يەرشارى تورى خەۋىرى: ئوباما ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا قايتا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ 50 شىتاتىدىكى 660 مىڭ خەلق مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش مۇراجىئەتنامىسىگە ئىمزا قويغان، بۇنىڭغا قارىتا ئاقساراي يېقىندا رەسمىي ھالدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلماسلىقنى ئېيتقان. سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 14-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئومابا ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا قايتا زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى شىتات پۇقرالىرىنىڭ ئۆز شىتاتىنىڭ مۇستەقىللىكىگە بولغان ئىنتىلىشى بارغانچە كۈچىيىپ بارغان بولۇپ، پەقەت يەتتە شىتاتتىكى «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» گە ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى 25 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. قائىدە بويىچە 25 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىمزا قويغان مۇراجىئەتنامىگە ئاقساراي چوقۇم جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. ئاقساراي ئاممىۋى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئاقساراي ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېتىدە خەت قالدۇرۇپ، ھەرقايسى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان شىتات پۇقرالىرىنىڭ تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دىگەن: «دۆلەت ئاتىلىرىمىز مەڭگۈلۈك قوشما دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، زۇڭتۇڭ لىنكولىن خۇلاسىلەپ چىققان ‹خەلققە مەنسۇپ بولغان، خەلق ئىدارە قىلىدىغان ۋە خەلقنى ئوبدان تۇرمۇشتىن بەھرىمان قىلىدىغان› ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ يەردىكى ‹خەلق› بارلىق پۇقرالارنى كۆزدە تۇتقان». |