维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بارلىق پۇقرالارنى ...

2012-12-31 08:05| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 194| باھا: 0|يوللىغۇچى: نۇر تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: نەنفاڭ كۈندىلىك گېزىتى خەۋىرى. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىرىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسى ئىشلىتىشتى ...



نەنفاڭ كۈندىلىك گېزىتى خەۋىرى. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىرىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسى ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تېخىچە بىرىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىغا ئالماشتۇرمىغان بىر قىسىم پۇقرالارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىر قىسىم چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى ساقچىخانىلارنى تاللاپ بىرىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىغا ئالماشتۇرۇش بىلەن بىرگە تۇنجى قېتىم بارماق ئىزىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدۇ.
نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بىرىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىغا ئالماشتۇرۇلۇپ بولغان. بىراق بىر قىسىم پۇقرالار بۇ ئىشقا سەل قارىغاچقا ئۇلار چەتئەلگە چىقىش، چېگرىدىن چىقىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلاردا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. بىرىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇش مەزگىلىدە پۇقرالار كىملىك گۇۋاھنامىسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولسا ئالاقىدار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقىتلىق كىملىك گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ بېرىدۇ. بىرىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرمىغان پۇقرالار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش، پويىزغا چىقىش، مېھمانسارايغا كىرىش قاتارلىقلاردا كىملىك گۇۋاھنامىسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولسا پۈتۈن مەملىكەت نوپۇس ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئايرو پورت، پويىز ئىستانسىسى، مېھمانساراي جايلاشقان جايدىكى ساقچىخانا قاتارلىقلار پۇقرالار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ۋاقىتلىق كىملىك گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قارار قىلىشىچە، 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە بىرىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىغا ئالماشتۇرغىلى كەلگەن پۇقرالارنىڭ بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى سىناق تەرىقىسىدە خاتىرىلەشنى يولغا قويىدۇ. 2013-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پۇقرالارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىغا ماس ھالدا ھەر بىر پۇقرانىڭ بارماق ئىزى خاتىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
2013-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان پۇقرالارنىڭ بارماق ئىزىنى خاتىرىلەش خىزمىتىگە كېتىدىغان خىراجەت بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بۇ خىراجەت يەرلىك مالىيىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. شۇڭا ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسىنى بېجىرمەكچى بولغان پۇقرالارنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ھاجەتسىز.

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم
1

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

ئىپادە بىلدۈرگەن دوستلىرى (1 نەپەر)

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ