شىنخۇا ئاگېنتلىقى،يېرۇسالېم،13-يانۋار تېلېگرممىسى:ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بۈگۈن 500 ساقچى چىقىرىپ،ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىي مەھەلىسىنىڭ كېڭەش قۇرۇلۇشىغا قارشى چىققان 200پەلەستىنلىكنى نامايىش سورۇنىدىن قوغلاپ چىقاردى. نامايىشچىلار رەھبىرى مۇستافا بارغۇت مۇنداق دېدى:ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتى"پەلەستىن دۆلىتى" نىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن تەھدىت، شۇڭا بىز چېدىر تىكىپ نامايىش قىلغانىدۇق، ئۇلار تەرەپ-تەرەپتىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادىمىمىزنى تۇتۇپ كەتتى. |