يانفۇن
ئۇيغۇرلاردىكى سىموۋۇللۇق رەڭلەر
8 K, p1 D" i* d s+ r+ T* f% Y" R. F' P# T0 f+ e& V
7 a O$ C4 Z0 O% ~( t
4 k6 H# S% R) M1 ]$ V) {2 |# T# Fدۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەردە رەڭلەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى ﻫەققىدىكى چۈشەنچىلىرى بولغىنىغا ئوخشاش ، ئۇيغۇرلاردىمۇ رەڭلەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى ﻫەققىدىكى ئىدىيىۋى چۈشەنچىلەر بولغان ، بۇ خىل چۈشەنچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ، تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ .ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدا ئاق ، كۆك ، قىزىل ، قارا رەڭلەر مۇﻫىم ئورۇندا تۇرغان .
6 q7 z7 u; H3 z# R, A9 j1 . كۆك رەڭ
_6 `5 \6 x5 L$ q5 ^كۆك رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئۇلۇغلىنىدىغان مۇﻫىم رەڭلەرنىڭ بىرى ﻫېسابلىنىدۇ . مەسىلەن "ئوغۇزخان" ئېپوسىدا ئوغۇز خاقاننىڭ بەزى تەسۋىرىرلىرىدە "كۆك" سۆزى ئۇچراپ تۇرىدۇ .يەنە "مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى" دىمۇ : " كۆك ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ﻫىممىتى بىلەن ، مەن ئۆز خەلقىمگە ﻫۆكۈمران بولدۇم" دېگەن مەزمۇن ئۇچرايدۇ .7 v g9 y% c( y4 T8 ]6 j
تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرلىنىشىچە ، ﻫۇنلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئىچىدە كۆك ئاتلىق قوشۇن ﻫەرقانداق جەڭلەردە شەرق تەرەپتە ( سەپنىڭ ئالدىدا) جەڭ قىلاتتى . چۈنكى ، كۆك ئاتلىق قوشۇن ئەڭ كۈچلۈك . غالىپ قوشۇن دەپ قارالغان . ئادەتتە سەپ تۈزگەندىمۇ كۆك ئاتلىق قوشۇنلار سەپنىڭ ئالدىغا تۇراتتى . ﻫازىرقى شامانلارنىڭ "پېرە ئويۇنى" دىمۇ كۆك رەڭلىك رەختتىن ياسالغان كۆك تۇغ پېرە ئوينىلىدىغان ئۆينىڭ شەرقىي تېمىغا قادىلىدۇ . ئەمما ، شامانلارنىڭ "پېرە ئويۇنى" دىكى كۆك رەڭ تەرەپ ئىلاﻫى ( شەرق تەرەپ) نى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .! f/ L0 u! W2 _5 R# m" s" @2 e% Z
ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلار قەبرە بېشىغا قاداپ قويىدىغان تۇغلار تەركىبىدىمۇ كۆك رەڭلىك تۇغلار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ .
* C4 p5 {4 @3 Z& \9 H2 . ئاق رەڭ 7 n+ c. D5 K9 G9 p9 R
ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئاق رەڭمۇ مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدۇ . تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرلىنىشىچە ، ﻫۇنلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئىچىدە ئاق بوز ئاتنىڭ غەرب تەرەپتە سەپ تۈزىدىغانلىقى مەلۇم . ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم رىۋايەتلەردە ، مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ئاق ئات ئۇلۇغلىقى ﻫەققىدىكى بايانلارمۇ مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدۇ . ( مۇنبەردە "ئاق ئاتنى ئۇلۇغلاش ئادىتى" ناملىق يوللانما بار بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ ﻫەقتە كۆپ توختالمايمىز ، ئايچىۋەر ) شامان يەنە "پېرە ئويۇنى" ئوينىلىدىغان ئۆينىڭ غەربىي تېمىغا ئاق رەختتىن ياسالغان ئاق تۇغنى قاداپ ، تەرەپ ئىلاﻫىنى ئىپادىلەيدۇ ..1 R! w, k- O) ?2 w8 \4 Y* I( K
ئەمما ئادەتتىكى ئۇيغۇر كىشىلىرى ئاق رەڭنى پاكلىقنىڭ ، ساپلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ . بۇ خىل قاراش شامان دىنىدىكى ئاق رەڭ چۈشەنچىسىدىن نىسبەتەن كېيىن پەيدا بولغان . يەنى ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئاق رەڭ --- پاكلىق چۈشەنچىسىگە ئىگە قىلىنغان . دېمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئاق رەڭ --- غەلىبە ، يورۇقلۇقلۇقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان .
( _6 j$ d! g$ o" m; k2 J% T3 . قىزىل رەڭ 4 e. [% M) V+ @ k
ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە قىزىل رەڭ باشقا رەڭلەرگە ئوخشاشلا مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇرلار توي مۇراسىمىدا يىگىتنىڭ بېلىگە "توي پوتىسى" باغلايدۇ . قىزغىمۇ قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيدۈرىدۇ . ئۇندىن باشقا يېڭى ئۆي سالغاندا ، ئۆينىڭ ئۈستىنى يېپىشتىن بۇرۇن خار ياغاچقا قىزىل رەختنى باغلاپ ، ئاندىن خارنى تامنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىدۇ . بۇنداق ئادەت دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇچرايدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە شامانلار "پېرە ئويۇنى" دا ئۆينىڭ جەنۇبىي تېمىغا قىزىل رەڭلىك تۇغ قادايدۇ .
- K+ a y; s# z" o$ ~تارىخىي مەنبەلەردە ﻫۇن قوشۇنلىرىنىڭ ئىچىدە قىزىل تورۇق ئات مىنگەن قوشۇن جەنۇب تەرەپكە سەپ تۈزىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن . شىمالىي يايلاقتىكى ئەجدادلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ياشاش شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۇلارغا نىسبەتەن جەنۇب تەرەپ ئىسسىق بولۇپ ، جەنۇب تەرەپنى ئىسسىقلىق تەڭرىسىنىڭ ماكانى دەپ قارىغان .& I- O- l, D4 p6 R% W( {
ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ، قىزىل رەڭ -- ئوت ئىلاﻫىنىڭ سىمۋولى بولۇپ ، قىزىل رەڭنى ئۇلۇغلاش "ئوت ئىلاﻫى" غا چوقۇنۇش ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . شامان دىنىدا يەنە ئوت "ئەڭ پاك" دەپ قارالغان بولۇپ ، ئەڭ دەسلەپكى "پاكلاش" پائالىيىتى ئوت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان . بۇ مەنىدىن قارىغاندا ، ئوت - پاكلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان . ئەمما ، ﻫازىر كىشىلەر ئوتنى خوشاللىق ، مېﻬىر - مۇﻫەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ .5 u! _" o4 d' k- f
4 . قارا رەڭ
+ {7 L" M6 j J3 U+ U% B6 F, h; ]" Pئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ، يامان روﻫلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ياشايدۇ ، ئۇلار كېچىدە ﻫەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ . بۇ خىل چۈشەنچە قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش پائالىيىتىنى چەكلىشى ، ئەجدادلارغا قورقۇنچ ئېلىپ كېلىشى ئۇلاردا ئازاب ئېڭىنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئوبيېكتىپ سەۋەبىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . ئىپتىدائىي ئەجدادلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەﻫىمىسىنى يېڭىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن قارا رەڭ تەدرىجىي ﻫالدا قاراڭغۇلۇقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئەجدادلارنىڭ قايغۇ ، ئازاب ﻫېسسىياتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان . يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازاب ئېڭىنى قارا رەڭ بىلەن ئىپادىلىگەن . گەرچە قارا رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ، كىيىنىش ، تىل ئادەتلىرىدە يەنىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .
2 } A- E- A% ~2 oئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۇرۇق - تۇققان ، قان - قېرىنداشلىرى ئۆلۈپ كەتسە ، قارا كىيىم كىيىپ ، ﻫازا تۇتىدۇ . ئادەتتە "ﻫازا تۇتۇش" نى "قارىلىق تۇتۇش" دەپمۇ ئاتايدۇ . ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدا "قارا باستى" ، " قارا نىيەت" ، "قارا كۈنلەر" ، "بەختى قارا"...... دېگەندەك تۇراقلىق ئىبارىلەر بار بولۇپ ، بۇ ئىبارىلەردىكى "قارا" سۆزىمۇ "يامانلىق" ، "بەختسىزلىك" ، "دەرد - ئەلەم" دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ ، يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب ئېڭىنى ئىپادىلەيدۇ .2 {0 |1 ` k, f9 V+ I# U8 O5 G2 P# v
يۇقۇرقى رەڭنى ئۇلۇغلاش ئادىتىدىن باشقا يەنە 3 ، 4 ، 7 ، 9 ، 40 قاتارلىق سانلارنى ئۇلۇغلاش ﻫەم ئۇلارنى خاسىيەتلىك سان دەپ بىلىش ئادىتىمۇ بولغان . بۇ خاسىيەتلىك سانلار ﻫەققىدىكى يوللانما بۇۇرن مۇنبەرگە يوللىنىپ بولغانلىقتىن ، بۇ يەردە توختالمىدۇق .6 w; x3 L/ j- N! \ s7 S( E
! D7 i! ~. @8 V: |1 I1 k1 |) q مەنبە : راخمان ئابدۇرېﻬىمنىڭ "ئۇيغۇرلاردا شامانىزم" ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .8 d0 a* M9 e' S/ k0 o$ y; l' s. `
2 v$ C- d% B {! ~' j
يۆتكەلگەن مەنبە:http://eser.okyan.com/eser/tehlil/mulahize/2007/0402/2663.htmlدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |