ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 868 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 482|ئىنكاس: 0

مەشھۇر نۇتۇقلاردىن پارچىلارلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

31

يازما

485

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
109 سەر
تۆھپە
93 سەر
تىللا
143 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-11-14 09:16:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خەۋەرمەشھۇر نۇتۇقلاردىن پارچىلار4 X6 ]1 _& n" a! t) j
ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى
. M% U. V/ q! ^9 t4 s
1 e0 s, [5 s/ l( @' N) ?8 Jستېۋ جوبىس (ئالما كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ لىدىرى)( m; a5 o6 }: i3 e* H8 X$ n# e
(2006-يىلى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى)
3 |/ F& L" Y, l0 @0 A0 ?ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمنى ئېسىمگە ئېلىش مەن بىلىدىغان ئۆز پايدا-مەنپەئەتىمنىلا كۆزلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. دۇنياغا قىپيالىڭاچ ھالدا غەمسىز كېلىپ، يەنە قىپيالىڭاچ ھالدا غەمسىز كېتىسىز، ئۆز قەلبىىڭىزگە ئەگەشمەسلىككە يەنە قانداق باھانىڭىز بولسۇن؟ ۋاقتىڭىز چەكلىك، شۇڭا ۋاقتىڭىزنى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىپ ئىسراپ قىلماڭ. دوگما دىنىي ئەقىدىلەرگە باغلىنىپ تۇرمۇشىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئوي-پىكىرىنىڭ مەھسۇلىغا ئايلاندۇرۇۋەتمەڭ. باشقىلارنىڭ پىكىرىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى ئاۋازىنى تۇنجۇقتۇرۇشىغا يول قويماڭ. ئەڭ مۇھىمى، ئۆز قەلبىڭىز ۋە بىۋاسىتە تۇيغۇڭىزغا باتۇرلۇق بىلەن ئەگىشىڭ. ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن سىزنىڭ نېمە بولالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىغان ھەقىقىي ئويىڭىزنى بىلەلەيدۇ. باشقىسىنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئەمەس. تىرىشچانلىقىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. كەمتەر بولۇڭ.
7 V9 o0 O) z4 U' j" w+ P8 c# O5 B3 Lجېررى زۇكې (كىنو رېژىسسورى، فىلىم ئىشلىگۈچى)
% v' i( v& u- t1 c& z(2003-يىلى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتى)
% o% s9 ?+ Z& j- K: j# @" l3 eئەگەر سىز ئۆمۈر بويى ئۇخلىغان بولسىڭىز، غايىڭىز رېئالىققا ئايلىنىش-ئايلانماسلىقى مۇھىم بولماي قالىدۇ. ئۆزىڭىزدىن بىر مەسىلىنى سوراپ كۆرۈڭ. ئەگەر مەن چوقۇم مۇكەممەل قىلىمەن دېمىسەم، ئۇنداقتا يەنە نېمىگە تىرىشىمەن؟ ھېچكىممۇ ئۆز مەغلۇبىيىتىگە سىز كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇھىملىقىغا چۆكۈپ كەتكەن بىردىنبىر ئادەم. باشقا بارلىق ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىز پەقەت رادارنىڭ فوسفورلۇق ئېكرانىدىكى بىر يورۇق چېكىت. شۇڭا، ھامان ئالدىغا قاراپ مېڭىڭ.
! A* r2 v) i; {; w2 h* p2 @ماك لۇيىس (پىروفېسسور، كىلىنكىلىق پىسخولوگ)/ h* x( b# B5 |! A& p6 o/ G+ {
(2000-يىلى، تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى)
0 g* Z- I4 c9 M/ y9 B- iبەزىدە ئىشنى نەتىجىلىك قىلىسىز، بەزىدە مەغلۇپمۇ بولىسىز. لېكىن ھەر ئىككىسى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۆلچىمى ئۆزىڭىزگە قانداق قارايدىغانلىقىڭىزدا. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۆزىڭىزنى بەختلىك قىلىشنىڭ چارىسى ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈشتۇر، ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈشنىڭ چارىسى پەقەت ئۆز-ئۆزىڭىزنى پەخىرلەندۈرگۈدەك ئىشلارنى قىلىشتۇر. بىر ھېكمەتتە مۇنداق ئېيتىلىدۇ:«مەيلى قەيەرگە بارماڭ، سىز ھامان ئۆزىڭىز» بۇ راست گەپ. بۇ ئۆمرىڭىزدە سىز بىىلەن ئەڭ كۆپ بىللە بولىدىغان ئادەم ئۆزىڭىزدۇر، ئەگەر ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئادەم بىلەن بىللە ئۆتكەن بولىسىز.
5 s& k# N8 S; l: q0 R+ aداۋىد ستىۋ ۋاللاتسې (يازغۇچى)
& y2 ?' D0 L& I6 a, y9 |* l(2005-يىلى، كىننىئېن ئىنىستىتۇتى). h, ~! d3 n5 T7 `0 }  b, k8 C% c
ئىككى بېلىجان بىرلىكتە ئۈزۈپ ئويناپتۇ، بىر كۈنى ئۇلار تاسادىپىي ھالدا بىر قېرى بېلىققا يولۇقۇپ قاپتۇ. قېرى بېلىق ئۇلارغا سالام قىلىپ شۇنداق دەپتۇ:«ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن، بالىلىرىم. سۇ قانداقكەن؟» ئىككى بېلىجان داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ئۈزۈپ كېتىۋېرىپتۇ، ئۇنىڭ ئچىدىكى بىرى تاقەت قىلالماي يەنە بىر بېلىجاندىن سوراپتۇ:«سۇ دېگەن قانداق نەرسە؟» «ئاددىيلا بىر نەرسە، تۇرمۇشىمىزدىكى رېئال، ئايرىلماس، شۇنداق كەڭرى، ھەرۋاقىت بولمىسا بولمايدىغان نەرسە. بۇ بىر-بىرىمىزنى سەگىتىپ تۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ. مانا بۇ سۇ». كۈنسېرى بۇ نۇقتىنى ئەستە تۇتۇش، كاللىنى سەگەك ۋە جانلىق تۇتۇشنى بىلىش تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدەك ئۇنچە تەس ئەمەس.# F9 I) z) C$ y/ [( g
جون ۋولىش (يازغۇچى ۋە سەنئەت تارىخچىسى)+ P. Z. Y7 s+ g# w+ H8 {
(2000-يىلى، ۋىنتون ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتى)
8 K( t7 _2 ~+ g7 b4 hبىر قېتىمدا بىر ئىشنى قىلىڭ. ھەر بىر تەپسىلاتقا پۈتۈن دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈڭ. جەلپكار نەرسىلەر ۋە باشقا پىلان-ۋەزىپىلەرگە دىققىتىڭىزنىڭ بۆلۈنىشىگە تىرىشىپ قارشى تۇرۇڭ. دىققىتىڭىز بۆلۈندىمۇ، سىزنى قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن تارتىپ كېتىدۇ. كۆپلىگەن ساھەلەردىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە قارشى ئەمەسمەن، قىزىقىش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كارغا كېلىدۇ. لېكىن دىققەت چېچىلىش ۋە كاشىلىغا ئۇچراشتىن ئاگاھلاندۇرىمەن، مەيلى سىز ئۆزىڭىز خالاپ قىلىڭ ياكى ئۇ ئۆزى يۈز بەرسۇن، بۇ خۇددى مېنىڭ بىر ئۆمۈر قىلغىنىمغا ئوخشايدۇ. كالتەك توپ مەيدانىدا نومۇرنى كۆپ ئالىدىغان توپ ئۇرغۇچى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تەسىراتى چوڭقۇر، ئۇلار «دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش»نى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنى مۇھىم بىلىدۇ. پىسخولوگلار بايان قىلىشىچە، يۇقىرى سەۋىيەلىك تىك قىياغا ياماشقۇچىلار، تېننىس توپ تەنھەرىكەتچىلىرى، رويال چالغۇچىلار دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشتىنمۇ ھالقىپ، ئۆزلىرى ئاتىۋالغان تەجرىبىۋى «سەۋىيە»گە يېتىدىكەن. ئۇنىڭ تىك قىيا، تېننىس توپ ياكى مۇزىكا بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن سېزىم بولۇپ، «مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىۋاتىمەن» دېگەن ئاڭ يوقىلىپ، ۋەزىپە بىلەن بىرىكىپ، ئادەمگە تېخىمۇ يۇقىرى بولغان سەۋىيەنىڭ خۇشاللىقىنى بېغىشلايدىكەن، لېكىن بۇ يالغۇز ۋەزىپىنى غەلبىلىك تاماملىغانلىق ئەمەس. مەندىمۇ مۇشۇنداق سېزىم بولىدۇ، گەرچە ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، بەلكىم، سىزدىمۇ مۇشۇنداق سېزىم بار بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەڭ يۇقىرى شەكىلدىكى خۇشاللىق. ئەگەر سىز بىر قېتىم پۈتۈن دىققىتىڭىز بىلەن بىر ئىشنى قىلسىڭىز، سىزدە چوقۇم بۇنداق سېزىم كۆپ كېلىدۇ.
, U; D1 T" Q$ `0 m  A* w' rمىچىل ئوسلەن (كىنو ئىشلىگۈچى)6 o0 \+ Z5 d, k2 c6 B& u9 h9 B
(2006-يىلى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى)
% C) y+ e* q# |4 D9 Yسىز چوقۇم ئۆزىڭىز ۋە خىزمىتىڭىزگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك. تۇنجى فىلىمىمىز «شەپەرەڭ پالۋان» تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بېلەت كىرىمى رېكورتىنى ياراتقان چاغدا، مەن سەنئەتكارلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدىم، بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇ مېنى ساراڭ بوپسەن دېگەنىدى. ئەمدى ئۇ شۇداق دېدى:«مىچىل، ساڭا تېلېفون بېرىشتىكى مەقسىتىم يالغۇز <شەپەرەڭ پالۋان>نىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلەشلا ئەمەس، بەلكى سەندىن كەچۈرۈم سوراش.» دېمەك، باشقىلار سىزنى يارىماس دەپ ئەيىبلىگەن، سىزنىڭمۇ پىكىرىڭىز قالايمىقانلاشقان چاغدا ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار سىزنى قالتىس دەپ ماختىغان، كەيپىياتىڭىز سازلاشقان چاغدىمۇ ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭ. ئۆزىڭىزگىلا ئىشىنىڭ، سىز ياخشى قىالالايسىز. ئەلۋەتتە، يەنە ئۆزىڭىز بىلەن ئويلىغىنىڭىزنى بازارغا سېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. ئوڭ ۋە سول مېڭىمىز سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزگە يارالغان. سىزنىڭ مەغلۇبىيەت تۇيغۇڭىزنىڭ چېكى چوقۇم ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ھوللىۋودنىڭ ھەر بىر كىنو ئىستۇدىيەسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئاشۇ كىشىلەرنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ. سىز چوقۇم ھەر بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ چېكىشىڭىز كېرەك، تاكى بارمىقىڭىزدىن قان چىققۇچە. ئالدىڭىزدىكى ئىشىك جالاققىدە يېپىلسا چوقۇم روھىڭىزنى چۈشۈرمەي كىيىمىڭىزدىكى توپىلارنى قېقىۋېتىپ، باشقا بىر ئىشىكنى قېقىشىڭىز كېرەك. بۇ ھايات نىشانلىرىڭىزنى رېيالىققا ئايلاندۇرۇشتىكى بىردىنبىر چارە.3 s# P" l1 W  u! m
داۋىد كالخويىن (سودىگەر)% Y, K$ L& \/ S) H6 T  e  j2 v. s2 Q
(2005-يىلى، ۋېرگىنىيە تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)6 O& Q; `2 y; h/ }
مەن GE شىركىتىدە جاك ۋېلىسكى دېگەن بىر قاپاقباشقا 20 يىل ئىشلىدىم. ئۇ ئۇلۇغ بىر رەھبەر بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلۇغ يېتەكلىگۈچى. ئەگەر مەن نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئۇ ماڭا ئېيتقان ئەڭ مەردانە باش تېمىنى چوقۇم تاپىمەن دېسەم، ئۇ «ئۆزىگە ئىشىنىش»تۇر. ئۆزىگە ئىشىنىش ئەڭ مۇھىم، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە،باشقا ئىشلىرى چېچىلاڭغۇ بارلىق ئۇلۇغ رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. ئۆزىگە ئىشىنىشكە قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ ئۆزىگە ئىشىنىشنى يېتىشتۈرۈشنىڭ سىرى نېمە؟ ئالدى بىلەن سىز ھەر كۈنى خىزمەت ۋە ئائىلە تۇرمىشىڭىز ئارقىلىق ئەقىل-پاراسىتىڭىز، ئەخلاقىڭىز، تېخنىكىڭىز ۋە كەسپىڭىزنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىرادە باغلىشىڭىز كېرەك. سىز ھەر كۈنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق: ئىلگىرلەۋاتامدىمەن، چېكىنىۋاتامدىمەن؟ ئۆگىنىش قىلىۋاتامدىمەن؟ ئوخشاش ئىشنى تەكرارلاۋاتامدىمەن ياكى ئودىس رۇدىن ئېيتقاندەك «دېڭىز قولتۇقىدىكى پىرىستاندا ئولتۇرۇپ دولقۇننىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ-بىر پەسىيىسىنى تاماشا قىلىۋاتامدىمەن؟» ئۆگىنىشكە بولغان تەشنالىق ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم رولى ئەڭ تەس خىزمەتنى تېپىپ، ئەڭ مەززىسىز ئىلىم-پەن، قۇرۇلۇش ياكى باشقۇرۇش ئىلمىگە جەڭ ئېلان قىلىشتۇر.3 k8 H. K" S0 e" S9 j5 _# A2 E
ۋېل باكىن (سودىگەر)
3 w0 \" f% `( w(2004-يىلى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى)
. i3 \% o0 J$ T- j" S9 n, Lمەيلى قانداق ئويلىنايلى، بوشلۇقتا ئۇچۇش قانۇنىيىتى (ئايرودىنامىكىسى) دىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چوڭ سېرىق ھەرىنىڭ تۈزۈلىشى مۇكەممەل ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئۇچالمايدۇ. لېكىن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ تۇربىنىلىق رىئاكتىۋ ئايروپىلاننىڭكىگە ئوخشاش قانۇنىيىتى بار بولۇپ، دۈپدۈگىلەك تېنىنى كۆتۈرۈپ ھەرقانداق ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل چېڭى ئۈستىدە شىرنە يىغالايدۇ. چوڭ سېرىق ھەرە ئىنتايىن جاھىل بىر جانىۋار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇچالمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا غوڭۇلداپ قانىتىنى توختىماستىن قېقىشنىلا بىلىدۇ...ئۆزىڭىزنىڭ ھۇرۇنلۇقى ياكى ئېگىزگە ئۇچۇشتىن قورقۇپ نەتىجە يارىتالمىغىنىڭىز سەۋەبلىك ئۆزىڭىزدىن ئاغرىنماڭ. بىر چوڭ سېرىق ھەرىگە ئايلىنىڭ! ئۇچۇپ ئاسماننىڭ قەرىگە يېتىڭ! سىز قىلالايسىز.3 D% P0 `* r2 ^) y  j
بولاندىل ۋايتفۇد (كىنو ئارتىسى)
3 g+ D+ Q1 m7 O# {$ W(2006-يىل ۋىسكونسىن مەدىزون ئۇنىۋېرسىتېتى)& E6 U/ q5 d: J: `/ {: z( I
بىرىنچى، جەرياننى سۆيسىڭىز نەتىجە تەبىئىيلا كېلىدۇ؛ ئىككىنچى، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلىڭ؛ ئۈچىنچى، تەييارلىقنى ياخشى قىلغان بولسىڭىزمۇ، بۇ تەييارلىقنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىڭ؛ تۆتىنچى، قىلالايدىغىنىڭىز تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ھالقىپ كېتىدۇ؛ بەشىنچى، زەن قويۇڭ؛ ئالتىنچى، تەدبىر قوللىنىڭ. سىزنىڭ بىرلا تاللىشىڭىز بار. يا مۇھىتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى بولۇڭ، يا ئۆز تەقدىرىڭىزنىڭ تۆمۈرچىسى بولۇڭ. ھەرىكەتتە ئەستايىدىل بولۇش ئويناشقاندەك ئىش قىلىش بىلەن ئۈمىدسىزلىكنىڭ زەھەر قايتۇرغۇچ دورىسى.: s  r, z1 t% r- G% R! x8 h2 [$ [
ۋۇد خىيېس (ئالىي مەكتەپ زەيتۇن توپ تىرېنېرى)2 s9 C- T! b4 @) ?2 n. H
(1986-يىل ئوھىئو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى)
8 {/ Z9 u3 u) fزەيتۇن توپ مەيدانىدا ھەمىشە باشقا كوماندىلار بىزنى يېڭەلمەيدۇ دەيمىز. بىز چوقۇم ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز مەغلۇپ قىلمايدىغىنىمىزغا ئىشىنىمىز كېرەك. ھەممە چوقۇم مۇشۇنداق قىلسا، ئۆزى ئۆزى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. سىز ئاسان قولغا كەلگەن نەسىنىڭ ھامان ئەرزىمەس ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەمەلىيەتتە، مەن بىرمۇ زەيتۇن توپ تەنھەرىكەتچىسىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قارشى تەرەپ تەنھەرىكەتچىسىنى توسقىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىدىم." L* V# |. g5 Q; r. R+ m
شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىرىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى
* ^9 I- n6 W7 ~8 \ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗