维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

جىفۇباۋ (Alipay)نىڭ ئاۋازلىق ئۇسۇلدا ھەق تۆلەش ...

2013-1-20 19:09| يوللىغۇچى : illiq| كۆرۈش: 71| باھا: 0|يوللىغۇچى: نۇر تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: جىفۇباۋ (Alipay)نىڭ ئاۋازلىق ئۇسۇلدا ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى ئوتتۇرىغا چىقتىخەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئالى بابا گورو ...

جىفۇباۋ (Alipay)نىڭ ئاۋازلىق ئۇسۇلدا ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى ئوتتۇرىغا چىقتى


خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئالى بابا گوروھى باشقۇرۇشىدىكى ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى جىفۇباۋ(Alipay) توربانكىسى ئەپ دېتالى يىقىندا «جىفۇباۋ ھەميانى» ئىقتىدارىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ خىل ئەپ ئەسلىدىكى جىفۇباۋ يانفون ئەپ دېتالى ئاساسىدا لايىھەلەنگەن، شۇنداقلا ئېتىبار بېلىتى باشقۇرۇش ۋە ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ھەق تۆلەش قاتارلىق يېڭىچە ئىقتىدارلار قوللىنىلغان.
ئېتىبار كارتا رايۇنى بولسا جىفۇباۋ ھەميانىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىقتىدار رايۇنى بولۇپ،بۇنىڭدا ئابونتلارنىڭ توردا ئېرىشكەن ھەرخىل ئېتىبار كارتىلىرى ۋە بېلەتلىرىنى ئاپتوماتىك يېغىش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ھازىرلانغان ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، جىفۇباۋ ھەميانىنىڭ بۇ نۇسخىسدا يەنە ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ھەق تۆلەش ئىقتىدارى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. ھەق تۆلەش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، سودىلاشقۇچى تەرەپنىڭ يانفونىغا ئاۋازلىق ئۇچۇر ئەۋەتىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش شۇنداقلا تېز سۈرئەتتە ھەق تۆلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.بۇ خىل ئىقتىدار تورسىز شارائىتتا، يۈزمۇ-يۈز سودا قىلىشقا ماس كىلىدىكەن.
نۆۋەتتە، بۇ خىل ئەپنىڭ ئاندىرويىد نۇسخىسى ئاللىقاچان دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ ئەپ بازارلىرىدا تارقىتىلغان بولۇپ،iOS نۇسخىسى پات-ئارىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.


ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ