ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1179|ئىنكاس: 1

دەرىس كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسى –ھوشۇر ئىسلاملۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ۋاقتى: 2011-12-24 17:47:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مائارىپ
كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسى –ھوشۇر ئىسلام

7 L. ?7 m, M) P" J4 p( x) Y
3 _8 W; v/ I- ~% D! N, q; n$ @

6 a; z8 C9 y- i5 @كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسى ، دوكتۇر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى ھوشۇر ئىسلام 1942-يىلى 20-ئاۋغۇسىت غۇلجا شەھىرى چاپچال ناھىيىسى جاغىستاي يېزىسىدا تۇغۇلغان . بۇ قەدىمى يۇرت چاپچال ناھىيىسى ئىلى دەرياسى بىلەن تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ئارىلىقىدىكى 40~50 كىلومېتىرچە يانتۇ تەكشىلىككە ، تاغ باغرى ئېتىكىدىكى يېشىل ۋادىغا جايلاشقان بولۇپ ، يىراقتىن تارىختىن قالغان ، سۈكۈتتە تۇرغان يادنامىدەك تەسىر بېرەتتى. ھەيران قالغىنىم ئاز ئۇچرايدىغان ئۈچ خىل يايلاق ئېكولوگىيىسى ، تەبىئى ئەۋزەللىك شۇ ئارىلىقتا تېپىلىدىكەن .4 w, f8 i2 q! k" G1 A' n* l

8 x2 r8 o1 s; `- S: ]  ئۇ ئەنە شۇ گۈزەل ۋادىنىڭ ئەركىن قۇشىدەك ئارزۇ-ئارماننى بويلاپ ، « پەلەك چاقى» دېگەندەك بىراقلا يىراقلارغا پەرۋاز قىلىپ ، ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا فىزىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، 22 يېشىدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ نەق 17 يىل ئىشلەپ ، ياشلىقتىن قىرانلىققا دەۋرىگە قەدەم باسقان تەقدىرىي قىسمەتنى تۇيمايلا قالدى .
3 @: V) x' y+ H( J+ H3 O" u8 P
& a; V# w* H+ A) o3 U. i  ئۇ 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كېلىپلا يېڭى شارائىتقا غەرق بولۇپ ، بىر قاتار كەسپىي ، مەمۇرىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەشكە باشلىدى . بولۇپمۇ تەتقىقات ، ئوقۇتۇش مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقى ئېغىر خىزمەت بولغاچقا ، باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك بېسىم ، ئەندىشە ، تەقەززالىق ئىچىدە ياشىدى . ئەلۋەتتە نەتىجىلەردىن ئۇلا ئەمەس ، خەلقىمىز خۇش بولدى .ئۇ خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ، نەتىجىلىك راۋاجى ئۈچۈن ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، ئىلمىي پوزىتسىيىدە بىر قانچە مۇلازىمەت ئامىلىنى توغرا ھەل قىلىپ ماڭالىدى .
& E& O2 `- I) s0 s4 ?
# F8 }$ I1 K0 z: }" y9 J  ۋاقىت ، ئومۇمىي پائالىيەت ، ئىش ئۈنۈمدارلىقى ؛ يەككە ، كۆپ قاتلاملىق ھەم بىرلەشمە تېما ؛ كەسپىي ، مەمۇرىي ھەم ئىجتىمائىي خىزمەت ؛ شەخسىي ياكى ئائىلە ھەم كوللىكتىپ ئىشلار قاتارلىق تۆت قاتلامدىكى ئۈچ خىل مۇناسىۋەت باغلىنىشىنى توغرا ماسلاشتۇرۇپ ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ، جاسارەتتە ، تۈنلەرنى تاڭلارغا ، خىياللارنى نىشانلارغا ، تەسەۋۋۇرنى تەپەككۇرغا ئۇلاپ ، پىلانلىق ، سىتېمىلىق ئىشلەپ ماڭدى .( D* k& X9 |7 A6 ?' u& L0 Z. B* M
! H+ ?1 _5 i# Q( E* [& F+ s
  تەتقىقات مەزمۇنى تېمىدىن تېمىغا ، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ، رايون سەۋىيىسىدن دۆلەت ، خەلقئاراغا يۆتكەلگەندە ئەلۋەتتە مۇناسىپ ئىزدىنىش ، ئۇسۇل ، سەۋىيە ، تەپەككۇر ئالدىن يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى . بەزى زىددىيەت-خىرىسلىق ئىشلارنى ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى باشقىلارنى ئاياپ پىنھان تۇتۇپ ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدى .
4 o$ d2 d0 A, h2 J6 p) S9 p6 ~: Q# U& Y6 D0 X9 z
  ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى . مەركىزىي كومپارتىيە تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرۇشىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ۋە ش ئۇ ئا ر رايونلۇق ئالاھىدە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ( 500 مىڭ يۈەن ) ئېرىشكەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت ئالىمى .ئۈچ قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېميىسىنىڭ ئاكادېمىلىكىگە كۆرسىتىلگەن نامزات . دۆلەتلىك ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسىس ، دۆلەتلىك ئىلغار خىزمەتچى ، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ( ئۈچ نۆۋەت ) ، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇھاجىر خادىمىنىڭ بىرى . ئاپتونۇم رايونلۇق مۇتەخەسىسلەر مەسلىھەتچىلەر كومىتىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ،ئاپتونۇم رايونلۇق ئىلمىي ئۈنۋان كومىتىتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق كومپىيۇتېر ، ئۇچۇر جەمىيئەتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى ، دۆلەتلىك «211 قۇرۇلۇشى » « شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم ئالاقە ئىلمى » نۇقتىلىق پەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى ، دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 4 خىل كومپىيۇتېر ئۇچۇر ماگىستىرلىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەم كۆپ خىل تىل –يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى . ئۇ 50 تىن ئارتۇق ئاسپىرانت ۋە ياش تايانىچنى تەربىيىلىگەن . خەلقئارالىق ، مەملىكەتلىك ژۇرناللاردا 70 تىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان . ئىككى قېتىم خەلقئارالىق ، مەملىكەتلىك يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان ، 15 قېتىمدىن كۆپرەك خەلقئارالىق يىغىنلاردا ماقالە ئوقۇغان . 10 پارچە ئالىي مەكتەپ دەرىسلىكى يازغان . 10 مىڭدىن ئارتۇق كومپىيۇتېر –ئېلىكترون سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى بېكىتىپ چىققان . بۇلار ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ .
  u: J/ o% c' P/ i% a: p9 f
$ Q3 ^' f. O) x8 a5 \$ G  پەن-تېخنىكا جەھەتتە :& L" S: y( C3 e, D
& E0 d& @& G+ D' i
  ھازىرغىچە دۆلەت «863 » يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىقات پىلانىدىكى ئىقتىدارلىق ماشىنا تەتقىقات تۈرىدىن يەتتىگە ، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تەتقىقات تۈرىدىن ئۈچكە ، يەنە مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرى بولۇپ جەمئى 20 تۈرگە يېتەكچىلىك قىلغان . 20 دىن ئارتۇق كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ، يېڭى ئۇسۇل ، يېڭى تېخنىكىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئۈچ تۈردە ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئالتە تۈر « مەملىكەتلىك تۇنجى ئىجادىيەت » ۋە « خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيە » دەپ بېكىتىلگەن . بەش تۈردە مەملىكەتلىك ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتكەن . سەككىز تۈردە مەملىكەتلىك پاتېنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . نۆۋەتتە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق تەتقىقات تۈرىدىن سەككىزگە يېتەكچىلىك قىلماقتا .
8 T- S0 {$ V( t2 \- Q- [% K9 N: p4 P; T' z. K
  ئۇ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ساھەسىنى ئاچقان . ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى كۆپ خىل يېزىقلىق dos2.0 دىن dos6.0 گىچە ، windows3.1/95/98/2000/xp تۈرىدىكى ھەرخىل مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ چىققان . ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىكى ، ئوخشاشمىغان كەڭلىكتىكى كۆپ خىل يېزىقلارنى قوش يۆنىلىشتە ئارىلاشما بىر تەرەپ قىلىشنى ھەل قىلغان .+ q* X/ M% Z. S6 ~% N
' r0 o+ g7 r( \- a1 Z) C& I7 J
  ئۇ تۇنجى بولۇپ تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئىنگلىزچە چاقىرغۇ ۋە يانفونلار شىنجاڭدا تورلاشتى . ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆلچەملىك توچكىلىق ھەرپ ئامبىرىنى قۇرۇپ ، ۋېكتورلۇق ھەرپ ، ئۈچ ئۆلچەملىك ئەگرى سىزىقلىق ھەرپ دەرىجىسىگە كۆتۈردى . مېخانىك خەت بېسىش ، مىخ مەتبەئە ساھەسىنىڭ ئېلىكترونلۇق ماشىنا ، ئاپتوماتلىشىش دەۋرىگە كىرىشىگە زور تۆھپە قوشتى .
) M( u3 D5 F) S8 e: e, v9 r2 F# U( n8 T& f! n
  دۆلەت ئىچى-سىرتىدا altay تىل سىستېمىسىدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىقتى . ئۇنىڭ 40 مىڭغا يېقىن سۆزلۈكنى تونۇش ئىقتىدارى %95 كە يەتتى . مۇئاۋىن زۇڭلى بۇ سىستېمىنى كۆرۈپ يۇقىرى باھا بەردى . ھوشۇر ئىسلام 10 نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە يېزىق ئۇچۇرلىرىنىڭ خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى unicode غا كىرگۈزۈپ ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتتى . ھازىر يېڭى يېزىقنى ۋە كونا ئۇيغۇر يېزىقى (orkhun) نى خەلقئارالىق ئۆلچەمگە كىرگۈزۈشكە كۈچەۋاتىدۇ . ئۇ تورلاشتۇرۇشتىكى « كۆرۈش ، مۇلازىمەتچى ، مەلۇمات ئامبىرى » دىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتلىك سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى .
: T5 O7 j& ^; a( ?9 b, e9 t
- S3 b5 k+ ^* J- l2 l, [- ^  C  ھوشۇر ئىسلام ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى ، خىزمەتداشلىرى 20 نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتىجسىدە ،شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى كۆپ مۇھىتلاشتۇرۇش ، تورلاشتۇرۇشنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈردى .3 K! H1 i! M, a  P0 V# P3 n& }

3 v' M: @1 `( d  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار شىنجاڭ ھەم چەتئەللەرگە تارقالدى .
4 G% L- Z9 t3 |9 M9 n, a! y( a* x) E  D8 g
  ئەمەلىي قوللنىلىدىغان سىستېمىلار :, Z, R1 A0 A2 H7 K. M0 F" J2 v
0 t6 v1 i. C* K: N7 T1 N1 o- I
  كۆپ خىل يېزىق « شىڭ خەن » ۋە «بوغدا » مەتبەئە سىستېمىسى ، ئازسانلىق مىللەت ئۇچۇر ئامبىرىنى ئاپتوماتىك شەكىللەندۈرۈش سىستېمىسى ، ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش-سىتېزلاش سىستېمىسى ، « ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېرلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى » ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە چاقىرغۇ ، ئىنگىلىزچە-خەنزۇچە –ئۇيغۇرچە ئىلىكترونلۇق لۇغەت ،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى «863» ۋە «سەردار » تور بېكەتلىرى ،« دەن چىن » ماركىلىق ئۇيغۇرچە –خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە ئېلىكترونلۇق كۇتۇپخانا ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە يانفۇن (ئۈچ خىل ) ،رادىئو ئىستانسىسى ھۆججەت تور سىستېمىسى ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېلىكترونلۇق ھۆججەتلىرىنى يوللاش ، قوبۇللاش سىستېمىسى ، ئۇيغۇرچە ئىشخانا ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىمتىھان ئېلىش سىستېمىسى ، ئۇيغۇرچە ، ئەرەبچە ، روسچە linux مەشغۇلات سىستېمىسى قاتارلىقلار .
& {2 w& }/ }+ k) i7 A$ s5 x
% _& K0 W: b  m1 v  ھازىر كومپىيۇتېر كۆپ خىل يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم نەزەرىيىسى ساھەسىدە مەملىكەتلىك ھەم ئاپتونۇم رايونلۇق سەككىز نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈش تەتقىقاتىدىن ئىككىنى ئىشلىمەكتە . ئۇ يېتەكلىگەن ستۇدېنىتلارنىڭ كەشپىياتلىرىمۇ ئالاھىدە نەتىجىلىك بولماقتا . 6-نۆۋەتلىك « غالىبلار لوڭقىسى » مەملىكەتلىك سىتۇدېنىتلار ئىلىم-پەن ، تېخنىكا ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىگە 322 ئالىي مەكتەپتىن 1049 ئەسەر ( شىنجاڭدىن 11 ) قاتناشتۇرۇلغانىدى . شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى 7-لىككە ( مەملىكەت ئىچىدە چىڭخۇادىن قالسىلا 2-لىككە ) ئېرىشكەن . ھوشۇر ئىسلام « مۇنەۋۋەر باغۋەن » مۇكاپاتىغا ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى « رىغبەتلەندۈرۈش » ، « تەشكىللەش » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
# t6 [' v! Q- t  I( F/ y% i0 E' W% W6 G5 O
  بۇ مۇسابىقە دەرىستىن سىرتقى پائالىيەت بولغاچقا بەزى چەكىلىمىلەرگە ئۇچرىسىمۇ ، ئەمما ئەركىن ئىشلەش ھەم بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەقىقى قەھرىماننى ، ئىقتىدارلىقلارنى سىنايدىغان جەڭگاھتەك رول ئوينايدۇ . بۇ مەنىدىن قارىساق نەتىجىنىڭ قىممىتى يەنىمۇ ئاشىدۇ . مانا بۇ نەتىجىلەرنىمۇ پروفېسسورنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ۋە ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .4 l; @% p2 K9 j- h% O% t* f: |

8 i$ a2 t% A5 x  ھوشۇر ئىسلامنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ شۇنداق يۇقىرى باھالارغا ئېرىشىپ ، دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئىلىم-پەن مۇنبىرى ۋە ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ، تېخنىكىلىق قىممىتى ۋە نەزەرىيىۋى سەۋىيىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئۇ مەملىكەتلىك ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان مۇتەخەسسىس ، غەربىي شىمالنى ئېچىشتا تۆھپىسى ئالاھىدە مۇتەخەسسىس ، پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى تەشكىلات بۆلۈمى ئالاقىلىشىدىغان ، يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزدا « پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئالاھىدە مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت مۇتەخەسسىس .گوۋۇيۈەن فوندىدىن بەھرىمەن بولغۇچى مۇتەخەسسىس ، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس قاتارلىق ھەرخىل كەسپىي مۇكاپات ، يۇقىرى شەرەپ ، ئىنئام ۋە مەمۇرىي خىزمەت ئورۇنلىرىغا مۇيەسسەر بۇلالىغان . فاكۇلتىت مۇدىرى ۋە باشقا بىر قاتار مەمۇرىي ، ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىمۇ بىللە ئىشلىگەن .
- U& H9 m/ z' ?8 s4 v
1 i+ Q2 a2 G# \6 y' }  يۇقىرىقى نەتىجىلەرنىڭ سان-سۈپىتىدىن ھەم سېلىنما مەھسۇلات نىسبەت قائىدىسىدىن قارىساق ، بىر كىشىنىڭ ئەمەس ، خۇددى نەچچە ئون كىشىنىڭ ، شۇنداقلا سېلىنمىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن ھاسىلات تۇيغۇسى بېرىپ ، ھۆرمىتىمىزمۇ شۇنچە ئېشىپ ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز .
( B; s) {) J1 F0 z& c- P) N* o. ?! W; r( T6 p' H# s
  ئادەمنىڭ ئىقتىدارىغا ئىقتىسادىي مۇھىت ، قاتتىق دېتال قىسمى سەپلەنسە ، مۆجىزە يارىتالىشى مۇمكىن ئىكەن . بىرەر ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ھامان مەلۇم قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ . پروفېسسور ئېرىشكەن شان-شەرەپ ، نەتىجىلەر تەشكىلنىڭ قوللىشى ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ، دەۋرىمىزنىڭ مەھسۇلى –نەمۇنىسى .( E: a. p/ V1 e- v, _9 d( v8 V

, d# c8 \6 d* D. Y7 }  Z' r$ e7 o1 A  ھوشۇر ئىسلامدەك تەبىئى پەن ئالىملىرىمىز ، ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر ، ئىسلاھات-رىقابەت دەۋرىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئەقلىي-قۇۋۋەت كارامىتىنى كۆرسىتىپ ، مەملىكەتلىك ، خەلقئارالىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يۇرتىمىزنىڭ شان-شۆرىتىنى ئاشۇرۇپ ، كەڭ سەپ بويىچە ئىجادىي روھ ، جاسارەت ئۇرغۇتىشىدا زور رول ئوينىماقتا . بۇلار ئازسانلىق مىللەت ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە ئۈلگە-نەمۇنە تىكلەپ بەردى .

$ h- x& M: M( c- r9 z* yمەنبە:خەلق تورى

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

5

يازما

113

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
0 سەر
تۆھپە
0 سەر
تىللا
109 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-15 11:19:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ئۈزۈلمىگەي  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗