ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

بولاق ئىچىگە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدىبىيات دەرىسلىكى ئۈچ يىللىق دەرىسلىك لاھىيىسى قاچىلانغان دە

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك لايىھىسى7-يىللىق تىل ئەدەبىيات مۇكەممەل دەرىسلك لاھىيىسى بۇلۇپ تورداشلارنىڭ پ

ئەركىن سىدىق 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 120 يەھۇدىلارنىڭ قانداق قىل

2012-يىلدىكى ئوتتۇرا شەرىقتىكى قانلىق ئاۋارىيە http://play

ئافغانىستان خەلقى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى2398«خەلق گېزىتى»نىڭ 21-فېۋرال ئىسلامئاباد

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzQwMDY0ODg0/v.swf

2946 تۈركىيەنىڭ تارىخىي ئاسار-ئەتىقىلەر ئەڭ كۆپ بولغان شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇب رايونلىرى تۈركىيى

«گۈل چاي»نى بىلەمسىز؟ 2585كىشىلەر گۈلچاي دە

خوتەن قاشتېشىنى بىلەمسىز؟ http://www.uy11.com/bizak/rasim/24.gif  خ

ئۇيغۇر دوكتۇر رەيھان ئەسئەت-ئامىرىكا ئادوۋكاتلار يېغىنىدا رەيھان ئەسەت شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى قانۇن ئىنىستوتىنىڭ ئو

3285 يېقىندا قازاقىستاندىكى «مىر» نەشرىياتىدىن ئارخېئولوگ ئابدۇكېرىمسابىتو

قانات ئىسلام ئامىرىكا كەسپى بوكىس سەھنىسىدە http://player.56.com/v_NjUxNTgzMDQ.swf]

1924192319221921

2409 مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى ق

شىنجاڭ شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى 2436 سەي جىنسوڭ 1949- يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ بىلەن بىللە تەيۋەنگە كىتىپ «دۆلەت مۇداپىيە

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چاۋشىيەندە قوللىنىلىشى ئۆمەرجان نۇرى 2521 ئىلاۋە تارىخ پەنلەر دوكتو

بىرقىسىم تورداشلارنىڭ توردا QQ توپلىرىدا سۆزلەشكەندە، يۇقار

بۇ ئادەملەر نىمىدىگەن رەھىمسىزلىشىپ كەتكەن ئەڭ ياخشىسى يۈرىكى ئاجىزلار بۇ فىلىمىنى كۆرمەڭلار ،

بۇ تىمىنى ئۈنچىلەر تورىدا كۈرۈپ ئازغان ياشلىرمىز

3067 نۇرغۇن ئاياللار كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلماي ياكى بىپەرۋاسىزلىق قىلىپ ئېرىنىڭ ياكى مۇھابىتىنىڭ ئۆشلىكىن

-مارت ئاياللار بايرىمى قانداق بارلىققا كەلگەن ؟ 2532 "8-مارت"خانىم قىزلار بايرىمى بولسا خەل

بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز ئەنبۇسى(ياپونىيە) ماقالىمىزنىڭ ئاپتورى

3491 پىژغىرىم ئىسسىقتا كىشىلەر تاۋۇزنى توڭلاتقۇدا توڭدۇرۇپ يەپ ئۇسسۇزلۇقىنى با

2859 ئالدى بىلەن سىزگە دەپ قوياي، سىزئالداندىڭىز! بۇ يەردە قانداقتۇر بىر گۈزە

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،يىگىت قىزنىڭ ئاۋازىغا ئىنتايىن سەزگۈر ب

مۇنداق ئالتە خىل بالا ئەڭ ئەقىللىق ئادەم ئۆز بالىسىنىڭ تېخىمۇ ئەقى

زامانىمىزدىكى بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسھىتى .1ماشىنىنىڭ ئەڭ ئەرزىنىنى سىتىۋال؛ئۆينىڭ ئەڭ

ئەرلەر نىمىشقا خۇتۇنىنى ئۇرىدۇ؟ ئەرلەر نېمىشقا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ

سىز مۇھەببەتلىشىشنى بىلەمسىز ؟ http://www.uy11.com/bizak/rasim/52.gif 1 - ت

3288 30- ماي سەھىيە مىنىستىرلىكى تۇنجى قېتىم «جۇڭگونىڭ تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنل

ئۇخلاشتىن ئىلگىر 5 ئىشنى ئۇنتۇماڭ 2522 1 .چىش چوتكىلاڭ ۋە يۇز يۇيۇڭ

چىرايىلىقىنىڭ قىلىقىمۇ چىرايىلىق بولىدۇ. ئ

بىر تورخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى 536 بىر تورخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئالدىد

جاۋابىنى تاپالىسىڭىز كۈلۈپ تىلىقىپ قالىسىز http://www.uy11.com/bizak/rasim/14.gif 1.بىر تاكسى شوپۇرى

تېپىشماق قارىغا

چۈش تەبىرى 2497 1 – ق

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چىشى مايمۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى « غەربكە ساياھەت » فىلىمى قويۇلغاندىن كېيى

چوقۇم بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كومپىيۇتېر بىلىملىرى http://www.hawar.cn/rasim/hawar/20110705/20110705_707080.jpg 1. CMOS دىن قات

ئوقۇتقۇچىلاركومپىيۇتېرئىمتىھانى ئۈچۈن 1 كومپيۇتېرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى مىكرو بىر

كومپۇيۇتېرىڭىز قىزمۇ ياكى ئۇغۇلمۇ؟ سىناپ بېقىڭ ... كومپىيۇتېرنىڭمۇ قىز ياكى ئوغۇلغا ئايرىلدىغان

بۇزۇلغان بارماق دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ (رەسىملىك) نۇرغۇن دوستلار بارماق دىسكا سېتىۋېلىش جەري

QQ رىڭىز قانچە پۇلغا يارايدۇ بىلىپ باققۇڭىز باما ؟ ماۋۇ تور بىكەتكە كىرىپ كۈرۈپ بېقىڭ : مىنى

يېقىندا تىڭشۈن(چچ شىركىتى) جۇڭگۇ تىلگىرافى(180/189/133/153)بىلەن بىرل

تاۋباۋدىن مال زاكاس قىلغاندا پۇل تۆلەپ بولغاندىن كىيىن ئادەتتە سودىنىڭ ئاخىرلىششى ئۈچۈن 10 كۈن ۋاقىت بەلگىلەنگەن، مۇشۇ 10

ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇل بولمىسا قانداق قىلش كىرەك؟2302 ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇل بولمىسا قانداق قىلش كى

1.) مەخپىي نومۇرىنى بىكار قىلماقچى بولغان Excel ھۆججىتىنى ئاچىمىز. 2.) قورال ئىستونىدىن(工具) (宏) (录制新宏

ئەپچىل چارە : ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەت ئۇچراپ قالسا توردا ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا بەزى ئوقۇيالمايدىغا

ئالما شىركىتى شىنجاڭدا ئوتتۇرا ئاسىيە تېخنىكا تەتقىقات ئىشخانىسى قۇردى http://player.youku.com/player.php/sid/XMjI3NjI4Njg=/v.swf

يېقىندا ئەنگلىيىدە چىقىدىغان > 15 يىل ئىچىدە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان 15 تو

ھۆججەت سومكىلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش دىتالى بۇ دىتالنىڭ ئارتۇقچىلىقى، سىز كومپىي

384385 بەك ياخشىكەن جۇمۇ مەنمۇ بىر قانچە مۇزىكا ئ

928 كومپىيۇتېرنىڭ كۈنسايىن ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ،كىشىلەر كومپىيۇتېردا ماتىرىيال كۆرۈشكە ئادەتلىن

تېلفۇنغا ئۇيغۇرچە قاچىلاش سىناق مەيدانى:nokia 5800 ،،

4684 http://player.youku.com/player.php/sid/XNjA3NjMxNTI0/v.swf ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 11-

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 20:20 ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورد

Android يانفونىنى ئىشلىتىدىغانلار يانفوننى WiFi سىمسىز تورىغا ئۇلاپ ئىشلەتمەكچى بولسا يانفون تەڭشەك رايونىغا

بۇ دىتال ئارقىلىق java قوللايدىغان تېلىفۇنلاردا قۇرئان ئۇقۇش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-20 08:44 ئەقلى دەرىس جەدىۋىلى (

بۇ ئىلكىتابلارنى چۇشۇرۋېلىڭ كىتاپلارنىڭ تۈرى ۋە تىزىم

قوش مەسچىت (ھىكايە)،ئوقۇپ بىقىڭ ،

ھەرقانداق ناخشا-فىلىملارنى چۈشۈرەلەيدىغان دېتال(ئۇيغۇرچە)-ئاپشاركا -چۈشۈرۋېلىڭ ئەسسالام دوستلار ياخشىمۇ سىلەر ... يېڭى يىلدا يېڭى

ئۇيغۇرچە تىز-تىز خەت بېسىشنى ئۈگۈنۈش دىتالى?㻷??Ԙ??teztez.rar ?㻷??Ԙ??teztez.rar بۇ يازمىنى ئاخىرىد

يېقىندا خەنزۇلارنىڭ يۇمشاق دىتال بازىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر توربەت باركەن.دۇوتې دەپ،مۇشۇ تورب

مەزكۇر دىتالنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ flash ھالەتتى

جەمئىي مىكروبلوگ 864 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 13340|ئىنكاس: 3

ناخشا «تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىزگە نېمىل ...mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

332

تېما

462

يازما

6503

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1955 سەر
تۆھپە
1359 سەر
تىللا
737 دانە
جەۋھەر
7 دانە
يانفۇن
«تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

' R' R9 J1 j2 F8 b* {4 t) r! w( O. f1 D
يالقۇن روزى
8 O8 r7 U/ |. M  Q
img02.jpg
7 B, Q# I( e6 E" i/ N
. z4 X" D5 Z' W$ i8 l! x
تۈركىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتى ئاپتونۇم رايونىمىزدا 1980- يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا رېشاد نۇرى گۈنتېكىننىڭ مەشھۇر ئەسىرى «چالىقۇشى» تۇرسۇنئاي ساقىم خانىمنىڭ ئىجتىمھاتى بىلەن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغانىدى. مۇھەببەت تەلىپى كۈچلۈك، خاراكتېرى شوخ، قەيسەر، جاھىل، ساھىبجامال قىز پەرىدەنىڭ ئوبرازى 1980- يىللاردىكى يىگىت-قىزلارنىڭ رومانتىك دۇنياسىدىكى يېگانە سىيما بولۇپ قالغان. لىرىكىلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بۇ ئېسىل رومان ئۇلارنىڭ قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغان كىتابى ئىدى. ئۇلار بۇ روماندىكى پەرىدە بىلەن كامراننىڭ ئەگرى-توقاي مۇھەببەت ھېكايىسىدىن تۈگىمەس زوق ئالاتتى. مۇھەببىتىگە داغ چۈشۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن قېيداپ، تۈگمەس ئانىي تېپىش، تۈرلۈك سىقىلىشلار بىلەن تولغان ھەسرەت-نادامەتلىك ھاياتقا چىشىنى چىشلەپ چىداپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان جاھىل قىز پەرىدە قىزلارنىڭ غۇرۇرىغا غۇرۇر قوشقانىدى. «چالىقۇشى» قىزغىنلىقىغا ئۇلىشىپلا، ساباھىدىن ئەلىنىڭ «جۇۋىلىق خانىم» ناملىق پوۋېستى، ياشار كامالنىڭ «مەمەت ئاۋاق» ناملىق رومانى ، نەجافى جۇمالىنىڭ «سۇسىز ياز» ناملىق پوۋېستى، كەرىمە نادىرنىڭ «سامان يولى»، «ئۆكسۈش، ناملىق رومانلىرى، ئەزىز نەسىننىڭ ھەجۋىي ھېكايىلىرى، ئۆمەر سەيفىتتىننىڭ «ئاق لالە» قاتارلىق ھېكايىلىرى ۋە «پىرمو تۈرۈك ئوغلى» ناملىق ئېسىل پوۋېستى ئارقا-ئارقىدىن ئانا تېىلىمىزدا نەشر قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر قاتمال ئىجادىيەت قارىشىدىن قۇتۇلۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتىنى چىقىش قىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىستىكى كۈچلۈك ياش قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجادىيەت قارىشى ۋە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئەسەرلەر ئۆزنۆۋىتىدە يەنە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى تونۇشىنىڭ يېڭىلىنىشىغا، ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قويدىغان تەلىپىنىڭ يۈكسلىشىگە تۈرتكە بولدى. 1990-يىللاردا تۈركىيە ئەدەبىياتنىڭ ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرلۇلۇشى 1980- يىللاردىكىدەك نەتىنجىلىك بولمدى. «لەۋدىن قەلىبكە» ناملىق بىر پارچە رومان نەشر قىلىنغاندىن باشقا، ئاز ساندا ھېكايە، شېئىر ۋە نەسرلەر تەرجىمە قىلىندى.ئەمما ئالاھىدە يېڭىلىق ھېسابلىنىدىغان بىر ئىش 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا «چالقۇشى» ناملىق رومان ئاساسىدا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئانا تىلىمىزغا سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىنىپ، ئۈن-سىن بازىرى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكى بولدى. بۇ فىلىم ئارقىلىق پەرىدە بىلەن كامراننىڭ تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايسى مىڭلىغان-مىليۇنلىغان كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىدا تولىمۇ جانلىق نامايەن قىلىندى. تالانتىلىق ئاۋاز ئارتىسى ھاۋاخان ھېيىتنىڭ تەبىئىتى نازۇك ئەركە قىزلارنىڭ خاراكتېرىنى چاقنىتىۋېتىدىغان ئاۋازى پەرىدەدىن ئىبارەت ئۇنتۇلماس ئوبرازىنى تېخىمۇ يارقىن تۈسكە كىرگۈزۈپ، كۆرۈرمەنلەرنى سەنئەتنىڭ سېھىرلىق دۇنياسىغا غەرق قىلدى. فىلىمدىكى مېلودىيەسى يېقىملىق مۇزىكا، گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى، كونا قاراش بىلەن يېڭى ئىدىيەنىڭ توقۇنۇشى، پەرىدەنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى، كامراننىڭ مۇڭلۇق بېقىشلىرى، كىرىستالدەك ساپ مۇھەببەت… كىشلەرنى ئۇنتۇلماس تەسىراتلارغا مۇيەسسەر قىلدى. 1990-يىللاردىكى يەنە بىر روشەن ھادىسە تۈركىيە ناخشا- مۇزىكىلىرىنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئۈن-سىن بازىرىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغانلىقىدۇر. ھازىرىقى زامان تۈركىيە ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشى زامانىۋىلىشىش ئارزۇسىدا ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. بولۇپمۇ، MTVئىشلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئوپېراتورلىرىمىز بىلەن رېژىسسورلىرىمىزنى يېڭى نەزەرگە ئىگە قىلدى.
( P6 D8 a: p5 ]. M' Z& w. l* N( X: w2 u  P
21- ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە تاراتقۇلارنىڭ قاپلاش كۆلىمىنىڭ كېڭىيشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتى تېخىمۇ زورايدى. ئەدەبىي ئەسەرلەردىن دەسلەپتە «ئېچىنىش»، «تامغا» ناملىق رومانلار نەشىر قىلىندى، ئۇزاق ئۆتمەي، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ئۇرخۇن پامۇكنىڭ «مىنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «يېڭى ھايات» ناملىق رومانلىرى، «ئۆمەر سەيفىتتىن ھېكايە-پوۋىستلىرىدىن تاللانما» دېگەن كىتابلار نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ يىللاردا ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئۈن-سىن بازىرى تازا جانلىنىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ، ئۆزبېكىستاننىڭ ھېكايە فىلىملىرى ئارقا-ئارقىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا سېىلىندى. كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى خەلقئارا سەۋىيەگە يەتكەن تۈركىيەنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق مەدەنىيەت بازارلىرىدا كۆپەيدى. دەل مۇشۇ چاغدا، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ماس ھالدا، تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى تەسىر قوزغىغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «بۆرىلەر ماكانى»(كۇرتلار ۋادىسى) ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق تارقىلىپ، كىشلەرنىڭ ئارىسىدا «كۇرتلار ۋادىسى» قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتتى. ۋەقەلىكى مۇرەككەپ ھەم جىددىي، زىددىيەتلىرى ئۆتكۈر ھەم كەسكىن، دىيالوگلىرى جانلىق ھەم مەنىلىك، پېرسوناژلىرى خىلمۇخىل، مەزمۇنىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بۇ فىلىم كىشلەرنى ناھايىتى تېزلا ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. خاراكتېرى روشەن ھەم رەڭدار پېرسوناژلار كۆرۈرمەنلەرگە پۈتمەس-تۈگمەس زورق ئاتا قىلدى. بولۇپمۇ پولات ئەلەمدارنىڭ قارىماققا سۇلغۇن كۆرۈنىدىغان ، ئەمما ھۇشيار، جەسۇر، چەبدەس، كەسكىن، تەدبىرلىك، تەمكىن، قۇۋ خاراكتېرى، ۋەتەننى سۆيۈشتىكى قەتئىيلىكى ۋە ئۈزۈل-كېسىللىكى تاماشىبىنلارنى مەستانە قىلدى. ئۇلار بۇ فىلىمدىكى ۋەقەلىكلەرنى بەس-بەستە سۆزلىشىدىغان، پولات ئەلەمدار، سۇلايمان چاكىر، ماماتى، ئارسىلان بەگ، مەھمەت قارخانلى، لەززىيا، ئىسكەندەر بۈيۈك، ئەلىف، ئابدۇلھەي، قاتارلىق ئوبرازلار توغۇرلۇق تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇشىدىغان بولدى. «كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمى 97 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولغاچقا، كىشلەرنىڭ ئۇ ھەقتىكى سۆز سۆھبەتلىرىمۇ يىللاپ داۋام قىلدى. ئاقىدىنلا «كۇرتلار ۋادىسى.ئىراق» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىنو فىلىمى پولات ئەلەمدارنىڭ ئوبرازىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتىۋەتتى. پولار ئەلەمدارنىڭ رولنى ئالغان نىجاتى شاشماس مىليۇنلىغان مەستانىلىرى بار دۇنياۋى چولپانغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن «كۇرتلار ۋادىسى. پۇسۇ» (تەرجىمىسى: بۆرىلەر ماكانى. پىستىرما) ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىر تەرەپتىن ئىشلىنىپ، بىر تەرەپتىن تارقىتىلىپ «كۇرتلار ۋادىسى» قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈۋەتتى. ئىنتېرنېت تورىنى ئاساس قىلغان زامانىۋى كۆپەيتىش،تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ قولايلىق بولۇشىدەك ئەۋزەللىك ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىڭلىغان-مىليۇنلىغان قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بىمالال كۆرۈشكە ئىمكانىيەت ھازىرىلاپ بەردى. تاماشىبىنلار«كۇرتلار ۋادىسى» قىزغىنلىقىنىڭ تەسىرى بىلەن تۈركىيەدە ئۈزلۈكسىز ئىشلىنىپ قويۇلۋاتقان كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشكە ئىنتىلدى. كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەش جەھەتتە ھەيران قالارلىق ئۈنۈم قازىنىۋاتقان تۈركىيەدىكى «ئوسمان سىناۋ ئىستۇدىيەسى»، « ئاي ئىستۇدىيەسى»(ئاي ياپىم) قاتارلىق ئىستۇدىيەلەر بەس- بەستە ئىشلىگەن فىلىملەر ئاپتونوم رايونلىرىمىزنىڭ ئۈن-سىن بازىرىنى قاپلىدى. «غازاڭ پەسلى»، «چەكلەنگەن سۆيگۈ»، «ئەلىفىنىڭ كۆز يېشى»، «ئاچچىق ھايات»، «ئەزەل»، «قاچقۇن ئاشىقلار»، «قىزىم نەدە»، «ئادانالىق رازۋېدچىك چاكىر»، «ئاشىقلىقنىڭ جازاسى»، «تۈركىيە تۈرمىسىدىن قېچىش»، «فاتمەگۈلدە نېمە گۇناھ»، «ئىسمىنى فەرىخە قويدۇم»، «ئىستانبۇللۇق قەھىرمان چاكىر»، «ئەسىر شەھەر»، «گۈللەنگەن يۈز يىل»، «كۇرتلار ۋادىسى. تېرو»، « كۇرتلار ۋادىسى. پەلەستىن»، «ئاسىيلىق» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى كىشلەر زور قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈپ ھۇزۇرلانغان فىلىملەر بولۇپ قالدى. بۇ فىلىملەرنىڭ ئىچىدە «چەكلەنگەن سۆيگۈ» (ئەسلى ئىسمى «ئاشىقى مەمنۇن»)، «ئاچچىق ھايات»، «ئاىسيلىق»، «ئەۋزەل»، «ئەلىفنىڭ كۆز يېشى»، «قاچقۇن ئاشىقلار»(ئەسلى ئىسمى «مەنەكشە بىلەن خېلىل»)، «ئادانلىق رازۋېدچىك چاكىر» قاتارلىقلار ئۈن-سىن سودىگەرلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. مانا مۇشۇنداق ئەسلىيسنى ياكى تەرجىمىسىنى بىۋاستە ھالدا توردىن كۆرۈش ۋە ئۈن-سىن دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىپ كۆرغش نەتىجىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا «تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» رەسمىي يۇسۇندا شەكىللەندى. بۇ خىل قىزغىنلىقنىڭ شەكىللەنگەنلىكىگە بەش-ئالتە يىلچە ۋاقىت بولدى. نۆۋەتتە، بۇ خىل قىزغىنلىق ئۆزلۈكسىز كۈچىيىپ بارماقتا.
6 J$ j. R8 @, d$ D«تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىر تۈرلۈك مەدەنىيەت ھادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، تەتقىق قىلىشىمىز ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشىمىزنى كۈتمەكتە. ئۇنىڭدىن ئاپتونڭم رايونىمىزدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شەكىللەنگەن «تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ شۈبھىسىزكى، ئوخشاش ئەسەر ئوخشىمىغان كىشلەرگە ئوخشىمىغان تەسىر بەرگەندەك، تۈركىيە فىلىملىرى ئىجتىمائىي ئەھۋالىمىزغا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىمىزگە ماس ھالدا، بىزگە ئۆزگىچە تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. زوقلىنىش پىسخولوگىيەسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، زوقلىنىش خاسلىققا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە يەنە مىللىيلىككە ئىگە بولىدۇ. مەن «تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» نىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتىن ئىزاھلاپ چۈشەندۈرىمەن؛- K/ [5 x) S' `4 N" l
- `4 E- s8 x% O# K8 `
بىرىنچى، يېڭىچە زوق ئېلىپ كەلدى3 s7 }  r. Q8 W3 k( i' X
تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بىزگە ئېلىپ كەلگەن يېڭىچە زوقنى «ئىللىقلىق» ۋە «ھەيرانلىق» دېگەن ئىككى سۆز بىلەن چۈشەندۈرشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىدا ئىللىقلىق پەيدا قىلغان سەۋەب نېمە؟ ئايانكى، بۇ سەۋەبلەت تۇرمۇش شەكلى، ئەخلاق ئادەتلىرى، كىشى ئىسىملىرى، ئېتقاد سىستېمىسى جەھەتتىكى ئورتاقلىق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇئەييەن ئوخشىماسلىق زوقلانغۇچىلار پىسخىكىسىدا تەبىئىي ھالدا ئىللىقلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھال تاماشىبىنلارنىڭ مەلۇمكى، تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا كىشىگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىغان مەزمۇن ۋە كۆرۈنۈشلەر ناھايىتىي كۆپ. مەسلەن، «غازاڭ پەسلى» (تۈرۈكچە نامى: «ياپراك دۆكۈمى») دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى 170 نەچچە قىسىملىق فىلىم بولۇپ، بو فىلىم رېشاد نۇرى گۈنتېكىننىڭ «ياپراك دۆكۈمى» ناملىق رومانى ئاساسىدا سېنارىيەلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن. ئەسلىي ئەسەردە تۈركىيەنىڭ 1950- تىللاردىكى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. سېنارىيەدە بولسا، ۋەقەلىك 2000-يىللارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئۆزگەرتىلگەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سۇژىتى ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كەلگەن ئەلى رىزاتېكىن ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان، فىلىمدە، قوشنا-قۇلۇم، خىزمەتداش، تۈرمىداش، قۇدا-باجا، كېلىن-كۈيئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى ئەگرى-توقاي، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر تەسۋىرلىنىپ، بۈگۈنكى كىشلەرنىڭ ئائىلە، نىكاھ، دوستلۇق، پۇل قارىشى تەبئىي يۇسۇندا ئىپادىلەپ بېرىلگەن. ئەنئەنىگە بولغان قىيالماسلىق بىلەن زامانىۋى تۇرمۇش شەكلىگە ماسلىشالماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىدىيە توقۇنۇشلىرى جانلىق ئەكىس ئەتكۈزۈلگەن. ئەسەردىكى پېرسۇناژلار مۇناسىۋىتىدە ئىپادىلەنگەن سۆز-ئىبارىلەر، ھېسىيات ماجىرالىرى كىشىگە گويا ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىكى سۆز-ئىبارىلەر ۋە زىدىيەت –ماجرالارنىڭ دەل ئۆزىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بولۇپمۇ قېينئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت-ماجىرالارنىڭ ئېكرانلاشتۇرۇلۇشىدەك تەسىرات بېرىدۇ. شۇڭا، تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىچىدىكى كۆپلىگەن مەزمۇن، ۋەقە، پېرسۇناژ ۋە كۆرۈنۈشلەر بىزگە «ئىللىقلىق» تۇيغۇسىنى بەخىش ئېتىپ، ئېستېتىك زوقىمىزىنى يېڭىچە تەمگە ئىگە قىلدى دېيەلەيمىز.
# j  x, D, z  ^; d+ H& ]$ Q«ھەيرانلىق» دېگەن سۆزگە كەلسەك، تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سۇژىتى ئەگرى-توقاي بولغاچقا، كۆرۈرمەنلەرنى ھېلىدىن-ھېلىغا ھەيرانلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ. مەلۇمكى، ئەگرى-توقاي سۇژىت زوقلانغۇچىلارنى زوقلاندۇرۇپ، ھەرخىل تەسىراتلارغا مۇيەسسەر قىلىدىغان مۇھىم ئېستېتىكىلىق ئالاھىدىلىك. بەش-ئون يىلدىن بۇيان قويۇلۇپ كېلېۋاتقان كورىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ سۇژىتىدىكى ئەزمىلىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ سۇژىت قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشچانلىق تولىمۇ روشەن ھەم رەڭدار. مەسلەن، «قاچقۇن ئاشىقلار» ، «غازاڭ پەسلى» دېگەن فىلىملەرنىڭ تىنمسىز ئۆزگىرىپ تۇردىغان سۇژىتى فىلىمدىكى ئانچە چىن بولمىغان، تۇرمۇش ئاساسى ئاجىز ۋەقە-ھادىسلەرنى چاندۇرماي ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. سۇژىت قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشچانلىق ۋە رەڭدارلىق ئىچىدە ھەر بىر پېرسۇناژ ئادەمنى بىردەم سۆيۈندۈرسە، بىردەم نەپرەتلەندۈرىدۇ، بىردەم ئۆكۈندۈرسە، بىردەم زوقلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق پېرسۇناژلار خاراكتېرىدىكى كۈچلۈك تەرەپلەر بىلەن ئاجىز تەرەپلەر ، ئاقىلانە ھەرىكەتلەر بىلەن ئەخمىقانە ھەرىكەتلەر ئارىلاش ئىپادىلىنىپ، كۆرۈرمەنلەرگە چىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى زوقلانغۇچىلارنى مەستانە قىلغان بىر مۇھىم ئامىل.8 P' ]3 e: K' c3 g* O" d
4 b8 G" G& y( F( m" m& ?
ئىككىنچى، يېڭىچە قاراش ئېلىپ كەلدى «
$ l3 X: _  t* H6 @  uتۈركىيە فىلىملىرىنىڭ قىزغىنلىقى» بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ئاكتىپ تەسىر يېڭىچە قاراشلارنى ئاتا قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. «كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمدىكى «باللارسىز ۋەتەن بولماس»،«ئاقىۋەتنى ئويلىغان ئادەم قەھىرىمان بولماس»، «جاسارەت ياخشى ئادەملەر تەرپىدىن جارى قىلدۇرۇلمىسا، رەزىل ئادەملەرنىڭ قۇرالى بولۇپ قالىدۇ»، «ۋەتەن ئۈچۈن نامسىز قەھىرىمان بولۇش تېخىمۇ شەرەپلىك»، «كۈچىمىز تۈگىگۈچە ئېلىشىمىز، كۈچىمىز تۈگىگەندە ئۆلىمىز»، «تۈركىيەنى تۈركىيە قىلغان ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى» دېگەندەك ئىدىيە ۋە قاراشلار فىلىمدە كونكرېت ۋەقە ھادىسلەر جەريانىدا ئىسپاتلىنىپ، كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات ئاتا قىلىدۇ. «چەكلەنگەن سۆيگۈ» فىلىمدە ئىپادىلەنگەن «ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ» دېگەن ئىدىيە، تاماسىبىنلارغا ناپاك مۇھەببەتنىڭ ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە، كىشلەرنى سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ پاكلىقى ئۈستىدە ئەستايدىل ئويلىنىشقا، كەيپىياتنى ئاقىلانىلىك بىلەن كونترول قىلىپ ياشاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇشقا ئۈندەيدۇ. «غازاڭ پەسلى»، «قاچقۇن ئاشىقلار» فىلىمىدىكى كىچىك باللار ئالدىدا ۋارقىراپ-جارقىراپ جېدەل قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدىغان، بالىلارغا بەكمۇ كۆيۈنىدىغان ئادەتلەر بىزنىڭ بەزى ئادەتلەنگەن قاراشلىرىمىزدىن پەرقلىندىغانلىقى بىلەن بىزنى ئويغا سالىدۇ. مەسلەن، بىزدە چوڭلارنىڭ ئالدىدا جېدەل-ماجىرا قىلىشتىن، ۋارقىراپ-جارقىراپ گەپ تالىشىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ئادەتنىڭ ئەكىسچە، تۈرۈكلەرنىڭ كىچىك بالىلارنىڭ ئالدىدا بۇنداق قىلىمىشنى سادىر قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدىغان ئادىتى تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن. بۇنىڭ قايسىسى توغرا دېگەندە، مېنىڭچە بىزنىڭكىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ توغرا. چۈنكى، ① كىچىك بالىلار چوڭلارنىڭ جېدەل-ماجىراسىنى كۆرسە قورقۇپ كېتىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ يۈرەكئالدى چوڭ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. دېمەك، چوڭلارنىڭ ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۇرۇشۇشلىرى بالىلاردا قەلب زەخمىسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ پىسخكىسىدا ئۇنتۇلماس ئاسارەت قالدۇرىدۇ. ② بالىلاردا پەرق ئېتىش ۋە ھەق-ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارى تېخى يېتىلمىگەن ياكى يېتىلسىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالدىدا گەپ تالاشقاندا تەربىيە ياكى تەنقىد ئاڭلاش يوق گەپ بولۇپ قالىدۇ. تېخىمۇ يامىنى جېدەللەشكەن ئىككى تەرەپنىڭ ئىچىدىكى يوللۇق تەرەپنىڭ ئوبرازىغىمۇ ئوخشاشلا پايدىسىز. ③ ئەڭ يامىنى، چوڭلارنىڭ ئادەت-خۇسۇسىيەتلىرى مۇقىملاشقان بولسىمۇ، بالىلارنىڭ ئادەت-خۇسۇسىيەتلىرى ئۈلەىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. بۇ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بالىلار ناچار ئۈلگىگە ئۇچرىسا، پاسسىپ تەسىر ئالىدۇ، بولمىغۇر سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالىدۇ. شۇڭا، بالىلارغىمۇ زىيىنى چوڭ بولىدۇ. دېمەك، تۈركىيە فىلىملىرىدە ئىپادىلەنگەن تۇرمۇش ۋە كىشلىك مۇناسىۋەتلەردىكى بەزى ئىدىيە ھەم ئادەتلەر بىزگە ئويلىمىغان نۇقتىدىن تەسىر ئېلىپ كەلدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
0 Q$ y/ P8 C9 X6 _9 p! b  X
- q6 z, [' V- ~- n7 Oئۈچىنچى، يېڭىچە بىلىم ئېلىپ كەلدى0 z1 b! k$ J* L1 j
بۈگۈنكى دۇنيادا بىلىم پەقەت مەكتەپ- ئاكادېمىيەلەردىلا ئەمەس، كىتاپ ياكى ئۇستازلاردىلا ئەمەس، بەلكى ھەممە يەردە، يەنى جەمئىيەتتە، تەبىئەتتە، كىنو-تېلېۋىزىيەلەردە، ھەتتا دورا-ئوكۇللارنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيە فىلىملىرىمۇ ئۇيغۇر جەمىئىيتىگە ئاز بولمىغان بىلىملەرنى ئاتا قىلدى. دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مەسلەن، «گۈللەنگەن يۈز يىل» (تۈرۈكچە نامى: «مۇھتەشەم يۈز يىل») دېگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى تارىخىي فىلىم بولۇپ، ئۇنىڭدا 625 يىل دەۋىر سۈرگەن ئوسمان ئېمپېرىيەسىنىڭ 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلدىكى تەخىتتە ئولتۇرغان قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ ھاياتى ۋە ئوردا تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكۈزۈلگەن. بۇ فىلىمدە ئوسمانلارنىڭ ئوردا ھاياتى، ھەرەم تۇرمۇشى، ئوسمان ئېمپېرىيەسى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋە دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر، فېئودال پادىشاھلىقنىڭ مۇستەبىتلىك ماھىيىتى ۋە ۋارىسلىق شەكلى قاتارلىق بىر قاتار تارىخىي بىلىملەرنى ئەكىس ئەتكۈزۈلگەن، فىلىمنى كۆرۈش ئارقىلىق بۇلارنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. «چەكلەنگەن سۆيگۈ»، «فاتمەگۈلدە نېمە گۇناھ» دېگەن فىلىملەردىن تۈركىيە بۇرژۇئازىيە قاتلىمىدىكىلەرنىڭ چىرىك تۇرمۇشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، تۈركىيە جەمىئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بۇ فىلىملەردىن يەنە تۈركىيە جەمىئىيتىدە قانۇننىڭ ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالىغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «قاچقۇن ئاىشقلار»، «ئاىشقىلىقنىڭ جازاسى» فىلىملىرىدىن تۈركىيە جەمىئىيىتىدە جەمەت ۋە گۇرۇھلار زىددىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئۆتكۈرلۈكىنى، قىساسخورلۇق ئادىتىنىڭ كۈچلۈكلىنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمىدىن تۈركىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپلىكىنى، ئىچكى-تاشقى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ نەقەدەر ئۆتكۈر، مۇناسىۋەتلەرنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپلىكىنى كۆرۈۋالغىلى ھەم قارا گۇرۇھلارنىڭ تۈركىيە جەمىئىيىتىدە ئويناۋاتقان پاسسىپ رولىنى، مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.5 _; e' x" o6 [: I  m, b. }

  h# _5 T6 {- A1 S% Y, x# y! ]تۆتىنچى، يېڭىچە روھ ئېلىپ كەلدى% {3 O- G0 V" ]( G8 E
تۈركىيە فىلىملىرىدىكى نۇمۇس ۋە شەرەپ قارىشى ئىنايىن كۆپ تەكىتلىنىدۇ. بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى ئىنكار قىلماقچى بولسا «شەرەپسىز» دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىپ ئىنكار قىلىدۇ. شەرەپسىز ياشاشنى ئەڭ زور نومۇس، ئەڭ ئېغىر ھاقارەت دەپ بىلىدۇ. بۇنداق روھ پايدا-مەنپەئەت، ھوقۇق-مەرتىۋە، مال-دۇنيا ئالدىدا كىشىلىك قىممىتىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن پايخان قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۈچلۈك سىلكىنىش، چوڭقۇر ئويلىنىش ئاتا قىلماي قالمايدۇ. تۈركىيە فىلىملىرىدە ئىپادىلەنگەن روھ بويىچە ئېيتقاندا، ئادەم ئۈچۈن شەرەپسىز ياشاشتىن ئېغىر ئىش يوق. ئۇلار شەرەپسىز ياشىغانداىن ئۆلگەن ئەلا دەپ قارايدۇ. جەمىئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشلەردە دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان شەرەپ ۋە نومۇس مەسلىسىگە سەل قاراشتەك بىخۇدلۇققا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلاردىكى شەرەپسىز ياشاشنى كۆڭلى كۆتۈرمەيدىغان پىرىنسىپال روھ زور ئەخلاقىي تەربىيە ھېسابلىنىدۇ.# s! U' {4 h) ?8 f1 S
تۈركىيە فىلىملىرىدە يەنە قەتئىي خاراكتېرگە ئىگە پېرسۇناژلار كۆپ بولۇپ، ھەق-ناھەت مەسىللىرىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشنى ھايات-مامات مەسىلىسىدىن ئۈستۈن قويىدۇ. ھەق-ناھەق مەسىللىرىدە ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكىدىغان بۇنداق خاراكتېر قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى، ھاياتنىڭ ئەھمىيتى لەقۋالارچە بولسىمۇ ئۇزۇن ياشاشتا ئەمەس، بەلكى ھەق-ناھەت مەسىلىلىرىدە جان پىدالىق كۆرسىتىپ مەردانە ياشاشتا. بۇنداق روھ پولات ئەلەمدارنىڭ ۋۇجۇدىدا، سۇلتان سۇلايماننىڭ ۋۇجۇدىدا، مۇھەممەتنىڭ ۋۇجۇدىدا، خېلىلنىڭ ۋۇجۇدىدا، ئەلى رىزا تېكىننىڭ ۋۇجۇدىدا دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەخلاققا ئۇيغۇن ئېسىل پەزىلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئەخلاقىي روھمۇ، تۈركىيە فىلىملىرى بىزگە ئاتا قىلغان يېڭىچە مەزمۇننىڭ مۇھىم بىر قىسمى.: [- P; e: ^/ d4 R
بەشىنچى، يېڭىچە ئىنتىلىش ئېلىپ كەلدى# z% J3 `4 ]# d/ T. }  N/ r
مەلۇمكى، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ يۇمشاق كۈچىنىڭ بىر قىسمى. چۈنكى، مەدەنىيەت ھادىسى بولغان كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئۆزىنىڭ زەرەتلەش خاراكتېرى بىلەن كىشلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا يېتەكلەش، قىزىقتۇرۇش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، گۈللەنگەن ئىقتىساد، رەڭدار جەمئىيەت،ئاۋات شەھەر، گۈزەل مەنزىرە، سالاپەتلىك قىياپەت، مەدەنىي شەكىلدىكى ئىنسانىي مۇئامىلە، يارىشىملىق كىيىم-كېچەك، رەڭگارەڭ تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى كىشىلەرنىڭ شۇ دۆلەت ياكى رايوندىغا، شۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش شەكلىگە قىزىقىش ھىسسىياتىنى قوزغىماي قالمايدۇ. بۇ خىل قىزىقىش ۋە ئىنتىلدۈرۈش كۈچى تۈركىيە فىلىملىرىدە ناھايىتى مول دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئىستانبولنىڭ سۇ، تۆپىلىك، قۇرۇقلۇق، ئورمان، بىنا، يوللار گىرەلىشىپ كەتكەن تەڭداشسىز گۈزەل مەنزىرىسى. مارمارا دېڭىزىدا لىقشىپ تۇرغان كۆپكۆك سۇ، بوسفور بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان ھەيۋەتلىك ئاسما كۆۋرۈك، كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە چۈمۈلىدەك قاتارلىشىپ ئۈزۈلمەي ئۆتىۋاتقان ماشىنىلار، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان رومانتىك مەنىگە باي << قىز قەلئەسى >>، دېڭىز بويىدىكى بىر-بىرىدىن گۈزەل داچىلار، تىپتىنىچ قەھۋەخانلار ، تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدىتىپ كۆپكۈك دېڭىز يۈزىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كاتىرلار، قەدىمىي مەسچىتلەرنىڭ خەنجەردەك ئۇچلۇق مۇنارلىرى ھەر قانداق كىشىدە تۈركىيەگە بېرىپ، ئۆز ئايغى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ كوچىلىرىدا ئايلىنىپ بېقىش، يىراقتا تۇرۇپ ئىستانبۇل كۆۋرۈكىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشىنى تاماشا قىلىش، ساياھەت پاراخۇتى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بوسفور بوغوزىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغان گۈزەل مەنزىرلەرنى كۆرۈپ بېقىش، كونا شەھەر رايونىدىكى ئوسمانلى دەۋرىدىن قالغان خىيالى كۆرۈنۈشكە ئوخشاش قەدىمىي مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ سۆرەتكە چۈشۈش ئىستىكىنى قوزغىماي قالمايدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيا مىقياسىدا قوزغالغان «تۈركىيە قىزغىنلىقى»نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى دەل تۈركىيەنى ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقى بولماقتا. تەتقىقاتچىلار بۇنداق ئەھۋالنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتى.
6 {  }2 Z- l2 Yئالتىنچى، يېڭىچە ئۈلگە ئېلىپ كەلدى
1 Y3 o/ b/ N2 [تۈركىيە فىلىملىرى بىزگە تۆت جەھەتتىن ئۈلگە ئېلىپ كەلدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇلار: ① يېڭى سۆز-ئىبارىلەرنى قوبۇل قىلىش جەھەتتە ئۈلگە كۆرسەتتى. مەسلەن. «شەرەپسىز»، «كەچمىش بولسۇن»، «مەرھابا»، «قولاي بولسۇن»، «ئاللاھ راھەتلىك بەرسۇن»، دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەر ئانا تىل ئىستېمالىمىزدا قوللىنىشقا تېگىشلىك سۆز-ئىبارىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. «كەچمىش بولسۇن» دېگەن سۆزنى ئالساق، گەرچە بۇئىككى سۆز ئانا تىلىمىزنىڭ لوغەت تەركىبىدە بار بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى سۆزنى بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىدىغان تىل ئادىتى بىزدە يوق. تۈركىيە فىلىملىرىدىن شۇنى ھېس قىلدۇقكى، تۈركلەر ئۈلۈمدىن باشقا بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچىرىغان كىشلەرگە تەسەللى بەرگەندە «كەچمىش بولسۇن» دېيىش ئارقىلىق بۇنداق كۆڭۈلسىزلىك، بۇنداق ئازاب، بۇنداق دەرت-ئەلەم بېشىڭىزغا قايتا كەلمىسۇن دېگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ياكى شۇنىڭغا تەڭداش مەنىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان تەسەللى سۆزى يوق. بىز تۈركىيە فىلىملىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ «كەچمىش بولسۇن» دېگەن سۆزنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىزدە كەڭ قوللانساق «ئوقۇرمەن»، «كۆرۈرمەن» دېگەن سۆزلەردەك تېز قوبۇل قىلىنغان بولاتتى. ئەڭ مۇھىمى، تىلىمىزنى ئىپادىگە باي قىلىش جەھەتتە بىر مۇھىم خىزمەتنى قىلىۋالغان بولاتتۇق. ② ئەسلىي ئەسەرنى سىنارىيەگە ئۆزگەرتىش جەھەتتە ئۈلگە ئېلىپ كەلدى. بىزدە سېنارىيە يېزىقچىلىقى ئەڭ ئاجىز ساھەنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ، ئەسلىي ئەسەرنى سېنارىيەگە ئۆزگەرتىش جەھەتتە قاتماللىق مەۋجۇت. بىز رېشاد نۇرى گۈنتېكىننىڭ ئۇيغۇرچە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان «غازاڭ پەسلى» دېگەن رومانىنى شۇ رومان ئاساسىدا سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن 170 نەچچە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا سېلىشتۇرۇپ باقساق، سېنارىيەلەشتۈرۈش جەھەتتە قانداق پىرىنسىپ ۋە ئىمكانىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئۆگىنەلەيمىز. ③ «تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ قىزغىنلىقى» يەنە بىز ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئاكتىيورلارنى ئېلىپ كەلدى. بىز تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرگەن چېغىمىزدا ئاكتيورلارنىڭ رول ئېلىش جەھەتتىكى تەبىئىي ھەم جانلىق ماھارىتىگە ھەيران بولماي تۇرالمايمىز. «كۇرتلار ۋادىسى»، «چەكلەنگەن سۆيگۈ»، «ئەۋزەل»، «قاچقۇن ئاشىقلار»، «گۈللەنگەن يۈز يىل»، «فاتمەگۈلدە نېمە گۇناھ »، «غازاڭ پەسلى»، «ئاچچىق ھايات» قاتارلىق فىلىملەردىكى پولات ئەلەمدار، خېلىل، بېھتەر، ھۈررەم، ئىسكەندەر بۈيۈك، فاتمەگۈل، ئەلى رىزا تېكىن، فەرۋىندە، مۇھەممەت، ئەزەل، سۇلايمان چاكىر قاتارلىق پېرسۇناژلارنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىسلارنىڭ ئاكتيورلۇق ماھارىتىگە ھەقىقەتەن مەپتۇن بولۇپ قالىمىز. بىزدەك كىنو-تىېلېۋىزىيە ئىشلىرى ئارقىدا قالغان بىر خەلىققە نىسبەتەن رولنى بۇنداق تەبىئىي، بىمالال ئېلىپ ئۇنتۇلغۇسىز ئوبراز يارىتىدىغان مۇنەۋۋەر ئاكتيورلار قىممەتلىك ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ④ تۈركىيە فىلىملىرى بىزگە يەنە بالىلارغا ئىسىم قويۇش جەھەتتە ئۈلگە ئېلىپ كەلدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بىز ئانا تىلىمىزنىڭ لوغەت تەركىبىدە بار، ئەمما ئادەمگە ئىسىم قىلىپ قوللىنىش جەھەتتە سەل قارىغان بەزى ئىسىملارنى بالىلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇش جەھەتتە ئۈلگىگە ئېرىشتۇق. مەسلەن، يامغۇر، شەبنەم، دېڭىز، قىلىچ، سەنجەر، ئەدنان، بېھتەر، فىردەۋىس، نېھال، بەشىر، پەيكەر، خەيرىيە، ئەلەمدار، كەنئان، قاراخان قاتارلىق ئىسىملار بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىبىدە بار بولسىمۇ، بىز بۇ ئىسىملارنى ئىسىم-فامىلە قىلىپ قوللىنىشقا دىققەت قىلماي كەلگەنىدۇق. تۈركىيە فىلىملىرى بىزنى بۇ جەھەتتىمۇ ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى.; [% @7 V' d2 g, k+ n) V
ئۇمۇمەن، «تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىزگە بىز ھېس قىلغان ياكى تېخى ھېس قىلىپ يەتمىگەن كۆپلىگەن ئىجابىي ئامىللارنى ئاتا قىلىدى. دەپ ئىشىنىشكە بولىدۇ.
5 M! E3 j( I* w
5 b7 m  m2 b5 Y7 Wمەنبە :تەڭرىتاغ ئېكرانى ژورنىلىرەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ۋاقتى: 2012-2-17 08:51:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيىنىڭ نۇرغۇن فىلىملرىنى كۈرىۋاتىمىز ،ھەركىشى ئۆز ئىھتىياجىغا ئاساسەن زوق ئالىدىكەن .

655

تېما

1146

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9173 سەر
تۆھپە
2714 سەر
تىللا
6031 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2012-2-23 18:15:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر كىنوكۆرگەندە كۈڭۈل ئېچىش ئۈچۈنلا كۈرىدۇ.تۈركىيە كىنولىرىدىكى ئەدەپ -ئەخلاق قائىدىلىرى ۋە سۆزلىرىگە مەسلىگىم كىلىدۇ ...........
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

42

تېما

104

يازما

3048

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1014 سەر
تۆھپە
515 سەر
تىللا
386 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنىتەشۋىقات ماھىرى

ۋاقتى: 2012-2-29 01:04:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزىكام تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە  پولات ئەلەمدار...قاتارىدىكى بىرتۈركۈم كىنوئارتىسلىرىغا تىز سۈرئەتتە چوقۇنۇش كەيپىياتىنىڭ يۈزبەرگەنلىكىنى ،‹‹پولات ئەلەمدار›› دىگەن ئىسىمنىڭ ئۇيغۇر بازىرىدا داڭلىق كىيىم كىچەك ماركىسى بولۇپ سىتىلىۋاتقانلىقىنى ،تۈركىيە مەدەنيىتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ئىدديىسىنىڭ بىرقىسىم كىشىلىرىمىز ئارىسىدا بىخلىنىۋاتقانلىقىنى،بۇخىل ئىددىيىنىڭ  ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق تەسىركۆرسىتىدىغانلىقىنى سۆزلىمەپتىغۇ؟ياكى بۇنى پەقەت مەنلا شۇنداق چۈشىنىۋالدىممۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شامال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-29 01:07  ! r! g! B* h! d/ @4 o: y* H

" R( {, W0 R' G+ j% c
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗