维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

ياپونىيە F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئوكىناۋ ...

2013-1-15 09:24| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 86| باھا: 0|يوللىغۇچى: ئوكيان

قىسقىچە مەزمۇنى: ياپونىيە F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئوكىناۋا شىموجى ئايروپورتىغا دائىملىق ئورۇنلاشتۇرماقچىبىرلەشمە سەھەر گ ...
ياپونىيە F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئوكىناۋا شىموجى ئايروپورتىغا دائىملىق ئورۇنلاشتۇرماقچى
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 14-يانۋار خەۋىرى: ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار ئەرباب 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگو ئايروپىلانلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇداپىئە ۋازارىتى F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئوكىناۋا ئايمىقىنىڭ مىياكو جىما شەھىرى شىموجى ئايروپورتىغا دائىملىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ.
ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، شىموجى ئايروپورتى نۆۋەتتە ھاۋا قوغدىنىش ئارمىيىسى ئىشلىتىۋاتقان ناخا بازىسىغا قارىغاندا سېنكاكۇ ئارىلىغا تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، شىموجى ئايروپورتىغا ئورۇنلاشتۇرسا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتەلەيدىكەن. ئەمما مەزكۇر ئايروپورت قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلمىگەن بولۇپ، ئىلگىرىلەپ كېڭىشىش كېرەك ئىكەن.
2012-يىلى 12-ئايدا جڭگو ئايروپىلانى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، ياپونىيە ھاۋا قوغدىنىش ئارمىيىسى 8 دانە F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ناخا بازىسىدىن جىددىي ئۇچۇپ تاقابىل تۇرۇشقا ئەۋەتكەن، ئەمما يېتىپ بارغاندا جۇڭگو ئايروپىلانى ھاۋا تەۋەلىكىدىن چېكىنىپ كەتكەن.
ناخا بازىسى بىلەن سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 420 كىلومېتىر بولۇپ، F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېنكاكۇ ئاراللىرىغا يېتىپ بارغۇچە تەخمىنەن 15 مىنۇت كېتىدىكەن. ئوكىناۋا ئايمىقىغا قاراشلىق شىموجى ئارىلىدىن سېنكاكۇ ئارىلىغا پەقەت تەخمىنەن 190 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، يەنە 3000 مېتىرلىق ئايروپىلان يۈگۈرۈش يولى بار ئىكەن، شۇڭا ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى شىموجى ئايروپورتىنى ئىشلىتىشنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى دەپ قارىغان.
(نەپرەت)

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ