شىنخۇا تورىنىڭ 3- دېكابىر سېئۇلدىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ چىڭ)، نۇر تورى تەرجىمىسى: كورىيەدە بەش نەپەر قىز ئۆسمۈرنى جىنسىي دەپسەندە قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن بىر جىنايەت گۇماندارىغا 3- دېكابىر سوت ئېچىلىپ، 15 يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ئۈچ يىللىق «خىميەۋى ئاختا قىلىش»، تۈرمىدىن چىققاندا 20 يىل ئېلېكترونلۇق كىشەن سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. بۇ كورىيە سوتىنىڭ تۇنجى قېتىم جىنسىي دەپسەندە قىلىش جىنايەتكارىغا «خىميەۋى ئاختا قىلىش» ھۆكۈمى ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سېئۇل جەنۇبىي قىسىم يەرلىك سوت مەھكىمەسى 3- يانۋار يۇقىرىقى ھۆكۈمنى ئېلان قىلغان. سوتچىنىڭ ئېيتىشىچە، تېببىي باھالاش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ جىنسىي خۇمارى بار، جىنسىي ئېڭى ئۇزۇن مۇددەت بۇرمىلانغان، كۆپ قېتىم جىنسىي دەپسەندە قىلىش خاتىرىسى بار، يامان خاراكتېرلىك جىنسىي باسقۇنچىلىق ئادىتى بار جىنايەتچى دەپ بېكىتىلگەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2011- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ يەتتە ئاي ئىچىدە، جاۋابكار قاتىللىق قورالى بىلەن مەجبۇرلاش ئارقىلىق، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قورامىغا يەتمىگەن قىز ئۆسمۈرلەر بىلەن ئالتە قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى سۈرەتكە ۋە سىنغا ئېلىۋېلىپ، ئىنتېر تورىدا ئېلان قىلغان. 2011- يىلى 7- ئايدا كورىيەدە بىر تۈرلۈك قانۇن بەلگىلىمىسى كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، بۇ قانۇندا سوتچى دېلو ئەھۋالىغا ئاساسەن، 16 ياشتىن تۆۋەن قورامىغا يەتمىگەنلەرنى جىنسىي دەپسەندە قىلىش جىنايەتچىسىگە «خىميەۋى ئاختا قىلىش» جازاسى بېرىشكە بولىدۇ، داۋاملاشقان ۋاقتى 15 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق جازالاش تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. 2012- يىلى 5- ئايدا، كورىيە قانۇن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن، قىز ئۆسمۈرلەرگە باسقۇنچىلىق قىلىش ئادىتى بار بىر جىنايەتچىگە قارىتا جىنسىي قىزغىنلىقنى چەكلەيدىغان دورا بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى ئېلان قىلغان، بۇ كورىيەدە تۇنجى قېتىم جىنسىي جىنايەتچىگە «خىميەۋى ئاختا قىلىش» نى يولغا قويۇش ھېسابلىنىدۇ. «خىميەۋى ئاختا قىلىش» دېگەندە جىنسىي جىنايەتچىگە قارىتا ئىچكى ئاجرالمىنى كونترول قىلىدىغان دورا ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، لېئۇپرورېلىن، گوسېرېلىن قاتارلىق ئۇرۇق ھاسىل بولۇشنى تىزگىنلەيدىغان دورىلارنى بەدەنگە كىرگۈزۈش، ئەمما جىنايەتچىنىڭ جىنسىي ئىقتىداردىن مەھرۇم قىلىپ قويماسلىق. |
ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،