ئۇيغۇر
ئېينىشتىيىن سيۇرىخ فىدىراتسىيە تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ فىزىكا كەسپىدە ئوقۇغان، لېكىن مەكتەپ پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن. ئۇنىڭ مەسئۇل پراففىسسورى:«سەن بەك ئەقىللىق، لېكىن ئەزەلدىنلا باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمايسەن» دېگەن. مۇشۇ خىل باھاغا ئېرىشكەن ئېينىشتىيىن «قارىغۇلارچە تىكلەنگەن نەزەرىيە ھەقىقەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى» دېگەن ھەقىقەتنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەنگەن. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېينىشتىيىن مۇشۇ خىل كەيپىيات بىلەن غەلبە ئىشىكىگە ئاتلاپ كىرەلمىگەن. ئاشۇ يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەڭ كۆپ يوللىغان لېكىن ئۆزى ئوقۇغان كەسىپتىن خىزمەت قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالالمىغان بىردىنبىر ئوقۇغۇچى بولۇپ قالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ:« ھاكاۋۇرلۇق ياشىسۇن! ئۇ مېنىڭ دۇنيالىقتىكى قوغداش پەرىشتەم» دېگەن ئېتىقادىغا ئىزچىل ئىشىنىپ كەلگەن. ئەينى چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭغا قىلچىلىكمۇ قىزىقمىغان. بىر مەزگىل ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا تولىمۇ يىراق بولغان بېرندىكى پاتېنىت تەكشۈرگۈچىلىككە قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن 1902-يىلدىن باشلاپ پاتنېت ئىدارىسىنىڭ ئىشخانىسىدا ھەپتىسىگە 48 سائەتتىن باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا بۈيۈك ئىشلارنى قىلغىلى كەلگەنلىكىگە ئىزچىل ئىشىنەتتى. شۇڭلاشقا كەچلىك دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئىشلەشكىمۇ رازى ئىدى. لېكىن ئاشۇ شانلىق دەقىقىلەر قاچانمۇ يېتىپ كېلەر؟ 1905-يىللىرى ئېينىشتىيىن خىزمەتتىن سىرت ۋاقىتلىرىدا ئىشلەپ ئاخىرى بىر بۆلەك خىزمەت بىلەن خوشلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇشاللىق بىلەن ماتېماتىك دوستىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭغا «لوگىكىغا ماس كەلمەيدىغان بىمەنە گەپلەر» دېگەن تۆت پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ! Q1 l8 i6 v( N' @) F0 t# p5 F$ ], J
$ ]/ q. m* e! W1 i0 `) N لېكىن 26 ياشلىق ئېينىشتىيىن تەرىپىدىن «لوگىكىغا ماس كەلمەيدىغان بىمەنە گەپلەر» دەپ ئاتالغان بۇ ماقالىلەر ئىنسانلار دۇنياسى ئىجاد قىلغان ئىنسانلارنى ئەڭ زىلزىلىگە سالالىغان سۆز جۈملىلەر بولۇپ چىققان. ئۇ فىزىكا ئىلمىنى 19-ئەسىردىن بىر قەدەمدىلا 20-ئەسىرگە باشلاپ كىرگەن ھەمدە ئىجادچىسى بولغان ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر تالانت ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، فىزىكا ئىلمىدا يېڭىچە ئۇل تۇرغۇزغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىزباسارى مۇشۇ ئاساستا ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئېينىشتىيىن قانداق قىلىپ ئادەتتىكى تۆۋەن مائاشلىق خىزمەتچىدىن 20- ئەسىردىكى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىمغا ئايلىنالىغان؟ ئۇنىڭ تەرجىمىھال يازغۇچىسىنىڭ قارىشىچە، ئېينىشتىيىن ئەزەلدىن نوپۇزلۇق ئالىملار بىلەن مۇنازىرلىشىپ، رەددىيەت بېرىشىپ ئولتۇرماسىتىن بەلكى ئەركىن مۇھىتتا ئۆز خىيالى بويىچە ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈدىكەن. شۇڭلاشقا دۇنيانى زىلزىلىگە سالالىغۇدەك نەتىجىلەرنى ياراتقان دەپ قارايدىكەن. خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پرافىسسورى، ئېينىشتىيىن بالىلارچە گۆدەك قەلبى بىلەن ياشىقاچقا تەبىئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن يېشىلمىگەن سىرلارنى ئېچىپ بېرەلىگەن، شۇڭا ئېينىشتىيىننى «مەڭگۈ گۆدەك بالا» دەپ ئاتاشقا مۇناسىپ كېلىدۇ دەپ قارايدىكەن. . [8 z9 d7 ?9 f2 n
! \/ Z0 r }# |% o
ئېينىشتىيننىڭ نىشانى ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇش بولماستىن بەلكى تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ئاستا-ئاستا ئىلىم-پەن ساھەسىدە قوبۇل قىلىنىپ، فىزىكا ئىلىم تەرەققىياتىدا بىرەرمۇ يوچۇق قالدۇرۇپ قويماسلىقنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇ دوستىغا يازغان بىر پارچە خېتىدە دېيىلگەندەك، ئۇنىڭ نەزەرىيىسىمۇ چوقۇم ئىسپاتلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا پەرەزلىرى بار. ھېس قىلىشىمىزچە، بىر ئەسىردە ئېينىشتىيىندەك تالانت ئىگىسىدىن بىرەرى ياكى ئىككىسى چىقىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بىز نېمە ئۈچۈن ئۇ توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى تاكى ھازىرغىچە سۆزلەيمىز؟8 \0 X" }8 F }& {( v
* [8 {9 P7 b9 M7 h I _7 ?
ھەقىقەتەن كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزىمىز مېڭىۋاتقان يولنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلمىز لېكىن بېشىمىزغا كەلگەندە ئامالسىزلىقتىن يەنىلا يېڭىش ئۈچۈن تىرىشىمىز، مۇشۇ ھەقتە بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزگە ئاگاھلاندۇرۇشىمىزمۇ مۇمكىن. خۇددى ئېينىشتىيىندەك تالانت ئىگىسىنى ئەينى چاغدا ئىلىم-پەن ساھەسى چەتكە قاققاندا، قوللىمىغاندا ئۇ بۇ خىل گۇمانىي قاراشلارنى يېڭىپ، ئۆز ئىرادىسىگە قەتئىي ئىشىنىپ، ئاخىرى ناھايىتى قىممەتكە ئىگە بولۇپ چىققىنىدەكلا. f/ v: O9 c, t3 U5 a. G3 v
" h3 a0 t% q8 x' y; x( l5 k( v4 \& P9 R# [
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |