بەيدۇ دۇنيادىكى تۇنجى رەسىم ئاساسىغا قۇرۇلغان ئادەم چىرايى ئىزدەش موتورىنى ئېلان قىلدى بەيدۇ(百度) تۈنۈگۈن كەچتە <<بەيدۇ رەسىم تونۇش(百度识图)>> ناملىق رەسىم ئىزدەش موتورىنى ئېلان قىلدى، ئابونتلار ئۇنى ئىشلىتىپ توردىن چىرايى ئوخشىشىدىغان ئادەملەرنىڭ رەسىمىنى ئىزدىيەلەيدۇ. بەيدۇنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى يۈ كەي(余凯) نىڭ دېيىشىچە، <<<بەيدۇ رەسىم تونۇش >> ئىقتىدارى بەيدۇنىڭ 2012-يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتى، شۇنداقلا دۇنيادىكى تۇنجى رەسىم ئاساسىغا قۇرۇلغان ئادەم چىرايى ئىزدەش موتورى. بەيدۇ رەسىم بەت يۈزىگە كىرىپ، رەسىمنى ئىزدەش كۆزنىكىگە چاپلاپ ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق چىقىرىپ ئىزدەلگەن نەتىجىدە چىراينىڭ ئالاھىدە كۆرۈنۈشى ۋە تولۇق رەسىم بولۇپ كۆرۈلىدۇ. بۇندىن بۇرۇن، گۇگول ئىزدەش بۇ ئىقتىدارنى ھازىرلاپ بولغان، لېكىن ئۇنى ئايرىم ئىقتىدار قىلىپ رەتلەپ چىقمىغان، گۇگول رەسىم ئىزدەش بېتىگە كىرىپ تۈر ئىچىدىن چىراي (Face) نى تاللىغاندا ئوخشىشىدىغان ئىزدەش نەتىجىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. (بۇئايشەم) |
ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،