تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇت ئوغلى سۈرىيە ئەلباشى بەششار
ئەسادنىڭ تېلېۋزىيە نۇتقى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا، ئۆزىنىڭ بەششار
ئەسادنىڭ نۇتىقىنى تۇلۇق كۆرۈپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ ، ئەپسۇس بەشىشار ئەساد
ئوتتۇرا شەرقتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈزبەرگەنلىكىنى، ئۇ خەلقنىڭ تەلەپلىرىنى،
ئىككى يىلدىن بىرى ئۆز دۆلىتىدە بولغان خانىۋەيرانچىلىقلارنى تېخىغىچە
چۈشۈنۈپ يەتمەپتۇ دېدى. داۋۇت ئوغلى ئەسادنىڭ تاشقى كۈچلەر قىلدى دېگەن سۆزىگە رەددىيە بىرىپ،
شەھەرلەرنى خارابىلىققا ئايلاندۇرغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكىدەك
ھاۋادىن قىلىنغان بومباردىمانلارنى تاشقى كۈچلەر قىلدىمۇ؟ ياكى ئۆزىڭىز
قىلدىڭىزمۇ؟ قانداق بىر ھۆكۈمەت ئۆز خەلقنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغان.
ئەمدى بۇ مەسئۇلىيەتنى تاشقى كۈچلەرگە ئارتىپ قويغانلىق بولماي نېمە.
دىمەك، ئۇ نەچچە ئايدىن بېرى بولغان ئىشلاردىن بىخەۋەر ئۆيىگە سۇلىنىپ
ئولتۇرۇپتۇ، ئەگەر سۈرىيە خەلقىگە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى
بولسا بېرىپ شەھەرلەرنى ئايلىنىپ، ئەمەلى ئىش قىلسۇن. بۇ سۆزلىرىنى قورقۇپ
ئۆيىنىڭ ئىچىدە ئەمەس ئۆز خەلقى ئارىسىدا ئەركىن ئازادە سۆزلىسۈن.
قويغان تەكلىپىنى بۇرۇنمۇ قويغان
ئەھمەد داۋۇت ئوغلى ئەسادنىڭ قويغان تەكلىپلىرىنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن
ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەندىكى تەكلىپلەر ئارىسدا بارلىقىنى ئەسلىتىپ، بۈگۈن
دىگەنلىرى يەنە شۇ ئىككى يىل بۇرۇن دىگەنلىرى بىلەن ئوخشاش. ئۇنداق بولغان
ئىكەن بۇنداق دۆلەتنى خانىۋەيرانچىلىققا ئېلىپ بارماي شۇ ۋاقىتتا ئەمەلى
ئىش قىلغان بولسا بولماسمىدى. شۇ ۋاقىتتىمۇ، سايلامغا، ئۇمۇمى خەلق ئاۋازغا
قويۇشقا تېخى يول بار ئىدى.
ئەمدى ئەسادقا ئىشىنەلمەيمىز. ھازىر قىلغان سۆزلىرىدە يىڭى بىرەر سۆز
يوق. بۆ سۆزلەرنى بۇرۇنمۇ بىزگە قىلغان ئەمدى ئۇ ۋاقىت ئەمەس، نۇرغۇن
ئىشلار ئۆزگەردى. ئۇ ۋاقىتتا تۆت، بەش مىڭ ئادەم ئۆلگەن ئىدى، ئەمدى 60000
مىڭ ئادەم ئۆلدى. ئەمدى بۇنداق قۇرۇق گەپلەرگە ئىشىنىپ، پۈتۈن دۇنيا
ئېتىراپ قىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي يۈرەلمەيمىز.
خەلقنىڭ تەلىپى مۇھىم
سۈرىيە يۈزبەرگەن بۇ ئىشلاردىن كېيىن ناتو ۋە ب د ت نىڭ قانداق قىلىشى
كېرەكلىكى توغۇرىسدىكى سورالغان سۇئالغا مۇنداق جاۋاپ بەردى. تۈركىيەنىڭ
بۇرۇندىن تارتىپ بۇ جەھەتتىكى مەيدانى ئېنىق. سۈرىيە خەلقى نىمە دېسە شۇ
بۇلىشى كېرەك. ئەسەد ئەمدى سۈرىيە خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەمدى
خىزمەت ب د ت سۈرىيەدىكى مەسىللەرنى ھەل قىلىش جىددى ھەركەتلەرنى ئېلىپ
بېرىشى كېرەك. ئنسان پەرۋەرلىك ياردىمىنى باشلىشى كېرەك. ھازىر سۈرىيەدىكى
ھەلەپ، ھامادىكى كىشىلەر يىگۈدەك بىر نەرسە تاپالمايۋاتىدۇ. ئىسسىنغۇدەك
ئوتۇن تاپالمايۋاتىدۇ. ئەمدى ئەسەدنى قايىل قىلىمىز دەپ يۈرمەي ئازابتا
قالغان كىشىلەرگە قانداق ياردەم بىرەلەيمىز دېگەننى ئويلىشىمىز كېرەك. |