى قەدەم ئېلىشتىنمۇ ۋاز كېچىدۇ. شۇڭا ئالدىراپ بۇ مىللەت ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەرگە ئۇرۇش، شۇ مىللەت كىشىلىرىنى ئۈمىدسىزلىككە باشلايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ دېگەنلىك بىر كىشىلەر توپىدا ئورتاق تۈزىتىشكە بولىدىغان تەرەپلەر يوق دېگەنلىكمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە بولىدۇ. بەندە ھامان بەندە. ئادەمنىڭ ماددىي بەدىنىنى ئوپېراتسىيە قىلىشتا ئىنچىكىلىك ۋە يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولسا، ئادەمنىڭ ماددىي بەدىنىدىن مىڭ ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان روھىيىتىگە پىچاق ئېچىش تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا بۇ ئىنتايىن نازۇك ئىش، قەتئىي يەڭگىللىك بىلەن دىئاگنوز قويۇپ خۇلاسە چىقىرىدىغان ئىش ئەمەس. <<تەنقىد>> نىڭ ئۇسۇلىغا ۋە سۆز-ئىبارىلەرگە دېققەت قىلنىش، ھەمدە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنىش زۆرۈر.  6 }8 ~9 j: _3 l: o
: o" z. G- o. g5 Y6 C

- S- O* X4 K$ a- B# t* T/ r  fئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن سىرت يەنە نۇرغۇن نۇقتىلارنى يېزىپ چىقىش مۇمكىن. بۇلار پەقەت ئازغىنە مىساللار. ئادەمنىڭ ئېڭى، ئوي - قارىشى ئىنتايىن كۈچلۈك قورال بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلالايدۇ. شۇڭا ئۆز ئويلىرىمىزغا دېققەت قىلساق بولىدىكەن. باشقىلارغا گەپ قىلغاندىمۇ ھەم شۇنداق دېققەت قىلساق بولىدۇ. باشقىلارنىڭ گېپىگە ياكى ئىدىيىلەرگە  ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەسلىكىمىز ھەم ئالدىراپ رەت قىلماسلىقىمىز ئاقىلانىلىق بولىدۇ. ئالدىراپ ئېشەنمەي، تەنقىدىي پىكىر قىلىشىمىز زۆرۈر. مەيلى ئۇ كىشى قانداق ئالىم ياكى دانىشمەن بولسۇن، ياكى مەلۇم داڭلىق ئورۇن، تەشكىلات بولسۇن، ئۇلارنىڭ  نوپۇزىغا ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ قاراشلىرى توغرا دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ مەزمۇنىغا قاراش زۆرۈر، يەنى ئاساسلىرى تولۇق ۋە مۇۋاپىقمۇ، لوگىكىلىقمۇ ...؟ بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەر ئالدىراپ ھەممىنى رەت قىلساق، مۇتەسسىپ بولۇپ قالىمىز، نەتىجىدە ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئېتىپ قويىمىز. شۇڭا ئوچۇق پىكىر قىلىشمۇ (open minded) ئىتايىن مۇھىم.
/ M" U$ [! h# q; _$ \" V  r3 |6 P
, f2 ]  @- i2 a6 V5 h, h6 v' V  K9 r8 H6 D! h' ^0 V* [0 u% |' \
سىزنىڭچە پلاسىبو ئېففېكتىدىن يەنە قانداق پايدىلىنىش مۇمكىن؟  پلاسىبو ئېففېكتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن پىكىر قىلىشتا يەنە قانداق تەرەپلەرگە دېققەت قىلساق بولىدۇ؟
- j8 _8 U! x  u# Z4 F
: v/ A! ?8 Q0 ]# U0 }& z9 f
' c& J8 R- |, V3 u% N6 x! @! |پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:
8 [2 v5 |$ {' s4 W% H1 L+ c5 H6 y+ s
4 f5 @, j8 P/ a- S$ O" f."Against Depression, a Sugar Pill Is Hard to Beat". The Washington Post. May 7, 2002.1* E3 A; L1 n9 r" N$ p

* }/ }, E5 O+ m2 j$ r6 W,"TheProfessorFunk youtube channel، "The Strange Powers of the Placebo Effec' a4 ?; }$ t' z& o: _: g; _( U# t
."https://www.youtube.com/watch?v=yfRVCaA5o18"
$ l2 C" F/ P3 H( T" h& p. d0 b+ Y* I
* i5 `( o) j' @  [: |' q3 ~."Medical News Today, "The Placebo Effect Takes Place Subconsciously", "http://www.medicalnewstoday.com/articles/250294.php  k! k4 \9 m* u: ~! R2 Z
9 k, t" P6 v1 ?( i1 h3 p
* o# c! ~' I( B8 b
كارۋان بىز يازمىسى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار

مۇناسىۋەتلىك قېزىلما ئالبوملار:

ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗