维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
维吾尔教育网 باش بەت خەۋەرلەر مۇلاھىزە مەزمۇننى كۆرۈش

2013-يىلىدىكى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى

2013-1-1 13:38| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 180| باھا: 0|يوللىغۇچى: نۇرتورى

قىسقىچە مەزمۇنى: جۇڭگو ئاخبارات تورى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى، 2012-يىلى نۇرغۇن دۆلەتلەر زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزگەن، ۋە يېڭى ي ...
جۇڭگو ئاخبارات تورى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى، 2012-يىلى نۇرغۇن دۆلەتلەر زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزگەن، ۋە يېڭى يىلدا يېڭى بىر سىياسى مۇنبەر پەيدا بولغان، شۇنىڭ بىلەن تەڭ 2013-يىلى خەلقئارا ۋە رايونلاردىكى تەرتىپتە يېڭىچە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا رۇسىيىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يېڭى ئىستراتېگىيىلىك ئۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا باشلىدى ۋە بۇ جەرياندا نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللارنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى؛ ئەنبېي باشچىلىقىدىكى ياپونىيە ئوڭچىلىرىنىڭ باشلىقى ياپونىيە سىياسى مۇنبىرىگە قەدەم قۇيۇپ، شەرقى ئاسىيانىڭ كەلگۈسىدىكى ۋەزىيىتىنى ئەندىشىگە سېلىپ قۇيۇشقا باشلىدى؛ مىسىر يېڭى ئاساسى قانۇننى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن ئەركىنلىك پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈش  يەنىلا ساقلىنىپ كەلگۈسىگە يەنە نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللارنى ساقلاپ قالدى....، «چوڭ سايلام» دىن كېيىنكى دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىدە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر چوڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
       ئامېرىكا ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىستراتېگىيىسىنى ئىلگىرى سۈردى
     ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايتا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاسىيا رايونىغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئەمما، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ شەرقى ئاسىيا رايونىغا كۆچۈشى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى تەسىرى بىلەن بارا-بارا ئاستىلاپ بېرىشقا باشلاپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، 2013-يىلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىم بولغان تەرەققىيات باسقۇچىغا قاراپ مېڭىپتۇ.
      ئوباما ھۆكۈمىتى باشتىن-ئاخىر «ئامېرىكا بولسا تىنچ ئوكيان دۆلىتى» نى تەكىتلىگەندىن باشلاپ، سىياسى ئىشلاردا تىنچ ئوكيان رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ياپونىيە، كورىيە، تايلاند، فىلىپپىن، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپتۇ، سىياسى جەھەتتە ئامېرىكىچە دېموكراتىيە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ. جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات مەركىزى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭخۇڭگاڭنىڭ قارىشىچە، 2013-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاساسى نۇقتىسى بولسا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالاھىدە بولغىنى بولسا نەنشا رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئوباما قايتا سايلانغاندىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن شەرقى ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپتۇ. ئۇ تايلاند بىلەن كېڭىشىپ ئىتتىپاق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالاپتۇ، ۋە بىرمىغا بېرىپ «تارىخى» خاراكتېرلىك زىيارىتىنى باشلىۋېتىپتۇ، ھەمدە كامبودژادىكى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن بۇ يىل يەنە ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپتۇ، ۋە ئاساسى قىلىپ ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپتۇ.
       ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى ئىستراتېگىيىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو خەلقئارا ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇشەنگاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭدىكى كۆپ قىسىم نىشان بولسا جۇڭگو بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەندىشە قىلىش مۇناسىۋىتىنى ساقلىغان بولغاچقا، باشتىن ئاخىر سەپسەتە تارقىتىپ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋاللىرىغا كاشىلا قىلىشقا ئۇرۇنغان.

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ