چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالما شىركىتى بازارنىڭ ئايفون 5 يانفونىغا بولغان ئىھتىياجىنىڭ مۆلچەرلەنگەن قىممەتتىن تۆۋەن بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئايفون5 نىڭ قاتتىق دېتال زاكازلىرىنى ئازايتىشنى باشلىغان. مىسالغا ئالساق، ئالما شىركىتى ئايفون5 گە سەپلىنىدىغان كۆرسىتىش ئىكرانىنىڭ زاكاز مىقدارىنى بىرىنچى پەسىلدىكىنىڭ يېرىمىغا چۈشۈردى، ئەلۋەتتە، زاكاز مىقدارى سانى ئازايتىلغىنى يالغۇز ئىكرانلا ئەمەس. ئالما شىركىتىنىڭ ئايفون5 قاتتىق دېتاللىرىنىڭ زاكاز مىقدارىنى ئازايتىشى بۇ يانفوننىڭ نۆۋەتتىكى سېتىلىش ئەھۋالىنىڭ ئالما ئۈمىد قىلغاندەك ئۇنچە ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئالما ئەقلىيفون ياساش جەھەتتە، بازار قىممىتى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ كىتىۋاتقان سامسۇڭ ۋە باشقا كۆپ خىل ئاندىرويىد يانفون كارخانىلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە ئىدى. گەرچە، ئالما شىركىتىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ئايفونى بازارغا سېلىنغاندا ئەقلىيفون دىگەن سۆزگە قايتىدىن ئېنىقلىما بىرىلگەن بولسىمۇ، بىراق، سامسۇڭ شىركىتى كۆپ خىللاشقان ئاندىرويىد يانفونلىرىغا تايىنىپ، ئالما شىركىتىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئەقلىيفون ياساش كارخانىسىغا ئايلاندى.بۇندىن باشقا، جۇڭگو كارخانىلىرىدىن خۇاۋىي قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ تۆۋەن باھالىق ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ بازارنى ئىگەللىشىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ھادىسە ئىدى. بازار تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، 2012-يىلى ئۈچىنچى پەسىلدە، ئالما شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەقلىيفون بازىرىدا ئىگەللىگەن ئۈلۈشى %14.6 گە يىتىپ، 2011-يىلى 4-پەسىل ۋە 2012-يىلى1-پەسىلدىكى %23 كە قارىغاندا خىلىلا تۆۋەنلەپ كەتكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بازار ئۈلۈشى 2010-يىلى3-پەسىلدىكى%8.8 دىن 2012-يىلى3-پەسىلدىكى %31.3 كە ئۆرلىگەن. سامسۇڭ شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ بىشىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ،Galaxy تىپىدىكى يېڭى ئەقلىيفون قىزغىنلىقىنىڭ ئەۋج ئىلىشى تەسىرىدە، مەزكۇر شىركەتنىڭ 2012-يىلى4-پەسىلدىكى تىجارەت پايدىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم تارىختىكى يۇقىرى رېكورت ياراتقانلىقىنى جاكارلىدى.شىركەتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالدىنقى بىر پەسىللىك تىجارەت پايدىسى 8 مىليارد500 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئالما شىركىتى ئۆتكەن يىل 9-ئايدا ئايفون5 نى رەسمىي تارقاتتى، ھەمدە كۈنسىرى كەسكىنلىشىپ بىرىۋاتقان ئەقلىيفون بازىرىدىكى ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىمەكچى بولدى.ئايفون5 كە 4 دېيۇملۇق كۆرسىتىش ئىكرانى سەپلەنگەن بولۇپ، ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئايفوندىن سەل چوڭ ئىدى. ئالاقىدار خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شياپۇ،LG ۋەJapan Display قاتارلىقلار ئايفون5نىڭ ئىكرانىنى ۋەكالىتەن ئىشلەپ بىرىدىكەن.ئايفون5 بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن،كىشىلەر يۇقارقى كارخانىلارنىڭ ئايفون5 نىڭ زاپچاسلىرىنى يىتىشتۈرۈپ بولالماي قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى،بىراق،نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى بىر تىجارەت پەسلى باشلىنىشىدىلا، ئايفون5 نىڭ قاتتىق دېتال زاكازلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشى بەلكىم قىسمەن كارخانىلارنىڭ تىجارىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، چۈنكى، بەزى كارخانىلار نۇقۇل ھالدا ئالما شىركىتىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى خەۋرنى تۇنجى بولۇپ خەۋەر قىلغان. |