维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

50 تۇغقىنىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان پارىخو ...

2012-12-30 23:11| يوللىغۇچى : illiq| كۆرۈش: 208| باھا: 0|يوللىغۇچى: نۇر تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: جەنۇبى شەھەر گېزىتى مۇخبىرنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر تورداش شېنجىن لوخۇ رايونى سۈ ...
جەنۇبى شەھەر گېزىتى مۇخبىرنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر تورداش شېنجىن لوخۇ رايونى سۈيجۇ كوچا باشقارمىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى چېن فامىلىلىك ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ 50تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە مۇشۇ كوچا باشقارمىسىدىن خىزمەت تېپىپ بەرگەن. 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، لوخۇ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بايانات ئېلان قىلىپ، چېن فامىلىلىكنىڭ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق جەريانلاردا ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ئېغىر مەسىلىنى سادىر قىلغان. رايونلۇق پارتكوم تەكشۈرۈش ئارقىلىق چېن فامىلىلىكنىڭ ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلغان ھەم داۋاملىق تەكشۈرۈشنى بۇيرۇغان. ئومۇمنىڭ پۇلىغا سېتىۋالغان ماشىنىنى بولسا مۇسادىرە قىلغان.
بىر كادىر ئۆزىنىڭ 50تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى
چېن فامىلىلىك 1957-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فېڭشۈن ناھىيىسىدىن ئىدى. 2011-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ لوخۇ رايونى سۈيجۇ كوچا باشقارمىسىنىڭ پارتكوم شۇجىلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ قوشۇمچە ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ لوخۇ رايونى دوڭشياۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم شۇجىسى، ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە ئولتۇرغان بولۇپ، خىزمەت تارىخى مول ئىدى.
بۇ خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ مىكروبىلوگىدا ئاشكارىلىغان تورداشنىڭ دېيىشىچە، چېن فامىلىلىك لوخۇ رايونى دوڭشياۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا ئولتۇرغاندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى مۇشۇ كوچا باشقارمىسىدىكى ئاساسلىق خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان، بارا-بارا يۈرىكى چوڭلاپ مۇشۇ بىر كوچا باشقارمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى 50كە يەتكەن. دوڭشياۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسىدىن باش شۇجىلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن قىسقىغىلا نەچچە ئاي ئىچىدە قىممىتى بەش مىليوندىن ئاشىدىغان داڭلىق ماركىدىكى ماشىنا سېتىۋالغان...ئىقتىسادى ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى بولغان سۈيجۇ كوچا باشقارمىسىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن قىممىتى تۆت مىليوندىن ئاشىدىغان بىر داڭلىق ماركىدىكى ماشىنىنى سېتىۋېلىپ ئۆزى مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ماشىنا قىلىپ سەپلىگەن.بۇلاردىن باشقا يەنە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋالغان داچىسىنىڭ بارلىقىنى، ھەردائىم ئومۇمنىڭ پۇلىغا تۇغقانلىرىنى ئېلىپ چىقىپ مېھمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئادەم ئىشلىتىش ماشىنا ئىشلىتىش-خىزمەتتىن توختىتىپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
12-ئاينىڭ 28-كۈنى لوخۇ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ چېن فامىلىلىكنىڭ دوڭشياۋ ۋە سۈيجۇ كوچا باشقارمىلىرىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ-ئىچىپ ئوينىغانلىقى ئۈچۈن كوچا باشقارمىسى پارتكومىنىڭ شۇجىلىقىدىن ۋە ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان. لوخۇ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يەنە تەكشۈرۈش ئارقىلىق چېن فامىلىلىكنىڭ 2009-يىلى 12-ئايدا لوخۇ رايونى گۇاڭلىڭ ئولتۇراق رايونىدىن 132.81كوۋادىراتمىتىرلىق ئۆينى سېتىۋەتكەنلىكىنى، ئومۇمى قىممىتىنىڭ ئۈچ مىليون 400مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى، شۇ ئايدىلا لوڭگاڭبۇ گۈللۈكىدىن 339.21كوۋادىراتمىتىر كېلىدىغان بىر داچا سېتىۋالغانلىقىنى، بازاردىكى باھاسىنىڭ ئىككى مىليون 350مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ