维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

ھىندىستان بىلەن پاكىستان كەشمىردە يەنە توق ...

2013-1-9 09:20| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 128| باھا: 0|يوللىغۇچى: ئوكيان تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ئاخبار ...


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ۋە ھىندىستان ئارمىيىسنىڭ دېيىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئىككى ئەسكىرى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كەشمىردىكى ھىندىستان-پاكىستان چېگرا رايونىدا پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پاكىستان بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى كەشمىردە چېگرىدىن ئۆتۈپ پاكىستاننىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، پاكىستاننىڭ بىر ئەسكىرىنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى، ئەمما ھىندىستان ئەينى چاغدا ئىنكار قىلغان. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى كەشمىردىكى ئايرىش چېگرىسىغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلدى دەپ ئەيىبلەشتى.
كەشمىر رايوندىكى ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرى دېيىشىچە، ھىندىستان پاكىستان ئارمىيىلىرى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كەشمىردىكى چېگرىدا يەنە ئېتىشقان، ھىندىستاننىڭ ئىككى ئەسكىرى ئۆلگەن، بىر ئادەم يارىدار بولغان.
نۆۋەتتە، پاكىستاندىن ئۇچۇر كەلمىگەن.
(نەپرەت)

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ