维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

ھىندىستان «قارا ئاپتوبۇس» تىكى باسقۇنچىلىق ...

2013-1-6 07:40| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 139| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: ھىندىستان «قارا ئاپتوبۇس» تىكى باسقۇنچىلىق دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسى قورامىغا يەتمىگەن بالىكەنخەلقئارا سى ...

ھىندىستان «قارا ئاپتوبۇس» تىكى باسقۇنچىلىق دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسى قورامىغا يەتمىگەن بالىكەن

خەلقئارا سىملىق لىنىيە مەخسۇس خەۋىرى: گېرمانىيە «دۇنيا گېزىتى» نىڭ 4 – يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان «قارا ئاپتوبۇس» نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىدىكى ئالتە نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىچىدىكى بەش كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى، يەنە بىر نەپەر جىنايەت گۇماندارى تېخى قورامىغا يەتمىگەن بالا بولغاچقا ياش ئۆسمۈرلەر سوتىدا سوت قىلىنماقچى. بىراق، ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ دىيىشىچە، بۇ قورامىغا يەتمىگەن بالا دەل مۇشۇ دېلودىكى باش جىنايەتچى بولۇپ، بۇ بالىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئېلىپ كەلگەن ئازابى ئەڭ ئېغىر ئىكەن.
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، مەزكۇر دېلودىكى قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى بىلەن يەنە بىر گۇماندار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھۇشىدىن كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئەڭ ئېغىر ئازاب ئېلىپ كەلگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئەر دوستىنى ئالداپ قاتناش ئاپتوبۇسىغا ئېلىپ چىققانمۇ دەل مۇشۇ قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى ئىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى يالىڭاچ ھالەتتە دەرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋېتىشتەك ئەقىلنى كۆرسەتكۇچىمۇ دەل مۇشۇ بالا ئىكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، يېڭى دېھلىدىكى بىر دوختۇرخانىدا پراكتىكا قىلىۋاتقان 23 ياشلىق قىز ستۇدېنت كىنو كۆرۈپ بولۇپ، يىگىتى بىلەن قاتناش ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتماقچى بولىدۇ، ئۇلار بىر «قارا ئاپتوبۇس» قا ئالداپ ئېلىپ چىقىلىدۇ، شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇ ئاپتوبۇستىكى جەمئىي يەتتە نەپەر ئەر كىشى بۇ قىزنى پاراكەندە قىلىشقا باشلايدۇ، قىزنىڭ يىگىتىنى ئۇلار تازا دۇمبالاپ كېپىنكىگە سولاپ قويغاندىن كېيىن، قىزچاق ئۇلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. مۇشۇ ئارىلىقتا بۇ قىزچاق بىر مەھەل ھۇشىدىن كېتىدۇ، بىراق بۇ ۋەھشى باسقۇنچىلار باسقۇنچىلىق قىلىشتىن توختاپ قالمايدۇ. 40 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، باسقۇنچىلار بىر چەت جايغا كەلگەندە بۇ قىز بىلەن يىگىتنىڭ كىيىنى سالدۇرۇۋېلىپ، يالىڭاچلاپ، ئاپتوبۇستىن پەسكە تاشلىۋېتىپ، قىز ستۇدېنتنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ