|
8 s5 p& U: {- J0 p; v; i& kمۇنبەردە ئايلىنىپ يۈرۈپ ،كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ ‹‹گۈلەن كىم›› دىگەن سۇئالىغا دۇچ كەلدىم، شۇڭا ‹‹گۈلەن››نىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىلغان بۇ تېمىنى يوللىغۇم كەلدى. ئاخرىغا ھازىرغىچە مەن يولۇقتۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسىنىمۇ قوشۇپ قويدۇم.
' R8 z+ j/ `6 Q1 Q& r( s/ o
, K; ]3 J3 |1 W7 Z& d; \گۈلەننىڭ قويۇلىشى ۋە مەنىسى
9 D9 ?. Q: f1 P: kۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بۇرۇن غايىبانە سىرداشقان باغىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولدى. سورالغان سۇئاللاردىن ”گۈلەن دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟“، ”سىز نېمىشقا خەنسۇچە گۇلېن دەپ تەخەللۇس قويۇۋالدىڭىز؟“، ”گۇلەن دېگەن قىز بالىنىڭ ئىسمىغۇ؟“ دېگەندەك سۇئاللاغا دۇچ كەلدىم. بۈگۈن ھېيت ھارپىسىدا ئارام پۇرسىتى بولغانىكەن بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەي.1 M' w( x* q4 r. Q9 E5 |1 b
مەن بۇ ئىسىمنى تورغا كىرگەن دەسلەپكى يىللاردا قويغان. ئۇ چاغدا ھەيۋەترەك ئىسىم قويۇش ئارزۇيۇم بار ئېدى. ئۆزەم بىلىدىغان ھەيۋەت سۆزلەرنى بىر بىرلەپ كىرگۈزسەم ھەممىسىنىڭ ئېگىسى چىقىپ قالدى. ئاشقان دەپ يازسام قالماپتۇ، ئۇتقان دەپ كىرگۈزسەم تۈگەپتۇ، يەڭگەن دەپ باسسام يوق دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈركچە كۈلگەن دېگەن مەنىدىكى گۈلەن دېگەن سۆزنى كىرگۈسەم تېخى بىراۋ قوللانماپتۇ . موككىدە خوش يېقىپ شاپپىدا قوللىنىۋالدىم. gulen دېگەن بۇ سۆزنى لاتىن ئۇيغۇر يېزىقىدا گۇلەن ئوقۇيدىغان بولغاچقا نۇرغۇن دوستلار گۇلەن يېزىۋالدى. ئامېرىكىداش دوستىمىز جەكنىڭ بلوگىدىكى يازمىلىرىمغا گۇلەن يازمىلىرى دەپ ئىسىم قويۇلغاچقا بۇ ئىسمىممۇ تارقىلىپ يۈرۈپتۇ. پىنيىنچە ئۇيغۇر يېزىقىدا بۇ سۆز گۇلېن ئوقۇلىدىغان بولغاچ بەزىلەر بۇ ئىسىم بىلەنمۇ ئاتاپ يۈرىۋاتىدۇ. مەن ئەسلى ئۆزەم ئەزان چىللىمايلا قويۇۋالغان ئىسمىمدا چىڭ تۇرۇپ ئىزچىل گۈلەن دەپ يېزىۋاتىمەن. يېقىندىن بېرى ئۆز ئىسىمىمنىلا قوللۇنايچۇ دەپ ئابدۇۋەلى ئايۇپ دەپ ئىسىم-ئاتاسى شەكلىدە يېزىپ كېلىۋاتىمەن. بولسا تۈركچە كۈلگەن دېگەن مەنىدىكى گۈلەن سۆزىنىڭ ئىززىتىنى قىلاي دېگەن دوستلارنىگۈلەن دەپ توغرايازسا دەيمەن. ئاللاھ ھەممىزنى گۈلەنلەردىن قىلغاي.
* f( n. R' d9 [/ O1 q1 M/ @/ ?مەن بۇندىن 36 يىل مۇقەددەم مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغان ئوردۇكەنت (پايتەخت) قەشقەردە تۇغۇلغان. ئەزەلدىنلا خىيالچان مۇڭلۇق بىر بالا ئېدىم. ئانامنىڭ دەپ بېرىشىچە تىلىم بۇرۇنراق چىقىپ تۇنجى ئوقۇغان ناخشام
2 Z, n7 k5 P1 iداجەي روھى كۈچ بەردى،$ ? R: t5 \* e3 b% b' x7 X# v# @
بىزنىڭ بۇ بېلەكلەرگە.# u, X: W3 a4 i9 n
پارتىيەمنى كۈيلىسەم،
) i: t: c6 c2 ~1 G" sكۈچ كىردى بېلەكلەرگە.$ x Q- c8 w9 s; j
دېگەن ئەينى دەۋردە مودا بولغان غەزەلكەندۇق. بۇ ناخشىنىمۇ ئۇزاق ئېيتالماپتىمەن. ماۋزېدوڭ ماركىسنى زىيارەت قىلغىلى كەتكەن كۈنلەردە ناخشا ئوقۇش چەكلىنىپتۇ. قىزىق گەپ، خەنسۇلاردا ئۆلۈم بولغان ئۆيدە ناخشا ئېيتسا بولمايدۇ، دېگەن چۈشەنچە بولمىسا، ئەجەپ مېنىڭ ئىنقىلابىي ناخشىلارنى بولسىمۇ ئېيتىشىمغا يول قويۇشماپتىكىنە! ماۋزىدوڭ ئۇيغۇرمۇ خەنسۇمۇ دەپ سوراش چەكلەنگەن، چوشقا ئىنقىلابىي ھايۋان دەپ قارالغان ئۇ زامانلاردا ئاجايىپ ئىكەندۇق. ئۇ چاغدا مەن پارتىيەم دېگەن سۆزنى بەلكىم پاتىمەم دەپ چۈشەنگەنمۇ، بەك ئامراق ئېدىم. بۇ سۆزنى ئاڭلىساملا مېرىبان بىر موماي كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. چۈنكى پارتىيەم دېگەن ھامان بۇ سۆزگە ئۇلىشىپ كېلىدىغان مېھرىبان، غەمگۈزار، سۆيۈملۈك دېگەن سۈپەتلەشلەر كىشىگە بىر ئايال مەدھىيەلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. چۆرەمدىكىلەر يەۋاتقان ئاش- نان، تۇرۇۋاتقان ئۆي، ھەتتا قالاۋاتقان شىرشىم چاكاندىنىمۇ پارتىيەنىڭ بەرگەنلىكىگە ئىشىنىشەتتى. بىر كۈنى ئۆيىمىزگە بىر تىلەمچى كەلدى. دادامدىن: R7 s- @7 C" P
-دادا ھەممە نەرسىنى بېرىدىغان پارتىيەم تۇرسا، مۇنۇ كىشى نېمىشقا بىزدىن تىلەيدۇ؟ يا بىز بۈگۈن پارتىيەم بولۇپ قالدۇقمۇ؟
! j- |! z% [4 Qسەل ئەقلىمنى تاپقاندىن كېيىن ئۇقسام ئۇيغۇر شىئېر، قوشاقلىرى ئىچىدىكى كومپارتىيە، قىزىل ئارمىيە، ماۋزىدوڭ قاتارلىقلار كۈيلەنگەن قۇرلار ئەسلى ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىز مەدھىيەنگەن مىسرالار ئىكەندۇق.
7 H: l6 a4 u+ J* ?باشلانغۇچقا كىرگەندە ئىنقىلابىي يېزىق بولغان پىنيىندە ساۋادىم چىقتى. ”قاناتلىق خەت“ ”قىزىل قىيا“ ”گاۋيۈيباۋ“ ”قىزىل تاغ باتۇرلىرى“ دېگەن پىنيىنچە يېزىلغا كىتابلارنى ئوقۇپ چىققىنىم ئېسىمدە. ئۇ چاغدا كىتابلاردىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى نېمىشقا ئاكا-ئۇكا قوشنا قولۇملارنىڭ ئىسمىدەك مەمەت، سەمەت، ئايخان گۈلخان بولمايدىغاندۇ دەپ ئويلايتىم. قىزىق يېرى، ئۇلارنىڭ باشقا بىر مىللەت بولغاچقا شۇنداق ئىسىمى بولىدىغانلىقىنى ھىچ كىم دەپ بەرمەپتىكەن. ئەسلى ئۇيغۇر يېزىقىمىز قازاق قىرغىزچىدىن پەرقلىق چاپان كەيدۈرۈلۈپ بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلگەندە نەشىر قىلىنغان ”ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى“ دېگەن كىتاب مېنى مەپتۇن قىلىۋالغانىدى. شۇندىن كېيىن كىتاپلاردىن ئوقۇغان ساماۋىي چۆچەكلەر، قوشاقلار، ناخشىلار دۇنياسىدا ياشاپ بىر كۈنى چۆچەك ئېيتىشقا باشلىۋېدىم چۆرەمدىكىلەر ماختاپ كېتىشتىپتۇ. شۇ چاغدا ”ئابدۇراخمان خانغوجا“ داستانىنى تولۇق يادقا سۆزلەپ بەرگەنتىم. سىنىپىي كۆرەش تامغىسى قېقىلغان بۇ كىتاپ ئىككى مىڭىنچى يىللاردا شۇ پېتى نەشىر قىلىندى. يەنە شۇ كەمبەغەل ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى ئۇيغۇر بايلىرى، خاننىڭ بۇيرۇقى ئادىل يەرلىك فىئۇداللار، ئەمەلدارلار غالجىر دېگەن چۈشەنچە قىپ قىزىل پارلاپ تۇرۇپتۇ.
9 D% _0 R8 j8 ?% V, C; bھاياتىمدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلار ئىچىدە پىيونىر بولغان، ساۋاقداشلىرىمغا يېتەكچى بولۇپ دۆلەت مارشى ئوقۇغان، كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن چاغلىرىمنى ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن. 2005- يىلى مالايسىيادىكى بىر ت ۋ قانىلى دۆلىتىگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىپتۇ. زىيارەت قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزىنىڭ بىسىمىللاھسى “ بىز شىنجاڭلىق، شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى“ دەپ باشلىنىپتۇ. ھەممىڭلار بىلىدىغان بىر ناخشا ئوقۇپ بېرىڭلار دېسە ”قوزغال“ دەپ دۆلەت مارشىنى باشلاپ كېتىپتۇ. ماڭا بۇ ئانچە تاساددىپى ئىشتەك تۇيۇلمىدى. بەلكىم تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىم بىلەن يىغىلىپ قالساق ھەممىمىز بىلىدىغان ناخشا كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مارشى بولۇشى مۇمكىن.
( y: k% `. m0 h% b& Lئادەم مائارىپنىڭ مەھسۇلى.
& q% u; M1 P% F2 `3 {ئالىي مەكتەپنى بېيجىڭدا ئوقۇدۇم. كىتاپخۇمارلقىم سەۋەبلىك ياتاقتا غۇلجۇلۇق بىر ئاغىنەمنىڭ مەسخىرىسىگە بەش يىل نىشان بولغانتىم. بۇ يىل ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇ دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم." ?4 H, X8 p0 c
- ئامېرىكىدىكى ئوقۇشۇڭ پۈتتىمۇ؟ نېمە ئوقۇدۇڭ؟. p( F6 w) g+ N' T* K V
-ھەئە، پۈتتى. تىلشۇناسلىقتا ئوقۇدۇم.
9 d, }2 ~9 q q0 m! x( E" S- ئوقۇپ ئەجەپ زېرىكمىدىڭ، يەنە ئوقۇماسسەن!
( \; t% P' @1 E i) i- ياق، يەنە ئوقۇيمەن. كىتابتىن، خاتالىقلىرىمدىن، باشقىلارنىڭ كەچۈرمىشىدىن، ئاۋامنىڭ شاتلىق-قايغۇلىرىدىن يەنە ئۆگىنىشنى داۋام قىلىمەن.* P: p% [6 d* w& l3 L# k$ k
- ياخشىسى جەمئىيەت داشۆسىدە ئوقۇ، مۇناسىۋەت قىلىشنى، ئىش ئەپلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋالمىساڭ بولمايدۇ. يەنە كىتاپ ئوقۇيمەن دەپ ھاياتىڭنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمە!
5 u' w2 w) _: s4 e2 Eبىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بولۇپتۇ. غۇلجىدا مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىكەن. بىر كىتاپ ئوقۇغاننىڭ، بىر ئوقۇغۇچىدىن سۆيۈنگەننىڭ گېپى يوق. مەن ئۇنىڭدىن ئەمەس، ئۇنى ئون نەچچە يىل مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىتىپ، مۇئاش بېرىپ، بىر كىتاپ ئوقۇشقا سەۋەپ بولالمىغان تۈزۈلمىدىن ئەپسۇسلاندىم. ھېلىلا روزا ھېيتلىق خەنسۇچە سالام يوللاپتۇ. ”ھېيىتلىق سالامنى بولسىمۇ باشلىقىڭنىڭ تىلىدا يوللىماي ئۆز تىلىڭدا يوللىساڭچۇ!“ دەپ ئۇچۇر قايتتۇردۇم.
& ^: I8 f( K/ _* [گۈلەن يەنە نېمە ئىش قىلدى؟# Z0 g8 B, h( W1 b) F
گۈلەن 2006- يىلى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تۈركىيەدە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئالتە ئاي تۇردى. غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدە ئالتە يىل، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋېرىستىتىدا ئىككى يىل ئىشلىدى. 1998-يىلى زالىم شۇجىنىڭ تەلۋە بۇيرىقىغا قارشى چىقىپ بىرىنجى قېتىم، 2009-يىلى ئىككىنجى قېتىم ھۆكۈمەتكە تەۋە ئىش ئورنىدىن ۋاز كەچتى. ئىش ئورنىدىن ۋاز كەچتىيۇ ئىشتىن ۋاز كەچمىدى. ھۆكۈمەتكە باج تۆلەۋاتقان، بېقىۋاتقان ئادەملەرنى، كىتابنى، قەلەمنى ۋە سەنئەتنى سۆيۈپ كېلىۋاتىدۇ.% ~! l6 O( u K5 Z, w' v/ C
ئامېرىكىدا ئوقىسىمۇ بەرىبىر گۈلەن. g4 A/ J2 d$ f7 O% n& z/ E! t
-ئامېرىكىدا ئەمەس، نەدە ئوقۇساڭ بەرىبىر!+ R- f5 l- O/ a7 r& `3 Y: N
قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىنىڭ كومپىيوتىردا خەتنى ئوڭلاپ ساقلىيالمايدىغان كادىرلار خادىمى خەنسۇچە شۇنداق دېدى. گۈلەنگە ئەدەبىيات فاكۇلتىتى كادىرلار باشقارمىسىدىن ئىمتىھان ئالىدۇ، دەپ ئۇقتۇردى. كادىرلار باشقارمىسى خەۋىرىمىز يوق، نەدە ئوقۇساڭ ئوخشاش، ساقلا، دەپ يولغا سالدى. ئاخىرى ساقلاشنىڭ قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇ مەكتەپتە ئامېرىكىدا ئوقۇغان بىرمۇ ئادەم، ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا چەتئەللەردە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇشنى ئىلتىماس سۇنغان بىرمۇ ئادەم يوقكەن.# Y$ E: F0 A" i7 k) A
گۈلەن مەكتەپ قۇردى
& J, z! f/ }0 Y2 R/ f Pگۈلەن مۇنبەر ئۈچۈن قايتقانتى، بېرىشمىۋېدى ئۆزى مۇنبەر قۇردى. گۈلەن نۇرخان تەربىيىلەش مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەن نۇرخان مەكتىپىنى ھەمشىرىك ئېچىۋاتىدۇ. بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ياشلار، خىزمەتچىلەر، تىجارەتچى بۇرادەرلەرگە تۈركچە، ئىنگىلىزچە، ياپۇنچە ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلىدى. گۈلەن بالىلارنى چەتئەل ئالى مەكتەپلىرىگە بىۋاستە ئىمتىھان بېرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ تىرىشىۋاتىدۇ. ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن، ئىچكىرىدىكى ۋە دىيارىمىزدىكى ئالدامچى مەكتەپلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان، ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن قايتا ئوقۇشنى نىيەت قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قايتا ئوقۇپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش شارائىتىنى ياراتتى.
! y9 Z$ C1 `- C% ]0 R% C
1 ^& ]9 b4 D# U" A% Zئابدۇۋەلى ئايۇپ(گۈلەن) يازمىلىرى
/ ?$ T' ~) ~% d" e; u- ?4 p- h, L- B
گۈلەن كىم8 c* L8 i6 Z9 H
, W5 j' P5 l* x' sئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
+ n S% W0 q# F: m H; ?1. خاتىرەمدىكى ئامىرىكا
+ c; Z2 x5 A, y" Z, T2. ئىزدىنىش سەپىرى
' n$ @+ Y) m% I. F3. رىئاللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىدىيەلەر ئاچىلىدا, w4 ?* O& J! b1 [7 U& g
4. نىمە قىلىش كىرەك
2 J( b) d3 P" V$ V1 K5 d4 H4 Q5.يول قايان0 n4 z4 I! k& f2 y& _' J" v
6. خەيىر دوستلار1 K! |5 q* ^/ b5 C7 y+ Q3 B
7. مايگۇلنىڭ جەزبىسى
4 y* i5 c! F, r2 M! Q4 j! M4 n8. سالام ھۆر شىتات
8 V& d. m) {1 Y0 B& g9. ئامىرىكىدىكى تۇنجى چۆچۈرە
' L3 x. Y' J6 f7 U+ ]. A; M/ M& }10. ئامىرىكىدا ئەمەلگە ئاشقان ئاپتونومىيەم- ]; Q, c5 @7 |9 T! i3 r `' O6 K
11. ئۇنۋىرستىتتىكى جۈمە نامىزى
+ M+ Z( P, Y2 R, k) }5 p/ ^. C12. سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام
* N* `: r- o- l. i: U! A3 u13. ئامىرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ3 w2 Q$ u- N# G0 t1 i* _" ` n
14. ئامىرىكىدا نىمە بار، نىمە يوق
9 A6 C p- N1 E# T3 Z15. سۇنىڭ قىشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا' t& u- f# k" W: _! J/ X8 U$ b# B
16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى
- W) f0 Z) p( `' S) B# L17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ+ h% ?4 n6 p3 K2 e9 P/ {# W
18. ئامىرىكىدىكى مىھىرلىك رامىزان كۈنلىرى8 j9 y0 ^1 k7 l: ?& E
19. چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى
3 g6 K L6 d- c20. مەتبۇئاتتىكى كۆلەڭگىلەر
" ]' K# x6 i6 X& l21. ئىبرەتنىڭ كۈچى ئېتىراپ
! r) o4 m' q: R$ A22. كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ
0 m0 {9 E. `9 S6 j( V- X+ A7 N) E: f/ [* Y- h0 l& V p
23. ئامىرىكا بالىلىرنىڭ نەزىرىدە ئىرق ۋە جىنىس
0 C/ k* i% k& T0 I' c24. ئامىرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇق
6 j8 B& Y$ k1 Z25. ئامىرىكىدىكى تۈرك دوستلىرىم. f" {& o1 p' c( c% x; h
26. ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ
4 G3 Y" p8 Q5 ]8 P( g; P7 d/ s- I2 L! d27. ‹‹ئىللەتلىك ئۇيغۇر›› ئەپسانىسى ئامىرىكىدا9 j$ z. d5 a C! I9 g5 f
28. قىيىنچىلىقنىڭ قۇدرىتى ۋە غالىپلىق/ |, I$ y) s" ^- m/ N- `" x
29. ئامىرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز C9 D# T: N) j S3 ~
30. ئامىرىكىدىكى بەيتۇللاھ
+ j7 u( t& h% `5 e. W2 ~31. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار
- `5 R1 u- e+ c9 v% E32. مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئامىرىكا ئاياللىرى ۋە ئەرلىرى* N7 V% y& f8 a! J/ U
33. ئامىرىكىدىكى ئازەرىنىڭ زارى! p8 L1 v3 J* l# \" }4 h* d
34. ئامىرىكىلىق بولماق ئاسانمۇ& t& d3 Q: y2 y5 z0 s2 X
35. كارۋاننىڭ نەسلى ۋە كېمىچىنىڭ پۇشتى
2 l3 a, w4 I( H0 u0 j. r36. ئامىرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلاردا‹‹تۆمۈر ئات›› ۋە ئات
- y3 B# w/ I4 n) `. E$ b37. ئامىرىكىلىقنىڭ ۋە ئۇيغۇرنىڭ ۋاقتى
' @' B9 Q% a h/ _ Q9 J4 K38. ئامىرىكىلىقنىڭ ۋە ئۇيغۇرنىڭ خۇداسى
5 b, c) i6 M& Y X! F4 q39. ئامىرىكىچە ھايات ۋە ئۇيغۇرچە ئۆلۈم
: ^, b4 v# ~" A0 l6 N! N' W' W, B- A" J40. ‹‹ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت››مۇ3 y: ^. [+ O6 u' _
41. ئامىرىكىغا مۇساپىر ئۇيغۇر ئانا
G1 w, E) i2 {" A42. ئۇيغۇرنى كىم تونۇيدۇ
2 H4 a& m. n: B9 F: f43. ئۇيغۇردا تارىخنىڭ يۈكى ۋە ئاسارىتى5 k8 L1 @ Q# r' W
44. مۈكەممەل جەمىيەت ۋە كەمتۈك ئىنسان
! z& l& V+ ~$ \. u* _$ L' G- g: `45. ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ ئامىرىكىدىكى كەچۈرمىشلىرى2 N+ d2 {9 t) Q- j3 L, o
46. قارغىلىقتىكى ئامىرىكا$ r0 C j- u1 l2 B4 f
47. ۋاشىڭگىتوندىكى ئۇيغۇر ئۇسۇلچى
: o4 D( C: {; C0 X2 A48. ئامىرىكىدا دىيانەت
# p r8 [' e- S# m7 J* H+ B1 v. ?: m; K- M c8 f4 T
6 |% B0 c# i: o. |3 s* Z
7 {$ |- v+ ^7 t1 F- f& n; d
ئامىرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
$ c/ W3 Q/ P- _5 l9 R! b6 B+ C, A9 i& R' W. A+ I
# P: z: c$ f3 ]1. ئامىرىكا يەسلىسىدە ئۇيغۇرچە خەت
9 Z+ s+ t) H4 w' R2. مەن قەشقەرلىك1 D! `4 \) k% ]6 A% C+ ?
3. مەن كۆرگەن ئامىرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى2 i; D" o% Y1 N
4. قىزىمنىڭ يەسلىدىكى كۈنلىرى
5 V$ b! Z3 o* ~2 y% ~5. يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق: q# \& M2 ?0 I0 C* ^4 @. k- w
6. يەسلىدىكى ‹‹تەجرىبە››، ‹‹تەتقىقات›› ۋە ئەدەپ7 Q s7 J* c& r( z: R
7. قىزىمىزنى ‹‹ئامىرىكىچە›› تەربىيەلىدۇقمۇ
* @4 k5 h* \* S0 i8. ئامىرىكىدا يەسلى دىپلومى. @9 ~4 o* b% \, e
9. بالاڭ نىمىشقا خەنچە بىلمەيدۇ; q! ]: v0 C ^, r2 s \
10.قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە كۈنلىرى- x! [3 k3 _( ^5 |$ w! ~
11. قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلىرى4 f, A) {# H! q, W1 Q$ k- H0 B
12. ئوينىسا بۇزۇلۇپ كېتىدىغان بالىلار
: L5 l: N/ R: n J9 j% q13. ‹‹ئەخلەت يەۋاتقان بالىلار›› ۋە قىزىم
9 U9 p. N' T$ I7 q! C+ L14. دادا، يالماۋۇز مومامغا ئوخشايدىكەنغۇ! L$ F2 O5 U* a7 j
L( h! y* x6 A$ k: v) i. }- s; t- _7 k5 t/ M& x5 F3 d1 F
ئەبجەش مۇلاھىزە ۋە ماقالىلەر% w! D0 V3 W6 p2 D; e! M
( d' Q) _5 a7 |3 V+ Z6 z0 p& m
# U& k# l! s5 K0 |- Z5 f' Nقەشقەرچە رىۋايەت ۋە ئۇيغۇرچە مەپكۇرە- F5 S2 n; ^$ T5 H3 N/ Q
تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى سىيت نوچى* }; z. S; W8 v# [; J. z' h& S! s5 p
قەشقەردىكى تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بۆھرانى: |6 a! d- I. x/ i5 X+ }
ئۈرۈمچىدە تالاشتا قالغان ئامىرىكىلىق
# i6 O0 b7 X1 t3 Bئامىرىكىدا مەشرەپ8 i2 O( j, F/ s8 F2 W- u) e+ U2 j8 r
ئامىرىكا ‹‹شەيتان›› مۇ8 f9 r4 m5 b' K$ a
ئۇيغۇر گىنرالنىڭ ھوزۇرىدا
8 S. V. r5 B, Z8 h* h! A; jسىلەردە قۇربان ھىيت ‹‹مودا›› بولدىمۇ
2 ~, Y6 O; F2 _; U; o/ w6 Vشىئېر ۋە تىل! }( M' a- k" F5 A! `. l* }
تۈركىيەدىكى نورۇزۇم
F6 p3 X( F) kمەسلەك قىزغىنلىقى ۋە تاشلاندۇق مەسىلىلەر
$ @0 C/ a0 x0 ~5 P8 t' ?ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار
& s5 P+ O% a& B- S- Jئىنسانلىققا ئىجازەت
% B6 i5 \; f% p6 C* gمەشھۇرلاردىن مەيۈسلىنەمدۇق# b' O- `8 b, y0 n2 t5 v# j
قەشقەردىكى تاماشىبىنلار
! X3 `0 ~: G- c+ W( W/ vمەھكۇم چېچەك، مەزلۇم خەمەكلەر, R5 F: {3 T" _3 z( ~
ئۇيغۇردا كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش8 u$ v6 b. H$ {' n. D8 P. @ x
ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت
9 u% a1 V, W3 R. {. ]) k- Tئامىرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلىقى6 b" t0 T/ Q" O9 I" C1 o& R
بىز نېمە ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىسىگە تەقەززا بولۇپ قالدۇق؟6 F% I, ?$ Q& r- W
ئاللاھقا قايتقان دادام
0 f8 v. R R: Eمۇسىبەتتە مەھمۇد ۋەتىنى. r9 u% c: x8 `/ w
پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئۈچ غەلەت( h. j7 a$ L4 R3 i8 v/ W+ Y
تۇغسىزلارغا قالدىڭمۇ دۇنيا
3 `, y" b: {! n' f X# Zچەتئەل ئىشتىياقى ۋە ئۇيغۇرلۇق ئەندىشىسى
$ M( @/ _1 f( v”قۇرئان“ دىكى ۋە ئۇيغۇرچىدىكى پەرقلىق ئۇقۇملار
$ t- d; I9 O! w”چالا تەرجىمان“ كىمنى ئۆلتۈرگەن؟ كىملىكنى ئۆلتۈرەمدۇ؟4 j, R; L+ K2 t$ s9 C A$ r: I
غەرپ مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرنىڭ گېپى
1 q: R; r: `, \ئۇيغۇرچە زىيالىلىق ھەققىدە ئويلار, A! h0 G+ X2 m8 Z% }
مەن بىلىدىغان شەرقشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلار
5 w9 \, q2 I4 a0 g+ d' fگۈلەن مۇستاپا كامال مۇنازىرىسىدە
9 y; Z. q4 e, X- e* Qخىياللاردىكى قەشقەر ۋە قەشقەردىكى خىياللار) f: O9 _+ k" \/ ^8 s- Z, N1 a2 H
يالىڭاچلىقنىڭ غەرپچە يۈزى ۋە ئۇيغۇرچە سۆزى
5 {8 [+ a4 A( X# [$ P: U2 ^ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەپسانىسى ۋە رىياللىقى4 }+ X9 G# K# W7 }" p; G+ I' D: b7 ~
ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ پىشكەللىكلىرى2 W( v$ o s' j( l! R, _
ئۇلۇغلانغان رەسىم، ئۇنتۇلغان روھ
2 t6 e% Q1 e ^نەزىرىمدىكى تور ۋە دۇنيا |
|