维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

ھىندىستان جۇڭگو – پاكىستان چېگرىسىدا يوشۇر ...

2013-1-21 10:40| يوللىغۇچى : illiq| كۆرۈش: 119| باھا: 0|يوللىغۇچى: نۇرتورى

قىسقىچە مەزمۇنى: ھىندىستان جۇڭگو – پاكىستان چېگرىسىدا يوشۇرۇن قورال ئامبىرى ياسىدى يەر شارى تورى خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقىت گېز ...

ھىندىستان جۇڭگو – پاكىستان چېگرىسىدا يوشۇرۇن قورال ئامبىرى ياسىدى

يەر شارى تورى خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 18 – يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان يېقىندا جۇڭگو بىلەن پاكىستان چېگرىسىغا يېقىن بىر رايوندا خېلى كۆپ يەر ئاستى ئاكوپ ياسىغان بولۇپ، بۇ ئاكوپتا باشقۇرۇلۇدىغان سىنارەد، راكېتا ۋە ئوق دورا ساقلاپ، «ئۇرۇش ۋاقتى» دا ئالدىنقى سەپنىڭ تەمىناتىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، دۈشمەن تەرەپنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ياكى ھاۋا رايى سەۋەبلىك بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، قىسىمنىڭ تېزدىن يۆتكىلىشىگە يول ھازىرلىغان.

خەۋەرچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بىكلام سىڭگى ئاز دىگەندە 2000 توننىدىن 2500 توننىغىچە ئوق دورىنى بۇ يەر ئاستى ئاكوپلىرىدا ساقلاشنى ئۈمىد قىلغان. يوشۇرۇن ساقلاش ئورنى شىمال ۋە شەرقتىكى قۇرۇقلۇق ھەربىي قىسىم قوماندانلىق شىتابىنىڭ جەڭ قىلىش رايونىغا جايلاشقان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگودىن كېلىدىغان «ھەقىقىي ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىت» ۋە يېقىندا ھىندىستان – پاكىستان چېگرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ئويلىشىپ، بۇ ئاكوپلارنى ياساشنى باشلىغان، ھەمدە ئۇنى يەر ئاستى قورال ئامبىرى قىلماقچى بولغان.

خەۋەرچىلەرنىڭ دىيىشىچە، «ئەڭ دەسلەپتە ئىش باشلىغان ئىككى قۇرۇلۇش تاماملانغان ھامان، بىز غەربتىكى پەلەستىن چېگرىسىنى بويلاپ مۇشۇنداق قۇرۇلۇش ياسايمىز. بۇ يەر ئاستى ئاكوپلىرىنى دۈشمەن تەرەپ ئاسانلىقچە سېزەلمەيدۇ ياكى ئوق دورا ئامبارلىرىنى بۇزۇۋېتەلمەيدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدا، كۆپ قىسىم ئوق دورىلار تونېل، تاغ ئۆڭكۈرى قاتارلىق يەر ئاستىدىكى ئاكوبلاردا ساقلىنىدۇ».

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستان يەنە جۇڭگو بىلەن پاكىستان چېگرا رايونىدا 18 دانە تونېل ياساپ، قىسىمنىڭ تېزدىن يۆتكىلىشىگە قولايلىق تۇغدۇرغان. بۇ تونېللار يەنە مۇھىم ئۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى قوغداش، ھەمدە دۈشمەن تەرەپنىڭ سۈنئىي ھەمراھى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارنىڭ رازۋېتكا قىلىشىدىن ساقلىنىش رولىنى ئوينايدىكەن.

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ