ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

«گەپ قىلالايدىغان پەلەي» ياساپ چىقىلدى

2012-12-4 08:47| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 173| باھا: 0|يوللىغۇچى: ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: «گەپ قىلالايدىغان پەلەي» ياساپ چىقىلدى«كۈندىلىك تېلېگىراف گىزىتى» نىڭ 18-نويابىردىكى خەۋىرىدە، ئەنگلىيەلىك ...
«گەپ قىلالايدىغان پەلەي» ياساپ چىقىلدى


«كۈندىلىك تېلېگىراف گىزىتى» نىڭ 18-نويابىردىكى خەۋىرىدە، ئەنگلىيەلىك 73 ياشلىق بىل برودى ئىككى يىل بۇرۇن سەكتە بولۇپ قېلىپ سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قالغان، ھازىر بولسا ئۇ شېفىيىر ئونۋېرىستېتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «گەپ قىلالايدىغان پەلەي» نىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى، ئۇ بۇ پەلەي ئارقىلىق قول ئىشارىتىنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئاددىي ئالاقە قىلالايدىغان بولغان.

ئۇنىڭ قىزىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، برۇدى سەكتە بولغاندىن كىيىن كومپىيوتىر ئىشلەتمەكچى بولغان، بىراق ئىشلىتىش جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ئاۋارگەرچىلىكلەرگە يولۇققان. كىيىن ئۇ ئامالسىزلىقتىن ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەرپ جەدىۋىلىدىن ھەرپلەرنى بىرمۇ-بىر كۆرسىتىپ سۆز ھاسىل قىلىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ نىمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولغان. ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئۇ يۇقارقى «ئەقىللىق» پەلەينى ئىشلىتىشنى باشلىغان، ھازىر بولسا 20 دانە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تاق سۆزنى ۋە سۆز بىرىكمىسىنى ئۈگىنىۋالدى، ئۇ ئۇسسىغان ۋاقىتتا ۋە ياكى ھاراق ئىچكىسى كەلگەندە ئۆزىنىڭ «گەپ قىلالايدىغان پەلەي» ى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك قول ئىشارىتىنى قىلىپ ئاندىن پەلەيدىن چىققان ئاۋاز ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە مەقسىتىنى بىلدۈرەلەيدۇ.

«گەپ قىلالايدىغان پەلەي» نىڭ سىرتىدىن قارىماققا ئادەتتىكى خۇرۇم پەلەيگە ناھايىتى ئوخشايدۇ، بىراق ئىچكى قىسمىدا يەتكۈزگۈچ ۋە سەزگۈر سىنزور تاقىغۇچىنىڭ قول ئىشارىتىنى پەرق ئىتەلەيدۇ ۋە دەرھال بىر خىل مىكرو تىپتىكى كومپىتوتىر بىر تەرەپ قىلغۇچىغا يوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەربىر قول ئىشارىتىگە ماس كىلىدىغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسى شەكىللىنىدۇ ھەمدە ئالدىن ئاۋازغا ئېلىنىپ تەييار قىلىپ قويۇلغان سىستىما بويىچە قول ئىشارىتىنى پەرقلەندۈرىدۇ ۋە تۈزۈتىدۇ، ئاخىرىدا ئالدىن ئاۋازغا ئېلىنىپ تەييار قىلىپ قويۇلغان ئاۋاز ۋە ياكى كومپىتوتىر ئاۋازى بويىچە ئاۋاز چىقىرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تاقىغۇچى قورسىقى ئاچقاندا ۋە ياكى ئۇسسىغاندا ئۆيدىكىلىرىگە ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئۇقتۇرالايدۇ، بۇ پەلەي يەنە تېخى ۋاقىتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى سورىيالايدۇ ۋە «رەھمەت» دىيەلەيدۇ.




ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش