ھىندىستاندا يەنە قاتناش ئاپتوبۇسىدا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى يۈز بەردى يەرشارى تورى خەۋىرى: بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن ھىندىستاندا يۈز بەرگەن «قارا قاتناش ئاپتوبۇسىدىكى نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى» پۈتكۈل ھىندىستاننى لەرزىگە سېلىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، باسقۇنچىلارنى قاتتىق جازالاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان نامايىش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن ئىدى، بىراق، بۇ ئېچىنىشلىق تراگىدىيە يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 13 – يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، قاتناش ئاپتوبۇسىدا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى يېقىندا ھىندىستان پەنجاپ ناھىيەسىدە يەنە بىر قېتىم يۈز بەرگەن، 29 ياشلىق بىر قىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ھازىر ئالتە نەپەر ئەر جىنايەتچىنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ جايلىق ساقچى ئەمەلدارى راج جىت سىڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ۋەقە 11 – چىسلا كەچتە يۈز بەرگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شۇ كۈنى مۇشۇ نۆۋەتلىك قاتناش ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ پەنجاپ ناھىيەسىنىڭ شىمالى قىسمىدا تۇرۇشلۇق قېينئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولغان، بىراق، ئاپتوبۇستا تۇتقۇن قىلىنغان. شوپۇر ئاپتوبۇسنى ئامرىز شەھىرىدىكى بىر ئۆيگە ھەيدەپ بېرىپ، بەش جىنايەت گۇماندارى ۋە شوپۇر، يەنە بېلەت ساتقۇچى بىرلىكتە بۇ چوكانغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان، كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قېيىنئانىسى تۇرۇشلۇق كەنتنىڭ ئەتراپىغا تاشلىۋەتكەن. بۇ ساقچى ئەمەلدارىنىڭ دىيىشىچە، ئالتە نەپەر باسقۇنچىنىڭ ھەممىسى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. ھازىر ساقچى تەرەپ 7 – گۇماندارنى تۇتۇۋېتىپتۇ. خەۋەردە دىيىلىشىچە، بۇ دېلو بىلەن بۇلتۇر 16 – دېكابىر دېھلىدا يۈز بەرگەن دېلو ئوخشاش بولۇپ، دېھلىدا يۈز بەرگەن دېلو پۈتۈن ھىندىستاننىڭ غەزەب نەپرىتىنى قوزغىغان ئىدى. |