«بېن.لادېننى قەستلەش» فىلىمى ئامېرىكىدا مۇنازىرە قوزغىدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ، 4-دېكابىر ئەۋەتكەن تېلگراممىسى: (نۇر تورى تەرجىمىسى)
چەتئەل مېدىئالىرىنىڭ 3-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە
يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامېنت ئەزاسى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات
ئىدارسى(CIA)غا مەكتۇب يوللاپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ «بېن.لادېننى
قەستلەش»(Zero Dark Thirty) فىلىمىنىڭ ئىشلىگۈچىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىق
جەريانىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر فىلىمدىكى بەزى
سەزگۈر مەزمۇنلار دۆلەت مەجلىسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى
قوزغىغان.
مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مورېل(Morel)غا يوللانغان
مەكتۇپتا، پارلامېنت ئەزالىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: فىلىمدە ئامېرىكىنىڭ
قىيناش جازاسى ئارقىلىق، بېن.لادېنغا ئائىت ھالقىلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش
مەزمۇنى تەسۋېرلەنگەن. مەزكۇر فىلىم مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ
ياردىمىدە ئىشلەنگەچكە، پارلامېنت ئەزالىرى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ
چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

سۈرەتتە: ئەينى چاغدا بېن.لادىننى قەستلەش ھەرىكتىگە يىراقتىن قۇماندانلىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، «بېن.لادېننى قەستلەش» فىلىمگە ئوسكار
مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رېژىسسور كەسىرىن.بىگېلوۋ(Kathryn Bigelow)
رېژىسسورلۇق قىلغان، فىلىم ھەقىقى ۋەقە ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن
بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيسى ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ «ئەلقائىدە»
تەشكىلاتنىڭ كاتتىۋېشى بېن.لادېننى ئېتىپ تاشلاشتىن ئىبارەت تېرورلۇققا
قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باش-ئاخىرى ھېكايە قىلىنغان. فىلىمدە ، مەركىزى
ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەھبۇسلارنى قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىش جازاسى
بىلەن، بېن.لادىن تۇرۇشلۇق ئورۇننى بىكىتىشكە ئالاقىدار ھالقىلىق
ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش تەسۋېرلەنگەن. بىراق، دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى
ئاخبارات كومتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزى ئاخبارات
ئىدارىسى سولاقتىكى مەھبۇسلارنى خورلاش ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.
ئىجرائىيە ئىدارە باشلىقى مورېل ئۆتكەن يىلى دېكابىردا مۇنۇلارنى
بىلدۈرگەن ئىدى: فىلىمىدە «كۈچەپ سوراق قىلىش» ۋاستىسىنىڭ، بېن.لادېننى
قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا ئوينىغان مۇھىم رولى ئىپادىلەنگەن، ئەمما ھەقىقى
ئەھۋال بۇنداق ئەمەس. ئۇ بەزى ئاخباراتلارنىڭ ھەقىقەتەن «كۈچەپ سوراق
قىلىش» ۋاستىسى ئارقىلىق قولغا چۈشۈرىدىغانلىقى، لېكىن ئاخباراتقا باشقا
يوللار ئارقىلىقمۇ ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
 جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان مىككائىن(McCain)، كېڭەش پالاتاسى
ئاخبارات كومتېتىنىڭ رەئىسى فېنستېين(Feinstein) ۋە كېڭەش پالاتاسى ھەربى
ئىشلار كومتېتىنىڭ رەئىسى لېۋېن(Levin) قاتارلىقلار مورېلنى، مەركىزى
ئاخبارات ئىدارىسى فىلىم ئىشلىگۈچىگە بەرگەن بارلىق ماتېرىياللارنى
ئۇلارغىمۇ تەمىن ئېتىشىنى تەلەپ قىلغان. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ
بىلدۈرۈشىچە، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى فىلىمىدە تەسۋېرلەنگەن ئەھۋاللار
ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك ئىكەن، ھالبۇكى فىلىم
ئىشلىگۈچىنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بەرگەن ماتېرىياللارنى تەتۈر
تەشۋىق قىلىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاتالمىش «كۈچەپ سوراق قىلىش» ئىشىغا
دۆلەت مەجلىسى ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى
12-ئايدا، كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومتېتى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان
قىلغاندا، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى «ئېغىر خاتا» بولغان رەھىمسىزلەرچە
قىيناش جازاسى ئىشلەتكەن دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

سۈرەتتە: بېن.لادىننىڭ پاكستاندىكى تۇرالغۇسى |