خەۋەر تىلەمچى : O/ e1 U: ]4 r
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
4 J& j- F& `# Q
( U7 b4 V; m2 d+ ^& U! N. C4 B9 s, z$ K- C! u& _6 X
مەن بىر تىلەمچى، ئەمما ئاش-نان، پۇل-پۈچەك تىلىمەيمەن، بەلكى تەمەخورلارغا تەمەسىزلىك، ئاجىزلارغا كۈچ-قۇۋەت، نەپسى بالا ئىنساپسىزلارغا دىيانەت، كۆڭلى قارىلارغا ئاق كۆڭۈللۈك، نادانلارغا ئەقىل-پاراسەت، تاش يۈرەكلەرگە باغرى يۇمشاقلىق، تىلى تۇرۇپ سۆزلىيەلمەيدىغانلارغا غەيرەت-جاسارەت، مەنمەنچى، قىزىل كۆز كاززاپلارغا ۋە خۇشامەتكۇي ــــ تەخسىكەشلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، ئاقنانچىلارغا ھالال ئەجىر تىلەيمەن.
2 e* ?4 f [* @/ x7 x1 W3 O! |
* H- }2 S/ K9 wمەن بىر تىلەمچى، ئەمما ئاش-نان، پۇل-پۈچەك تىلىمەيمەن، بەلكى ئۆز ئەجرىگە يارىشا ھېممەتكە نائىل بولالماي، ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ، سېرىق ئوتتەك سارغىيىپ يۈرگەن بىچارىلەرگە مەدەت، بەخت-سائادەت، نۇسرەت تىلەيمەن.
9 D3 r: p3 N! V; f$ ^
1 N5 i& l# n- rسايەمگە
) T& d7 Y' ^0 |) U8 J & y% e" j, e/ U) {, L6 i
1 |( X; \- J. l# N' v: S$ }0 ~$ ^0 j
ئەي سايەم، سەن نېمىگە ئوخشايسەن؟ قارا سىياھ بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلانغان ـــ ئوقۇغىلى بولمايدىغان خەتكە، مەقسەت-مۇددىئاسىنى بىلگىلى بولمايدىغان شۇم نىيەتكە، جىن-شاياتۇنلارغا ئوخشايسەن!قۇياش بالقىغاندا، ئاي پارلىغاندا، چىراغلار چاراقلاپ يانغاندا...خۇددى ۋارۋىغا قېتىلغان ئېشەكنىڭ تەخىيىدەك مېنىڭ ئالدى-ئارقامدا، ئوڭ-سولۇمدا گېدەيگىنىڭچە پەيدا بولۇپ، مەندىن خېلىلا ئۇزۇراپ كېتىسەن.ھەتتا ماڭا يول باشلاۋاتقاندەك ئالدىمدا شاپاشلاپ يۈرىسەن...
7 _3 ~- K) T5 t) n; w
1 f4 K. f V6 bمەن كىتابلارنىڭ گۈل بەتلىرىگە مىختەك قادالغان، تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان، ئىجاد-كەشپىيات ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىۋاتقاندا بولسا نەگىدۇر غايىپ بولىسەن.9 L" |) E D( b, {
5 S) R: m( R' u) o" m* Rمەن گەپتە، نەپتە بار، غەمدە يوق؛ ساندا، ھەردەمدە بار، ھەمدەمدە يوق؛ ئاشتا بار، ئىشتا يوق؛ كۈندۈزدە بار، تۈندە يوق ھارامتاماقلاردىن تولىمۇ بىزار.! v2 r/ j# o0 E7 f7 r
* N# w5 ~0 q" k& c# eيوقال، ئەي قولىدىن ئىش كەلمەس، ئەلگە نەپ بەرمەس، جان باقار سايەم!
# m0 |1 m4 I l! R& m
s$ N9 b& \( O1 D/ _. dقەلىمىمگە 0 J) m( |6 Z T- J4 A
0 l0 x7 b: G* y( Q* {- o! M! R! D$ ~9 V Z/ w* u
ئەي ئىلكىمدىكى ئۇپرىماس قەلەم، سەن قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېتىلىپ چىققان بۇلاق سۈيىدەك پاك، سۈزۈك كۈيلىرىڭ بىلەن كىشىلىك ئالىمىگە، روھىيەت دۇنياسىكى بارلىق ئېزگۈ قەلبلەرگە شادلىق، نازاكەت بەخش ئېتىسەن.
) e0 x5 _; l7 ?$ ^# e* j1 F) L, r1 }( B! |2 ]
ۋۇجۇدۇمدىن خۇددى ۋولقاندەك پارتلاپ چىققان غەزەپ-نەپرەتلىرىمنى ئېلىپ بېرىپ، روھىي ئالىمى قۇرغاقلىشىپ كەتكەن قەلبلەرنىڭ ناپاك ئەخلەتلىرىنى ئۆرتەپ كۆيدۈرىسەن." I) I2 S: q& h! ~
! W7 c, i# d6 U6 i. s. K' o. `سەن ھامان ماڭا ھەمراھ، قولداش، يۆلەكداش، مۇڭداش. شۇڭا، قەلبىمدىكى ئەڭ نازۇك تۇيغۇلىرىمنى ساڭا ئېيتىمەن، ئەي قەلىمىم.# f/ Y- P+ F0 Z( w# b& |: E
مەنبەسى:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى" y* C6 p, L6 |
رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |