شىنخۇا تورىنىڭ 4-يانۋار خەۋىرى: ئىراق
ساقچىلىرى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى دېيىشىچە، ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ جەنۇبىغا
تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەل مۇسايىب بازىرىدا، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
كەچتە ماشىنا بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 27 ئادەم قازا
قىلغان، 40 ئادەم يارىدار بولغان. بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ساقچى ئەمەلدارى دېيىشىچە، پارتلاش ئەل مۇسسايىبنىڭ مەركىزىدىكى يولدا يۈز بەرگەن، شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار مۇقەددەس شەھەر كەربالانى تاۋاپ قىلىپ قايتىش يولىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار ئىچىدە نۇرغۇن بالىلار ۋە ئاياللار بار ئىكەن. نۆۋەتتە، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس ھۇجۇمغا مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان. ئىراق سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپى ئارىسىدىكى مەزھەپ توقۇنۇشىدا جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى بار. سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار يېقىندا كۆپ قېتىم نامايىش قىلىپ، شىئە مەزھىپىدىكىلەر باشچىلىق قىلغان ھۆكۈمەتنىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنى ئېزىۋاتقانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى. (نەپرەت) |