ئافغانىستاندا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ھۇجۇمىدا 5 كىشى ئۆلدى
دۇنيا ئاخبارات تورى 20-يانۋار خەۋىرى
ناتونىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلىرى ئافغانىستاننىڭ كۇنەر ۋىلايىىتىدە ئېلىپ
بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تالىبان قۇراللىق كۈچلىرىگە تەۋە 5 كىشى ئۆلدى
سىلاب رايۇنى قۇماندانلىقىنىڭ باياناتچىسى ھارۇن يۇسۇفزەي، ئۇچقۇچىسىز
ئايرۇپىلاننىڭ كۇنەرنىڭ "غازى ئاباد" رايۇنىدىكى تالىبان تەرىپىدىن
ئىشلىتىلگەن ئۆيلەرنى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى
بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى سۆزلىگەن يۈسۈفزەي ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئۈچىنىڭ پاكىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
(جان پولات) |