ئۇيغۇر
مەلۇم بىر شائىرنىڭ‹ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى›غا قاتناشقا ن ۋاقتىمدا شائىرنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمىلەر بولدى.ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدىن ‹شائىرلىقنىڭ پۇشايمىنى يوق›دىگەن ئەدەبىي خاتىرىسىنىڭ ماۋزۇسىنى ئاڭلاپلا بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم،دەرھاللا خاتىرەمگە ‹توغرا دەيدۇ،ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىلىقنىڭمۇ پۇشايمىنى يوق!›دەپ يېزىپ قويدۇم.ئوقۇتقۇچى بولغاندىن بېرى 16قىش ۋە 16 يازنى ئۆتكۈزۈپتىمەن،راس گەپنى دىسەم سىنىپ مۇدىرى بولۇش جەريانىمداتالاي قېتىم ھارغان،چارچىغان، زارلانغان،قاقشىغان چاغلىرىممۇ بولدى،بىراق يۈرەك تىۋىشلىرىمنى تىڭشاپ باقسام بۇ ھەقىقى قەلب سادايىم ئەمەسكەن!
9 M" r$ o! N+ b" Bمەكتەپلەرنى قوشۇش،ئوقۇتقۇچىلارنى باشقا ئىش ئورۇنلىرىغا تەڭشەش شامىلى چىقىپ ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنڭ بۇ كەسپكە قانچىلىك مېھرى،قانچىلىك ئەقىدىسى،قانچىلىك مۇھەببىتى بارلىقىنى بىر دەڭسىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى(ئەلبەتتە بۇ يەردە ئېھتىياج تۈپەيلى مۇنبەردىن مەجبۇرى ئايرىلغانلارمۇ كۆپ).شۇ قاتاردا مەنمۇ بور تۇتۇپ كۆنۈككەن مۇشۇ ئىشچان بىر جۈپ قولۇمنى يۈرۈكۈمگە سېلىپ باقسام،يەنىلا شۇ ئاپپاق بورغا قاراپ شىددەت بىلەن سوقماقتا ئىدى!! B' t5 S0 }& k9 Q% }
نەزىرىمنى يەنە ئاشۇ تەنتەكلەرگە،بەڭۋاشلارغا ئاغدۇرۇپ باقتىم،ئۇلار ماڭا بەكمۇ سۆيۈملۈك ،بىلىندى!كۆزۈمگە ئاجايىپلا ئىسسىق كۆرۈندى!( G- |/ W0 Y9 \0 h! C3 o- R
ھەر بىر قارار سىنىپىم ئوقۇش پۈتتۈرسە ،‹ئەمدى سىنىپ مۇدىرى بولمايمەن› دەپ ئويلايمەن،نىھايەت،يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ‹مەن سىنىپ مۇدىرى بولمايتتىم›دىگەن سۆزنى ھەرگىزمۇ دىگۈم كەلمەيدۇ،ئەسلى خاھىشىم مېنى ئۇنداق دىگۈلى قويمايتتى.چۈنكى ئاشۇ سۈيۈملۈكلەر ماڭا نۇرغۇن نەسىلەرنى ھېس قىلدۇراتتى ،ئۆزى بىلەن بىللە تەربىيەلەيتتى،كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتى،ئەقلىي كامىللىققا باشلايتتى،ماڭا ئەينەك بولاتتى،مۈشكۈللەرگە بەردشلىق بېرىشنى،سۈكۈتنى ،سەۋرىنى ئۈگىتەتتى.; h) K/ Y6 _. i! M$ W. A
بەزىدە ،مەن ئۇلارنى ئەمەس بەلكى ئۇلار مېنى تەربىيەلەۋاتقاندەك تەسىراتلارغا كېلىپ قالىمەن.
0 b; D' y+ N& [; C* h( W* E: @شۇڭلاشقىمۇ مېنىڭ ھەربىر ھۈجەيرەم قاتار-قاتار تىزىلپ ئولتۇرغان ئاشۇ قارا كۆزلەرىڭ مېھرىگە چىڭ ھەم چوڭقۇر باغلانغان.
. i! l, X& _/ v/ i0 d3 E8 Tبۇ چىن ئەقىدە،بۇ پاك مۇھەببەت،بۇ چوڭقۇر سۆيگۈ پۇشايمانغا ھەرگىز ئورۇن بەرمەيتتى.ئەكسىچە مېنى بۇ كەسپكە،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىگىمۇ ئېلىنمايدىغان مۇشۇ كەسپكە، تارىختىن بېرىمۇ تۈرلۈك ناملار بىلەن چەتكە قېقىلىپ كېلىۋاتقان بۇ غېرىبانە كەسپكە تېخىمۇ مەھكەم باغلىماقتا ئىدى.6 E i; j: l; D8 ?
كىچىىكىمدىنلا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئويلايتتىم،مەھەللىمىزدىكى ئۇششاق بالىلارنى يىغىۋېلىپ دەرس ئۈتۈپ كېتەتتىم،شۇ مەسۈم چاغلىرىمدىنلا ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ خاسىيەتلىك ئۇرۇقلىرى قەلب ئېتىزىمغا چېچىلىشقا باشلاپتىكەن،شەكىلسىز پەرۋىش بۇ ئۇرۇقلارنى بىخ تارتقۇزۇپ مېنى ئاخىرى بۇ گۈلزارلىقتىن ئورۇن ئالغۇزدى.مەن نىمىگە پۇشايمان قىلاي؟ئويلاپ باقسام مەندىكى پۇشايمان ئەمەس بەلكى بارغانسېرى بوينىنى قىسقان يىتىم بالىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان مىللىي مائارىپىمىزنى ئويلاۋاتقان چاغلىرىمدا .....................يۈرۈكۈمنى بىرى سۇغۇرىۋېلىۋاتقاندەك ئاچچىق تولغىنىمەن...ئېچىنىمەن. مانا مۇشۇ ئېچىنىش خۇددى پۇشايماندەك ئىز قالدۇرۇۋاتاتتى.
& S9 l5 N! L' Z0 V: [; @ئەمما مەن ئوقۇتقۇچى بولغىنىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن!مېنى تاكى بىرى زورلۇق بىلەن مۇنبەردىن قوغلىغانغا قەدەر ......تاكى كۈچ-قۇۋۋىتىم يار بەرمىگەنگە قەدەر......مۇنبەردىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس جايدىن ،بۇ خانلىق تەختىمدىن ،بۇ غورور –ئىپتىخارىمدىن ئايرىمىغايسەن دەپ ئۇلۇغ تەڭرىگە تېۋىنىمەن!8 R) Z, \' t2 d7 d' P
سەبىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى سۆزلەشنى،ئۇلارغا ئادىمىيلىك،كىشىلىك پەزىلەت ئۈلگىسى بولۇشنى ئارمان قىلىمەن...
9 k6 r. R* }8 g2 \2 ^9 ?' Aھەر قېتىم ھېيت-بايرامدا ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ يوللىغان سالاملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا.....ھەر قارارلىق ئئوقۇغۇچۇلىرىم ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئۇچۇرما بولۇپ ئۇچقانلىرىدا....ھەر ساھە،ھەر كەسپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم يۈگۈرۈپ ئالدىمغا چىققانلىرىدا....«مۇئەللىم سىز ھىچكىمگە ئوخشىمايسىز،!»«مەن ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ئادىمىم!»«مۇئەللىم،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!»«مۇئەللىم ،مەن سىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن!»دىگەن يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا......ئاتا-ئانىلارنىڭ «مۇئەللىم ،سىز مېنىڭ بالامنىى ياخشى ئادەم قىلىپ ئۆزگە ئۆزگەرتتىڭىز،بالامنى تەربىيەلەپ ئۆگەرتىۋەتتىڭىز، سىزگە رەھمەت!ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!»دەپ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەنلىرىدە..... كەپسىز،ئەخلاقسىز،ئىنتىزامسىز ئاتالغان بالىلارنىڭ دەرسخانەمدە جىمجىت ئولتۇرۇپ سۆزلىرىمنى تىڭشاپ،يىراقلاردىن قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ئېگىلىپ سالام بىجا كەلتۈرگەنلىرىدە.....مەيلى قەيەرگە كەتمىسۇن قىيىن تاللاشلارغا دۇچ كەلگەندە تېلېفۇن قىلىپ مەندىن مەسلىھەتلەر سورىغانلىرىدا ....ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ مېنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن،ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالىغانلىقىمدىن سۆيۈنىمەن،توغرىىسى ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن سۆيۈنۈپ قالىمەن......
' V0 X+ X& U! o' K9 |; Y1 C$ x# F2 g8 \9 ?
ياق! مەن ئوقۇتقۇچى بولغىنىمغا پۇشايمان قىلمايمەن!بەلكى يانا بىر قېتىم ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ تاللاشقا توغرا كەلسە ،ئىككىلەنمەي ئوقۇتقۇچى بولىمەن!مۇنبەردىكى بۇ ئەڭ ئالىي ھوقوقۇمنى كۈچۈمنىڭ بارىچە قوغدايمەن!" {; l# J2 _- ]4 c. s
دۆلىتىم،سۆلىتىم،پەخرىمسەن مۇنبەر!
' m2 Z, M2 W; F1 P0 Z0 uخانىشلىق،ئايىملىق،سۆلكىتىم مۇنبەر!- n6 \9 z; M$ B6 o" ^2 ]
بولساڭمۇ گەر ئۆزەڭ ئەڭ كىچىك دۇنيا،# y1 r1 { }+ x& p+ ]/ J' Z1 [( A
بىھىساپ ئىلىمنىڭ كانىسەن مۇنبەر.3 c1 s6 N k; l1 V* T0 X7 T" ^
7 H7 c; U# A/ u7 N1 t j7 ^* n+ I
2011-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى
3 I: g" V" H0 W! w, ~; S8 [بۇ ماقالىنى بىر دوستۇم كۆرۈپ باق دەپ ئەۋەتىپتىكەن ، ماڭا ياراپ قالدى شۇنىڭ بىلەن دوستۇمنىڭ رۇخسىتى بىلەن تورغا يوللىدىم ، دوستلارنىڭ كۆرۈپ ياخشى پىكىر تەلەپلىرىنى بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،/ c' S2 Z9 C; r; ]
ئەسكەرتىش:ئەلكۈيى توردىن ئېلىندى
& q( e% V( c- U1 B' b' t# ?& {" Y( i رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |