جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-يانۋار
خەۋىرى: جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 1-ئاينىڭ
14-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو تۆمۈر يولى 18-ئىدارىسىنىڭ 4 نەپەر
خادىمىنىڭ سۇداندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە،
جۇڭگو سۇداندىن ئاكتىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان، نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى
ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.
خوڭ لېي دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ
مۇخبىرلار يىغىنىدا يۇقىرىقى ئىپادىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەرگە
ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈر يولى 18-ئىدارىسىنىڭ 4 نەپەر
خادىمى سۇداننىڭ شىمالىي دارفۇر شىتاتىنىڭ مەركىزى فاشېرغا يېقىن جايدا
تۇتقۇن قىلىنغان.
خوڭ لېي ئالدى بىلەن يۇقىرىقى ئۇچۇرنى
دەلىللىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن،
دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سۇداندا تۇرۇشلۇق باش
ئەلچىخانىسىغا جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەن. جۇڭگونىڭ سۇداندا
تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئارىلىشىدىغانلىقىنى
ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۇداننىڭ ئاكتىپ قۇتقۇزۇشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە
سۇداندىكى جۇڭگولۇق خادىملارنى قوغداشنى كۈچەيتكەن.
(نەپرەت) |