خەلق تورىنىڭ 9 – يانۋار خېفېيدىن بەرگەن تېلېگراممىسى يېقىندا، بىر تورداش خەلق تورىنىڭ «يەرلىك رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش ئورنى» كۆزنىكىدە تېما قالدۇرۇپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لىبىنغا چىجو شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ھەربىي ماشىنىنى ھەيدەپ يۇرتىغا بېرىپ، ئاتا ئانىسىنى يوقلاش جەريانىدا قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ، ئۈچ كىشىنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، نەق مەيداندا دەرەخ شېخى ئارقىلىق ھەربىي تاختاينى توسۇپ قويغانلىق ئەھۋالىنى پاش قىلدى. بۇ تورداش مۇنداق دىدى «قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئالاقىدار ئىسپاتلارنى چىقىرىپ بەرمىگەچكە، ماشىنامنىڭ سۇغۇرتا تۆلىمىنى زادىلا ئالالمىدىم». ئەنخۇي ئۆلكىسى چىجو شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا تېما يوللاش شەكلىدەپ مۇنداق جاۋاب قايتۇردى، «چىجو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىچە، تورداش ئىنكاس قىلغان بۇ قاتناش ۋەقەسى ئەنچىڭ شەھىرى داگۈەن رايونىدا يۈز بەرگەن، ئەنچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ». تورداش قالدۇرغان سۆزىدە مۇنداق دىدى، 2011 – يىل 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، چىجو شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭموۋ L1***9 دىگەن تاختايلىق ھەربىي ماشىنىنى شەخسەن ئۆزى ھەيدەپ، ئەنخۇي ئۆلكىسى خۈەينىڭ ناھىيەسىدىكى ئۆيىگە قاراپ ماڭغان، يولدا بۇ ماشىنا تۇيۇقسىز توختىغانلىقى ئۈچۈن، كەينىدىكى بىر ماشىنا ئۈسۈۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ تورداشنىڭ ماشىنىسىدىكى ئىككى ئادەم ئېغىر يارىلىنىپ، ئىككى ئادەم يېنىك يارىلانغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نەق مەيداندىلا دەرەخ شېخى بىلەن ھەربىي تاختاينى توسۇپ قويۇپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان. «بۇ ئېنىقلا ئىككىلا تەرەپتە خاتالىق بار دېلو، پەقەت مەسئۇلىيەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ، خالاس، بىراق ھادىسىگە مەسئۇل ئەترەتتىكىلەر پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى بىزنىڭ زىممىمىزگە ئارتىپ قويدى، ھەمدە قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ئىزچىل چىقىرىپ بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ماشىنامغا بېرىلىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىمۇ ھازىرغىچە ئالالمىدىم». بۇ تورداش يەنە چىگو شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دەرەخ شېخى بىلەن توسۇپ قويغان ماشىنا تاختاي نومۇرىنىڭ سۈرىتىنىمۇ چاپلاپ قويغان. چىجو شەھەرلىك ھۆكۈمەت قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە مۇنداق دىدى، 2011 – يىل 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى (تاڭزوڭزا چاغىنى)، چىجو شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭخەي يۇرتى خۈەينىڭغا قايتىپ ئاتا ئانىسىنى يوقلىماقچى بولغان، شوپۇرى ئاغرىپ قالغان بولغاچقا، ۋاڭخەي ۋاقتىنچە ماشىنىنى ئۆزى ھەيدىگەن. ماشىنا خۈەينىڭ ناھىيەسى شەنكو بازىرىغا كەلگەندە، يولدىكى جاندار ئۇلاقلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تورمۇز قىلغان، كېيىن كەينىدىن كېلىۋاتقان HDO5XX كىچىك تىپلىق ئادەتتىكى يولۇچىلار ماشىنىسى بۇ ماشىنىغا ئۈسۈۋالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۈچ كىشى يارىلىنىشتەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋاڭخەي تېزدىن ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. يارىدارلارنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ھەربىي تاختاينىڭ ھەربىي قىسىم ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، دەرەخ شېخى بىلەن تاختاي نومۇرىنى توسۇپ قويغان، ھەمدە نەق مەيداندا تۇرۇپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتكەن. ئىشتىن كېيىن، ۋاڭخەي ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى، چىجو شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بېرىپ، ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرگەن. تورداش ئىنكاس قىلغان، قاتناش ھادىسىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇش مەسلىسىگە قارىتا، چىجو شەھەرلىك ھۆكۈمەت جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دىدى، چىجو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىچە، تورداش ئىنكاس قىلغان بۇ قاتناش ۋەقەسى ئەنچىڭ شەھىرىنىڭ داگۈەن رايونىدا يۈز بەرگەن، شۇڭا ئەنچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى بىر تەرەپ قىلغان، ھەمدە 2011 – يىل 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى «يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ خاراكتىرىنى بېكىتىش تالونى» چىقىرىپ بەرگەن. |