ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

بولاق ئىچىگە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدىبىيات دەرىسلىكى ئۈچ يىللىق دەرىسلىك لاھىيىسى قاچىلانغان دە

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك لايىھىسى7-يىللىق تىل ئەدەبىيات مۇكەممەل دەرىسلك لاھىيىسى بۇلۇپ تورداشلارنىڭ پ

ئەركىن سىدىق 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 120 يەھۇدىلارنىڭ قانداق قىل

2012-يىلدىكى ئوتتۇرا شەرىقتىكى قانلىق ئاۋارىيە http://play

ئافغانىستان خەلقى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى2398«خەلق گېزىتى»نىڭ 21-فېۋرال ئىسلامئاباد

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzQwMDY0ODg0/v.swf

2946 تۈركىيەنىڭ تارىخىي ئاسار-ئەتىقىلەر ئەڭ كۆپ بولغان شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇب رايونلىرى تۈركىيى

«گۈل چاي»نى بىلەمسىز؟ 2585كىشىلەر گۈلچاي دە

خوتەن قاشتېشىنى بىلەمسىز؟ http://www.uy11.com/bizak/rasim/24.gif  خ

ئۇيغۇر دوكتۇر رەيھان ئەسئەت-ئامىرىكا ئادوۋكاتلار يېغىنىدا رەيھان ئەسەت شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى قانۇن ئىنىستوتىنىڭ ئو

3285 يېقىندا قازاقىستاندىكى «مىر» نەشرىياتىدىن ئارخېئولوگ ئابدۇكېرىمسابىتو

قانات ئىسلام ئامىرىكا كەسپى بوكىس سەھنىسىدە http://player.56.com/v_NjUxNTgzMDQ.swf]

1924192319221921

2409 مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى ق

شىنجاڭ شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى 2436 سەي جىنسوڭ 1949- يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ بىلەن بىللە تەيۋەنگە كىتىپ «دۆلەت مۇداپىيە

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چاۋشىيەندە قوللىنىلىشى ئۆمەرجان نۇرى 2521 ئىلاۋە تارىخ پەنلەر دوكتو

بىرقىسىم تورداشلارنىڭ توردا QQ توپلىرىدا سۆزلەشكەندە، يۇقار

بۇ ئادەملەر نىمىدىگەن رەھىمسىزلىشىپ كەتكەن ئەڭ ياخشىسى يۈرىكى ئاجىزلار بۇ فىلىمىنى كۆرمەڭلار ،

بۇ تىمىنى ئۈنچىلەر تورىدا كۈرۈپ ئازغان ياشلىرمىز

3067 نۇرغۇن ئاياللار كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلماي ياكى بىپەرۋاسىزلىق قىلىپ ئېرىنىڭ ياكى مۇھابىتىنىڭ ئۆشلىكىن

-مارت ئاياللار بايرىمى قانداق بارلىققا كەلگەن ؟ 2532 "8-مارت"خانىم قىزلار بايرىمى بولسا خەل

بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز ئەنبۇسى(ياپونىيە) ماقالىمىزنىڭ ئاپتورى

3491 پىژغىرىم ئىسسىقتا كىشىلەر تاۋۇزنى توڭلاتقۇدا توڭدۇرۇپ يەپ ئۇسسۇزلۇقىنى با

2859 ئالدى بىلەن سىزگە دەپ قوياي، سىزئالداندىڭىز! بۇ يەردە قانداقتۇر بىر گۈزە

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،يىگىت قىزنىڭ ئاۋازىغا ئىنتايىن سەزگۈر ب

مۇنداق ئالتە خىل بالا ئەڭ ئەقىللىق ئادەم ئۆز بالىسىنىڭ تېخىمۇ ئەقى

زامانىمىزدىكى بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسھىتى .1ماشىنىنىڭ ئەڭ ئەرزىنىنى سىتىۋال؛ئۆينىڭ ئەڭ

ئەرلەر نىمىشقا خۇتۇنىنى ئۇرىدۇ؟ ئەرلەر نېمىشقا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ

سىز مۇھەببەتلىشىشنى بىلەمسىز ؟ http://www.uy11.com/bizak/rasim/52.gif 1 - ت

3288 30- ماي سەھىيە مىنىستىرلىكى تۇنجى قېتىم «جۇڭگونىڭ تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنل

ئۇخلاشتىن ئىلگىر 5 ئىشنى ئۇنتۇماڭ 2522 1 .چىش چوتكىلاڭ ۋە يۇز يۇيۇڭ

چىرايىلىقىنىڭ قىلىقىمۇ چىرايىلىق بولىدۇ. ئ

بىر تورخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى 536 بىر تورخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئالدىد

جاۋابىنى تاپالىسىڭىز كۈلۈپ تىلىقىپ قالىسىز http://www.uy11.com/bizak/rasim/14.gif 1.بىر تاكسى شوپۇرى

تېپىشماق قارىغا

چۈش تەبىرى 2497 1 – ق

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چىشى مايمۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى « غەربكە ساياھەت » فىلىمى قويۇلغاندىن كېيى

چوقۇم بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كومپىيۇتېر بىلىملىرى http://www.hawar.cn/rasim/hawar/20110705/20110705_707080.jpg 1. CMOS دىن قات

ئوقۇتقۇچىلاركومپىيۇتېرئىمتىھانى ئۈچۈن 1 كومپيۇتېرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى مىكرو بىر

كومپۇيۇتېرىڭىز قىزمۇ ياكى ئۇغۇلمۇ؟ سىناپ بېقىڭ ... كومپىيۇتېرنىڭمۇ قىز ياكى ئوغۇلغا ئايرىلدىغان

بۇزۇلغان بارماق دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ (رەسىملىك) نۇرغۇن دوستلار بارماق دىسكا سېتىۋېلىش جەري

QQ رىڭىز قانچە پۇلغا يارايدۇ بىلىپ باققۇڭىز باما ؟ ماۋۇ تور بىكەتكە كىرىپ كۈرۈپ بېقىڭ : مىنى

يېقىندا تىڭشۈن(چچ شىركىتى) جۇڭگۇ تىلگىرافى(180/189/133/153)بىلەن بىرل

تاۋباۋدىن مال زاكاس قىلغاندا پۇل تۆلەپ بولغاندىن كىيىن ئادەتتە سودىنىڭ ئاخىرلىششى ئۈچۈن 10 كۈن ۋاقىت بەلگىلەنگەن، مۇشۇ 10

ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇل بولمىسا قانداق قىلش كىرەك؟2302 ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇل بولمىسا قانداق قىلش كى

1.) مەخپىي نومۇرىنى بىكار قىلماقچى بولغان Excel ھۆججىتىنى ئاچىمىز. 2.) قورال ئىستونىدىن(工具) (宏) (录制新宏

ئەپچىل چارە : ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەت ئۇچراپ قالسا توردا ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا بەزى ئوقۇيالمايدىغا

ئالما شىركىتى شىنجاڭدا ئوتتۇرا ئاسىيە تېخنىكا تەتقىقات ئىشخانىسى قۇردى http://player.youku.com/player.php/sid/XMjI3NjI4Njg=/v.swf

يېقىندا ئەنگلىيىدە چىقىدىغان > 15 يىل ئىچىدە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان 15 تو

ھۆججەت سومكىلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش دىتالى بۇ دىتالنىڭ ئارتۇقچىلىقى، سىز كومپىي

384385 بەك ياخشىكەن جۇمۇ مەنمۇ بىر قانچە مۇزىكا ئ

928 كومپىيۇتېرنىڭ كۈنسايىن ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ،كىشىلەر كومپىيۇتېردا ماتىرىيال كۆرۈشكە ئادەتلىن

تېلفۇنغا ئۇيغۇرچە قاچىلاش سىناق مەيدانى:nokia 5800 ،،

4684 http://player.youku.com/player.php/sid/XNjA3NjMxNTI0/v.swf ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 11-

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 20:20 ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورد

Android يانفونىنى ئىشلىتىدىغانلار يانفوننى WiFi سىمسىز تورىغا ئۇلاپ ئىشلەتمەكچى بولسا يانفون تەڭشەك رايونىغا

بۇ دىتال ئارقىلىق java قوللايدىغان تېلىفۇنلاردا قۇرئان ئۇقۇش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-20 08:44 ئەقلى دەرىس جەدىۋىلى (

بۇ ئىلكىتابلارنى چۇشۇرۋېلىڭ كىتاپلارنىڭ تۈرى ۋە تىزىم

قوش مەسچىت (ھىكايە)،ئوقۇپ بىقىڭ ،

ھەرقانداق ناخشا-فىلىملارنى چۈشۈرەلەيدىغان دېتال(ئۇيغۇرچە)-ئاپشاركا -چۈشۈرۋېلىڭ ئەسسالام دوستلار ياخشىمۇ سىلەر ... يېڭى يىلدا يېڭى

ئۇيغۇرچە تىز-تىز خەت بېسىشنى ئۈگۈنۈش دىتالى?㻷??Ԙ??teztez.rar ?㻷??Ԙ??teztez.rar بۇ يازمىنى ئاخىرىد

يېقىندا خەنزۇلارنىڭ يۇمشاق دىتال بازىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر توربەت باركەن.دۇوتې دەپ،مۇشۇ تورب

مەزكۇر دىتالنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ flash ھالەتتى

جەمئىي مىكروبلوگ 864 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 3103|ئىنكاس: 1

دەرىس بىز قانداق چاكىنىلىشىمىزيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

116

يازما

2603

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
735 سەر
تۆھپە
472 سەر
تىللا
545 دانە
جەۋھەر
0 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنى

ۋاقتى: 2011-11-30 08:53:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خەۋەر                                                                                            بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز
/ x7 W$ S8 R, ]4 D& z# G) Z9 y" j, ?# c* J/ M# k% {
/ E% v1 O0 ~; X, E( R8 U- y
# i: V9 \% g3 ^: R
) w/ h- ^5 l' Q. t/ u' Q

7 X: G8 w0 m7 B; g6 ]
3 l+ P3 m% `' c" a: Fئادەتتە بىر جەمئىيەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئۈچ يادرولۇق سىستېما بولىدۇ. ئۇلار ئىجتىمائىي سىستېما، مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە خاراكتېر سىستېمىسىدىن ئىبارەت. بىر جەمئىيەتتە زىددىيەتلىك، پەرقلىق خاراكتېر سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسى تەڭ مەۋجۇد بولغاندا، پاسسىپ ئورۇندا تۇرغان ئىجتىمائىي توپنىڭ قىممەت قاراشلىرى خىرىسقا ئۇچرايدۇ. سەۋەبى، ئامېرىكىلىق مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس، فونكسىيىزم نەزەرىيسىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى تالكوت پارسونىس(Talcott Parsons,1979-1902)نىڭ 1951-يىلى نەشىردىن چىققان«ئىجتىمائىي سىستېمىلار»ناملىق نوپۇزلۇق كىتابىدىكى قاراشلار بويىچە قارىغاندا، ئىجتىمائىي سىستېمىلار ئادەلەر ئارىسىدىكى ئالاقىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا چەكلىك ئىمكانىيەتلەر ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ھامان زىددىيەتلەر كۆرۈلىدۇ. خاراكتېر سىستېمىسى بولسا ئىجتىمائىي سىستېمىلار نىڭ يۈرۈشۈشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان خۇلۇق-مىجەزلەردىن ئىبارەت. ئۆز نۆۋىتىدە ئارزۇ-ئىستەك، ھەۋەس ۋە ئېھتىياجلارمۇ بىر جەمئىيەتنىڭ خاراكتېر سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. مەدەنىيەت سىستېمىسى تالكوت پارسونىس يۇقىرىقى كىتابىدا ئەڭ جىق توختالغان ئۇقۇمدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەت سىستېمىسى بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئالاقە چەمبىرىكىگە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئورتاق قىممەت قارىشى ئاساسىدا ھەمكارلاشتۇرىدۇ. ئورتاق قىممەت قارىشى ئاساسىدىكى بىردەك تونۇش بولسا بىر جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئۇمۇرتقىسى بۇلۇپ ھېسابلىندۇ . مەدەنىيەت سىستېمىسى بولسا بىر جەمئىيەتنىڭ خاراكتېر سىستېمىسىنى يارىتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ رول ئۆتىشى داۋامىدا ئۇلارنىڭ روھىيتىگەسىڭىپ كېتىدۇ(تالكوت پارسونىس، 1951-يىل). قىممەت قارىشىنىڭ بىر ئىجتىمائىي توپنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى رولى ئۇ ئەسەرلىرىدە ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قىلغان بىر تېمىدۇر. بىز جەمئىيەتشۇناس تالكوت پارسونىسنىڭ فۇنكسىيىزم نەزەرىيسىنىڭ ئۇلىنى سېلىپ بەرگەن يۇقىرىقى مەشھۇر كىتابىدىكى بۇ نۇقتىئىنەزەرلەرنى ماقالىمىزدە جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق سۈپىتىدە تەھلىل قىلۋاتقان تۇرمۇش كارتىنلىرىغا باغلاپ چۈشەنگىنىمىزدە، مۇنداق بىر نۇقتا روشەنلىشىدۇ. قىممەت قاراش-بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ رىشتىسىنى باغلايدىغان زەنجىر، تەرتىپنى تۇتۇپ تۇرىدىغان، مەنىۋى مەۋجۇدلۇقنى تىرەيدىغان تۈۋرۈك. بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى، ھەرىكەت قىلىپلىرى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ خاراكتېر سىستېمىسىنى بەلگىلەيدۇ. دېمەك، بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان پاكىتلاردا ئاشۇ كىشىلەر ئۇيغۇر قىممەت قارىشىنىڭ بايا تىلغا ئېلىنغان ھەرخىل تارماق تۈۋرۈكىگە دەز كەتكۈزىدىغان ئىشنى قىلىشتىن ئايانمىغان ھەم ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشمىغان. نەتىيجىدە، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قىممەت قارىشىدا ئەسلىدىنلا ھار ئېلىنغان، يەكلىندىغان قىلىقلىرى يەنە بىر مۇنچىلىغان كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىنى غىدىقلاپ ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي ئىنكاس ئىقدارى ئۆلگەن، ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشىغا نېمە خىرىسلارنىڭ يېتىۋاتقانلىقىنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر ئىجتىمائىي گاس توپنى بارلىققا كەلتۈرگەن. باشقىچە سۆز بىلەن ئېيىتقاندا، ئەسلىدە ھار ئېلىندىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى بىر بۆلۈك كىشىنىڭ خاراكتېرىنى چاڭلاشتۇرغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ كىملىكى، نېمىنى ھىمايە قىلىپ، نېمىدىن مۇداپئەلىندىغانلىقىنى تۇيمايدىغان ئىجتىمائىي بىنورماللىق پەيدا بولغان.
+ S2 U+ K6 b+ c+ z: K( ^9 z. r7 J! x1 S- p
يۇقىرىقى ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشماسلىقنىڭ نېمە ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قىسقىچە تىلغا ئېلىندى. بۇنى ئۇيغۇر تۇرمۇشى نۇقتىسىدىن قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟جەمئىيەتشۇناسلار بۇنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ئېيتىش كېرەككى، بىر ئىجتىمائىي توپقا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەرنى كۆزەتكىنىمىزدە ئاشۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كۈتكەن نەتىجىسى ۋە كۈتمىگەن نەتىجىسىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە نۆۋىتى كەلگەندە كۇلۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، فۇنكسىيزملىق پىكىر يولىنىڭ يەنە بىر غوللۇق ۋەكىلى، تالكوت پارسونىسنىڭ ئۇقۇغۇچىسى روبېرت مېرتون(Robert Merton,2003-1910) نىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە ئىش بولمىسا كېرەك. روبېرت مېرتون ئۆزىنىڭ«جەمئىيەت نەزەرىيسى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلما»ناملىق نوپۇزلۇق كىتابىدا ئېنىق ئاقىۋەت(Manifest Consequences,明显的结果)، يىپىق ئاقىۋەت(Latent Consequences,潜在的结果)دېگەن ئىككى ئۇقۇمنى پەرقلەندۈرۈپ تەھلىل قىلىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئېنىق ئاقىۋەت(يەنە«كۈتكەن ئاقىۋەت»«Intended Consequences»دەپمۇ ئاتىلدۇ)كۈتكەن، پىلانلىغان ئاقىۋەتتۇر. يىپىق ئاقىۋەت بولسا(يەنە«كۈتمىگەن ئاقىۋەت»«Unintended Consequences»دەپمۇ ئاتىلدۇ)بىر ئىجتىمائىي سىستېمىنىڭ يۈرۈشۈش داۋامىدىكى پىلاندىن، نىشاندىن سىرت پەيدا بولغان ئاقىۋەتتۇر(روبېرت مېرتون، 65:1957-64)دەل مۇشۇ سەۋەپتىن، جەمئىيەتشۇناسلىق ھەرىكەتنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى بەكرەك تەھلىل قىلىدۇ ۋە ئادەتلەنگەن تونۇشقا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. روبېرت مېرتون مۇراسىملارنى مىسال كەلتۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىر ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە كىملىك تۇيغۇسىنى مۇقىملاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ ۋە يەنە مۇراسىملاردىكى ئەقىلسىزلىك ۋە ھېسياتنىڭ تۈرتكىسىدە ئورۇندىلىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ. بىز ئەمدى مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ، بايا تىلغا ئېلىنغان تۇرمۇش كارتىنىلىرىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەتلىرىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى. شۇنىسى ئايان بۇلۇپ تۇرۇپتۇكى، توي مۇراسىمىدا غەرق مەست بولۇۋالغان دادىلارنىڭ مەقسىتى كۆڭلىنى خۇش قىلىش ياكى ئۆزلىرىنىڭ قارىشىچە توينى قىزىتىش. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتى ئويغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىنى، جۈملىدىن پەرھىزلىرىنى، مۇقەددەس سىمۋوللىرىنى، كوللېكتىپ ۋىجدانىنى يەرگە ئۇرۇش بولغان. ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرى پەيدا قىلغان كۈتمىگەن ئاقىۋەت مەسلىسىگە كەلسەك، بۇ ئارتىسنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈش ياكى پاراڭ سەنئىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئىللەتلەرنى قامچىلاش. ئەمما ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئاممىۋى مېدىيەلەرنىڭ ياردىمىدە كۈتمىگەن ئاقىۋەت پەيدا قىلغان-دە، ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك زۆرۈرىيەتسىز ئېيتىملار ئۇيغۇر تىلىدا«ماقال-تەمسىل»شەكلىدە ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن ۋە پاخال گەپلەر جەمئىيەتلەشكەن. دېمەك، ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىللەتلەرنى قامچىلايمەن دەپ يېڭى بىىر ئىللەتكە يول ئاچقان؛ئەمما ئۆز ھەرىكىتىنىڭ بۇ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلاشمىغان. [6]كىندىكى ئۇچۇق ئۇسسۇل ئوينىغان سەبىي قىزلار كۆرۈنىشىگە كەلسەك، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىغا ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۈسمۈرلىرىمىزنىڭ بايرىمىغا كونسېرت تەييارلاپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش. ئەمما، مەيلى رېژىسسورلار بولسۇن، ئاتا-ئانىلار بولسۇن ياكى ئۇقۇتقۇچىلار بولسۇن سەبىي قىزلارغا ئوچۇق كىيىم كىيگۈزىشنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى، يەنى بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىغا، نۇمۇس مەدەنىيتىگە زىت بولىدىغانلىقى، بۇنداق نومۇرلار تېلېۋىزىيە ئارقىلىق تارالسا قانچىلىغان سەبىي قىزنىڭ ئېڭىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلاشمىغان. رېستورانغا كىرمەي تۇرۇپ پۇل يىغىش ئىشىدا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئادىتىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ئەسلىي مۇددىئا ئەمەس. ئەمما، كىرگەن مېھمانغا«قولايلىق يارىتىش»، «دەۋىرگە ماسلىشىش»، قېلىن مېھمانلارغا چەك قۇيۇش مەقسىتىدە ئومۇملاشقان بۇ ئىشتا شەھەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر ئەخلاقىنى، مېھماندارچىلىق يۇسۇنىنى نەزەرگە ئالمىغان. بۇنى ھەرگىزمۇ دەۋىرنىڭ تەرەقىياتى ياكى ئۇيغۇر ئادەتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرغانلىق دېگىلى بولمايدۇ. ياغلىق چېگىۋېلىپ ئېلېكتىرونلۇق تۈتەكخانىلاردا تانسا ئويناۋاتقان قىز ۋە ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيىپ «شيالى» ماركىلىق پىكاپقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان دېھقان قىزى، ئېنىقكى، تېلېۋىزور قاتارلىق ئاممىۋى مېدىيەلەردە كۆرگەن كۆرۈنۈشلەردىن زەرەتلەنگەن. ھېچقانداق چەكلىمە بولمىسىمۇ، بالىلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىنغان ھېلىقى پۇرسەتپەرەس ئاتا-ئانىلار بولسا بىر مىللەتنىڭ روھى ۋە غۇرۇرىنىڭ سىمۋولى بولغان، ئورتاق مۈلكى ۋە بايلىقى ھېساپلىندىغان تىلىنى بۇيۇن قىستۇرغان. رېئاللىقنى ئادەم پەيدا قىلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا نەچچە مىڭلىغان ئاتا-ئانا ئاشۇ پۇرسەتپەرەسلىك قىلغان ئاتا-ئانىلاردەك ئويلىسا ۋە ھەرىكەتكە ئۆتسە، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى، جۈملىدىن كوللېكتىپ ۋىجدانىغا ئۆزلىرى خالاپ تۇرۇپ ئاسىيلىق قىلىدىغانلىقى ئئېنىق. يۇقىرىقى تەھلىللەردىن بىز مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى ئېنىق چۈشىنەلەيمىز:بىرىنچى، كوللېكتىپقا، ئىجتىمائىي توپقا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەردە ئەقىلسىزلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، شۇ توپنىڭ قىممەت قارىشى تاجاۋۇزغا ئۇچۇرىماي قالمايدۇ. ئىككىنچى، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى شۇ ئىجتىمائىي توپ تاشقى تەسىرلەر تۈپەيلى ئەمەس، بەلكى ئۆزى خالاپ تۇرۇپ ئاياغ ئاستى قىلسا ۋە بۇ ھال كوللېكتىپ-جامائەت پىكرىگە دۇچ كەلمىسە، شۇ توپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكەت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئۆلگەن، چاكىنىلىق جەمئىيەتلەشكەن بولىدۇ. ئۈچىنچى، بۇنداق جەمئىيەتتە ئاشۇنداق ئىشلارغا سۈكۈت ئىچىدە شاھىت بولغان ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كېسەل جەمئىيەتتە ياشاۋېرىپ ئىجتىمائىي ئاغرىققا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى تۇيمايدۇ. دېمەك، بىز جەمئىيەتتە ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەي، ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا چاكىنىلىقنىڭ جەمئىيەتلىشىگە يول قويىمىز ۋە ئۆزىمىزمۇ چاكىنىلىشىمىز.
0 r. s/ T% J& T7 |
$ K/ x' R. _, z8 W/ Y  ?/ jبۇ يەردە يۇقىرىقىدەك كەسكىن بىر ھۆكۈمنى ئۇتتۇرغا قويۇشىمىزدىكى ئاساسىمىز نېمە؟سەۋەب شۇكى، يۇقىرىقىدەك چاكىنىلىقلارنىڭ جەمئىيەتلىشىشى تۈپ نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا دىن، ئەقىدە، ھالاللىق، مۇقەددەس سىمۋول، مۇراسىم ۋە ئەخلاقنىڭ مۇھىم رولىغا سەل قارالغانلىقتا ياكى چۈشنىلمىگەنلىكتە(يەنى كېلىپ بۇ ھەقتە گەپ چىقسا بىشى ئاغرىيدىغانلارنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى، چاكىنىلىقلارغا كۆنۈپ كەتكىنىمىزدە ئۆزىمىزدىن قانچىلىك دەرىجىدە يىراقلىشىدىغانلىقىمىزنى دەلىللەيدۇ). بۇ «خىيىم-خەتەر»دە مۇنداق يازىدۇ:«بىر ئىجتىمائىي توپتا ھالاللىق ۋە ھاراملىق ئۆلچەملىرىنى ۋە باشقا پاسىلسىمان يۇسۇنلارنى تىرەپ تۇرىدىغىنى شۇ ئىجتىمائىي توپنىڭ يۇشۇرۇن رىشتىسىدۇر. مۇراسىم پائالىيەتلىرىدىكى تاۋار، يىمەكلىك، ئىچىملىك ئىستىمالى بىر ئىجتىمائىي توپنى يەنى بىر ئىجتىمائىي توپتىن پەرقلەندۈردىغان ئاساسلىق بەلگىدۇر. »(مەرىي دوگلاس، 45-1966:44)لېكىن بىزنىڭ پاكىت تەھلىللىرىمىزدە تىلغا ئېلىنغان دادىلار بولسا ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ ھالاللىق ئۆلچىمىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ.
: i2 b2 N# s8 ]! O
8 T0 Z  p2 z5 V2 b  }' M; R$ N& lمەرىي دوگلاسقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىگە ئاساس سالغان فىرانسىيەلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركايىم خەلقارا ئىجتىمائىي پەنلەر ساھاسىدە يۈز نەچچە يىلدىن بېرى تەسىرىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان«دىنىي ھاياتنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى»، «ئۈلۈۋېلىش»قاتارلىق مەشھۇر ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىدە ئىمان-ئېتقاد، دىن، ئەقىدە ۋە ئەخلاقنىڭ بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاشتىكى رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر ئىمان-ئېتقاد جەمئىيەتتە كىشىلەر ئارىسىدا ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇشچانلىقنى كۈچەيتىش، ئايرىم بىر قىممەت قاراش ۋە خاس ئىجتىمائىي ھايات يارىتىش قۇدرىتىگە ئىگە.0 V1 Y+ E3 l& k9 X+ c$ k7 K7 b

; c2 B2 T2 N9 {4 P$ V" Y4 Z; r. Eئېمىل دۇركايىم كارل ماركىستىن پەرقلىق ھالدا جەمئىيەتتىكى زىددىيەت ۋە، مەسلىنىڭ يىلتىزىنى كاپتالىزىم ياكى ئىقسادقا باغلاپ چۈشەنمەيدۇ، بەلكى شۇ جەمئىيەتتىكى ئەخلاقىي تەرتىپلەرنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن كۆرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر جەمئىيەتتە ئاساسلىق تۈزۈلمە شەكىللىرى ئورتاق بىر قىممەت قارىشى ۋە ئىجتىمائىي مىزاننى ئومۇملاشتۇرالمىغاندا زىددىيەت ۋە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلىدۇ. ئىجيىمائىي مەۋجۇدلۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەخلاققا مۇراجئىەت قىلىش كېرەك. دۇركايىمنىڭ نەزەرىدە دىنىي ئىتقاد جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىر يەرگە ئەكېلىدىغان، ئۇيۇشتۇرىدىغان ئىجتىمائىي بىلىمدۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئېمىل دۇركايىم كارل ماركىسنىڭ «دىن-ئەپيۈن»دېگەن قارىشىدىن پەرقلىق ھالدا، گىگانت پەيلاسوپ ئىممەنيۇل كانت ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن«بىلىملىرىمىزگە ئازراق چەك قۇيۇپ، ئەقىدىگە ئورۇن بېرەيلى»[7]قاتارلىق دىنىي ئىتقادنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى قاراشلارغا جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن يانداشقان. ئېمىل دۇركايىمنىڭ قارىشىچە، ھەر قانداق دىندا مۇقەددەس سىمۋوللار بىلەن چەكلەنگەن نەرسىلەر ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ، «بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ئورتاق قىممەت قارىشى ياراتماي تۇرۇپ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ ياكى قايتىدىن بەرپا قىلالمايدۇ. »(ئېمىل دۇركايىم، 1968:422)ئۇنىڭدىن باشقا، ئېمىل دۇركايىم سىمۋول ۋە مۇراسىملارنىڭ رولىغىمۇ يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر جەمئىيەتتە كىشىلەرنى بىر يەرگە ئەكېلەلەيدىغان، ئۇيۇشتۇرالايدىغان سىمۋوللار بولىدۇ ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئۇزۇنغىچە ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بايراق، دۆلەت شئېرى، مىللىي قەھىرىمانلار، سەنئەت مىراسلىرى، تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە ئابىدىلەر مانا مۇشۇندا مۇھىم سىمۋوللاردۇر. دۇركايىم مۇنداق يازىدۇ:«بىر جەمئىيەتتە مۇراسىم شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، ئۇ بىر ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرىغا ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى قەرەللىك يۇسۇندا تونۇتۇپ تۇرىدۇ. »(ئېمىل دۇركايىم، 1968:427)كىشىلەر مۇراسىملاردا ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس سىمۋوللىرىنى ئەسلەپ، ھېس قىلىپ تۇرىدۇ ۋە بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنى قايتىدىن يارىتىدۇ؛ ئۆزىگە ئورتاق بولغان ھېسياتلارنى، رىشتىلەرنى ۋە مەنسۇبىيەت تۇيغۇسىنى تېپىۋالىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ:«ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرى ئارىسىدا ئورتاق ھېس-تۇيغۇ، ئورتاق ئىدىيە ئارقىلىق ئۇيۇشۇشچانلىق، ئىناقلىق ۋە خاسلىق پەيدا قىلالمىغان جەمئىيەت مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرالمايدۇ. ئورتاق ھېس-تۇيغۇ، ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئەسلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن مۇراسىملار ۋە يىغىلىش سورۇنلىرىنىڭ بۇلۇپ تۇرۇشى ھەم زۆرۈر ۋە تەبئىي ئەھۋالدۇر. »(ئېمىل دۇركايىم، 1968:427). ئېمىل دۇركايىمنىڭ يەنە بىر ۋارىسى، ئامېرىكلىق فۇنكسىيىزمچى جەمئىيەتشۇناسلاردىن بىرى ئېدۋارد شىلىس(Edward Shils,1915-1995)«مەركەز ۋە گىرۋەك»ناملىق ئەسىرىدە:«ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ كوللېكتىپ كىملىكىنى رىشتە بىلەن باغلايدىغان، بىر يەرگە ئەكېلىدىغان بىر مۇقەددەس مەركەز(Sacred Center)بولىدۇ، كىشىلەر ئاشۇ مەركەز ئەتراپىغا ئولىشىپ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلايدۇ»دەپ يازىدۇ(ئېدۋارد شىلىس، 1975:3). بىز يۇقىرىقى ئۈچ مۇتەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى ماھىيتىدىن چۈشەنگىنىمىزدە، مەرىكە، نەزىر-چىراغ قاتارلىق مۇراسىم سورۇنلىرىنىڭ، مۇقەددەس سىمۋوللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەمما تويدا غەرق مەست بولۇۋالغان دادىلار كەبى كىشىلەرنىڭ مەرىكە-مۇراسىم ئەخلاقىمىزغا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكىنى، ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا تاجاۋۇز قىلىنغان بىھۆرمەتلىك ۋە ھاقارەتلەرگە لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇرۇش مەجبۇرىيتىمىزنىڭ بارلىقىنى تۇنۇپ يېتىمىز.
! P6 K* s% N# R* [" w  W9 jبىز ئۇيغۇرلاردا جەمئىيەتلىشىۋاتقان چاكىنىلىقلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشقان چېغىمىزدا، ئېمىل دۇركايىمنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدان، مىزانسىزلىق(Anomie,失范)ئۇقۇملىرى مەسلىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئېمىل دۇركايىمنىڭ«دىنىي ھاياتنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى»دېگەن ئەسىرىدە، قارىشىچە، بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا پىرىنسىپلارغىمۇ ئەمەل قىلىپ ياشاشقا ئۈندەيدىغان ئەقىدە يىلتىز تارتقاندا، ئورتاق قىممەت قاراشلىرى، ئەخلاقىي مىزانلىرى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە ئەكس ئەتكەندە، ئۇنىڭ نەتىجىسى كوللېكتىپ ۋىجدان شەكلىدە ئىپادىلىندۇ. بىر ئەخلاقسىز قىلمىش سادىر بولغاندا ، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانىغا تاجاۋۇز قىلغان بولىدۇ ۋە ئەخلاقلىق ئادەملەرنىڭ ۋىجدانىغا ئازار بېرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن كوللېكتىپ ۋىجدان جامائەت ئەخلاقىغا چىتىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن شەخسنىڭ ۋىجدانىدىن پەرقلىندۇ. مىزانسىزلىق-ئېمىل دۇركايىم تەرىپىدىن«ئۆلۈۋېلىش» دېگەن كىتابىدا نەزەرىيەلەشتۈرۈلگەن يەنە بىر ئۇقۇم بۇلۇپ، بىر جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئالاقىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىجتىمائىي مىزانلارنىڭ يوق بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇقۇم كارل ماركس تەرىپىدىن نەزەرىيەلەشتۈرۈلگەن ياتلىشىش(Alienation,异化)ئۇقۇمىغا ئوخشاشلا جەمىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك مۇنازىرە ۋە ئىزدىنىشكە سەۋەب بولغان. دۇركايىمنىڭ قارىشىچە، ئادەملەر قىلۋاتقان ئىشلىرى ئۆز ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە تۇلۇق ماس كەلگەن چاغلىرىدا ئاندىن خۇشھال بولالايدۇ. ئەمما، ئادەمنىڭ ئارزۇ-ئىستىكىنىڭ چېكى بولمايدۇ؛ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىمكانىيەتلەر بولسا تولىمۇ چەكلىك بولىدۇ. ئارزۇ-ئىستەكلىرى قانمىغاندا ئادەم قاتتىق چۈشكۈنلىشىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىر مىزانسىزلىق يولىغا قاراپ ماڭىدۇ. بىر جەمئىيەتتە ئۇيۇشۇشچانلىق، بىردەك قىممەت قارىشى كەمچىل بولسا ۋە تاشقى قىممەت قاراش بىر جەمئىيەت ئەزالىرىغا تېڭىلسا، مىزانسىزلىق جەمئىيەتلىشىدۇ.6 P; l) n( _! x2 D. e
. o. Z6 P$ K- r  r
4. چاكىنىلىقنى جەمئىيەتلەشتۈرۋاتقان تاشقى تەسىرلەر ۋە جەريانلار / s) j1 ^  }  F+ a' ^  Z
  G$ m# R1 f" d; @& j+ m- Q
ئاممىۋى مېدىيەلەر، ئىجتىمائىيلىشىش ۋە ئىجتىمائىي كونتىرول بىر جەمئىيەتتە ئومۇملىشۋاتقان چاكىنىلىققا شۇ توپ كىشىلىرىنىڭ قىممەت قارىشى، يوسۇن ۋە كوللېكتىپ ۋىجدانىنى ئوپچە دەپسەندە قىلىشلا ئەمەس، تېڭىلغان ئىدىيەلەر، مەجبۇرلانغان تاشقى تەسىرلەرمۇ سەۋەبچى بولىدۇ ۋە شۇ قىممەت قارىشىنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئەخلاق ساراسىمىسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئەخلاق ساراسىمىسى(Moral Panic,道德恐慌)دېگىنىمىز-«بىر ياكى بىر توپ ئادەم بىر جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئورتاق قىزىقىشلىرىغا خىرىس قىلىش نەتىجىسىدە شۇ توپتىكى باشقا ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولغان ئەنسىرەش، راھەتسىزلىنىش ھادىسىسىدۇر»(ستەنلېي كوخېن، 1973:9). جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان ئەخلاق ساراسىمىسى ئاتالمىسى ئەنگلىيەلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ستەنلېي كوخېن(1925-)تەرىپىدىن ئومۇملاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ«ئاۋام ئارىسىدىكى مەلئۇنلار ۋە ئەخلاق >ساراسىملىرى»ناملىق كىتابىدا ئەخلاق ساراسىمىسىنىڭ غول مەدەنىيەتكە قارشى ئىككىلەمچى مەدەنىيەتلەر، زەھەر ، چېكىش، جىنايەت، بۇزۇقچىلىق ھادىسلىرىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولىدىغانلىقى، ئاممىۋى مېدىيەلەر بىلەن ئەخلاق ساراسىمىسى ئارىسىدا زىچ باغلىنىش بارلىقىنى، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ، تۈزۈلمىنىڭ بۇنىڭغا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ، 1970-يىللارنىڭ بېشىدا ئەنگلىيەدە پەيدا بولغان ئەخلاق ساراسىمىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تۆۋەن تەبىقىدىكى ئاۋامنىڭ دىققىتىنى مەۋجۇد، ئاساسلىق مەسىللەردىن بۇراش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار پىلانلاپ ئوتتۇرغا چىقارغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەخلاق ساراسىمىسىنى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مېدىيە ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىدە بۇرمىلانغان رېئاللىقنىڭ نەتىجىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بىز تېلېۋىزىيە ئىستانىسلىرىدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ بېرىلۋاتقان ئىچ كىيىم مودېل مۇسابىقىسى قاتارلىق پروگراممىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئەخلاق ساراسىمىسى پەيدا قىلمىدى. دەپ ئېيتالمايمىز.4 V1 i0 e: R0 {& l, c& ?' ?% V8 ?
. A% [- K3 i! b- F8 V. G
30يىل بۇرۇن جۈملىدىن تېلېۋىزور ھاياتىدا پەيدا بۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار كىندىكى ئوچۇق كىيىم كىيگەن قىزلار تۈگۈل، قىسقا يوپكا كىيگەن قىزلارنىمۇ كۆزىگە سىغدۇرالمايتتى. مانا بۈگۈن خېلى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزى تېلېۋىزور، كىنو، سىنبار قاتارلىق ئاممىۋى مىدىيەلەردىكى ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرگە كۆنۈپ كەتتى. ھەتتا تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئىچ كىيىم مۇسابىقىسى كۆرسىتىدىغان ئەھۋالمۇ مەيدانغا كەلدى. «زۈيبا شاڭ خەيپا چۇلەيلې»، «ئەر كىشى ئۆيگە كىرسە بىرنىڭ، تالاغا چىقسا مىڭنىڭ»دېگەندەك تېتىقسىز ئىبارىلەر ئاۋام ئارىسىدا ھېچ ئايانماي تارالدى. قانداقسىگە بۇنچىۋالا بوپكەتتى؟چاكىنىلىقلار، ئىجتىمائىي بىنورماللىقلارنىڭ ئومۇملىشىشىدا ئەڭ ئاۋۋال تېلېۋىزور، كىنو، سىنبار قاتارلىق ئاممىۋى مىدىيەلەر«زەربىدارلىق»رولىنى ئوينىدى. بۇ جەرياندا ئىكران ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسى ئۆزگە مەدەنىيەتلەر بىلەن بولۇپمۇ قىممەت قارىشى ۋە دىنىي ئېتقادى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان غەرب مەدەنىيتىنىڭ ۋە شۇ مەدەنىيەتلەرگە خاس سىمۋوللارنىڭ، ئىماگلارنىڭ، ئوچۇرلارنىڭ ئوۋ نىشانىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسى تاشقى تەسىرلەرنىڭ تەجىرىبە ئېتىزىغا ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى.9 r2 U( @: m5 h# y1 |
. U6 B1 P5 Y) Q& C7 P7 A2 |
نەتىجىدە ئۇيغۇر قىممەت قارىشىغا زىت، ئۇيغۇر ئەخلاقىغا مۇخالىپ بولغان ئىشلاردىن ئاممىۋى مۇراسىملاردا كوللېكتىپ، يۇشۇرماي كەيپ قىلىش، قىزلار ئارىسىدا ئوچۇق كىيىم كىيىش قاتارلىق بىر قاتار بىنورمال ھادىسە پەيدا بولدى ۋە يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئادەتلەرگە ئايلاندى. ھەتتا بۇنداق قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلىندى ياكى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. چاكىنىلىق جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئېقىمىغا، جاھانسازلىق ۋە پۇرسەتپەرەسلىك ياشاش دەسمايىسىگە، ئىجتىمائىي بىنورماللىق ئادەتلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن بىر ماكرولۇق سەۋەب شۇنىڭدىكى، ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي كونتىرولنىڭ ۋاستىسى بولغان ئاممىۋى مىدىيەلەر قەلبلەرنى ئوۋ نىشانى قىلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە كوللېكتىپ ۋىجدانىنى ھەر خىل ئېزىتقۇ سىمۋول ئارقىلىق ئاستا-ئاستا چىرىتىشكە باشلىدى. مەجبۇرلاش ۋاستىلىرى ھەل قىلالمىغان ئىشلارنى ئاممىۋى مىدىيەلەر ھەل قىلغان بولدى.% u+ C; m6 F4 c9 g5 D

9 j9 w5 Y5 o) d  Eئاممىۋى مىدىيەلەر بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ قىممەت قارىشىنى چىرىتىشتە نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا زور قۇدرەتكە ئىگە؟
+ {: F' A/ l: X0 D3 e% q; Cجەمئىيەتشۇناسلار بۇنى قاندا چۈشەندۈردۇ؟بىرىنچى، ئاممىۋى مىدىيەلەر ئاخىرىقى ھېسابتا، سىياسىي ئىگلىك، ئىجتىمائىي كونتىرول ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئاپپاراتلارنىڭ تەشۋىقات پىلانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئاشۇ مىدىيەلەردىكى ئۇچۇرلارنى، ئىماگلارنى، مەزمۇنلارنى، سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقى پاسسىپ ئورۇندا تۇرغان توپنىڭ ئىلىكىدە بولمايدۇ. ئىككىنچى، زامانىۋىلىق، يەرشارىلىشىش مۇساپىسىدە تۇرغان ھەر بىر ئادەم ئۇچۇر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئادەمدۇر. بۇنى فىرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى، مەشھۇر مۇتەپەككۇر ژان بۇردىلليار(1929-)گىپى بويىچە ئېيىتقاندا، تېلېۋزور قاتارلىق زامانىۋى مىدىيەلەرنىڭ ئادەملەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەر قانداق تېخنىكىنىڭكىدىن زور ۋە چوڭقۇر. تېلېۋزور ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەنلا قالماي، بارغانچە بىز ياشايدىغان دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى ۋە دائىرسىنىمۇ بەلگىلەپ قويدى(مۇراسىملاردا ھاراق ئىچىپ سەتلىشۋاتقانلىقىنى تۇيمايۋاتقان دادىلار، كىندىكى ئوچۇق كىيىم كىيگەن قىزلار ۋە ياغلىق چېگىپ ئېلېكتىرونلۇق تۈنەكخانىدا تانسا ئويناۋاتقان قىزلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ). ھازىر بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز ئاممىۋى مىدىيەلەردىكى زىيادە جىق ئىماگ ۋە ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىدە نۇسخىلانغان ۋە پەيدا بولغان سۈنئىي رېئاللىق(Hyperreality,虚拟理想)دۇر. ئۈچىنچى، ئاممىۋى مىدىيەلەر ۋە ئاۋام مەدەنىيتى كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش، تەنقىدىي ئويلىنىش، گۇمانلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ نۇقتا جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى فرانكفورتچىلار پىكىر ئىقىمىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن تېئىودور ئادورنو(Adorno Theodor,1969-1903) ۋە ماكس خوكخېمېر(1895-1973)نىڭ«ئاقارتىش دىئالېكتىكىسى»ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ) @' Q& \: J" r; h! C) W

' L# u- g2 Z! P# m* Rئۇلار مەدەنىيەت تىجارىتىدىكى ئاقارتىش شوئارىنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ مۇنداق يازىدۇ:«ئېكران ئادىدا ئولتۇرغان تاماشىبىنلاردىن مۇستەقىل تەپەككۇر قابىلىيتىنى كۈتكىلى بولمايدۇ. »(1972:144). تۆتىنچى، فرانكفورتچىلار پىكىر ئىقىمىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مەشھۇر ۋەكىلى، گېرمانىيە مۇتەپەككۇرى يۈرگېن خابېرماس(1929-)نىڭ قارىشىچە بويىچە ئېيتقاندا، بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ جامائەت پىكرىنى پەيدا قىلىدىغىنى تەشۋىقات قاتارلىق كونتىرول ۋاستىلىرى. (يۈرگېن خابېرماس، 1989) . ئاممىۋى مىدىيەلەرنىڭ تەسىرى، ئىجتىمائىيلىشىش، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش داۋامىدا ئادەملەر دوراش ۋە جەمئىيەتتىن يۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئىجتىمائىي بىنورمالىققا كۆنۈپ كېتىدۇ. بۇ نۇقتا ھەققىدە ئىجتىمائىيەت پىسخولوگى، ستانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى ئالبېرت باندۇرا(1925-Albert Bandura) ۋە فىرانسىيە مۇتەپەككۇرى گابرىئىېل تاردې(Gabriel Tarde,1904-1843)نىڭ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيەلىرىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىلگەن. ئالبېرت باندۇرانىڭ«جەمئىيەتتىن ئۆگىنىش نەزەرىيەسى»ناملىق كىتابىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، كىشىلەر يېڭى ھەرىكەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىتلىرىدىكى ئىجتىمائىي ئىلمېنتىلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يۇقتۇرىدۇ. بۇنداق يۇقتۇرۇش جەريانى دوراش دەپ ئاتىلدۇ. بۇ دېگەنلىك كىشىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاس دوراش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ دېگەنلىكتۇر(پاكت تەھلىلىدىكى ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيگەن دېھقان قىزى ۋە« ئابدۇكېرىم ئابلىز ماقال-تەمسىللىرى»شەكلىدە ئومۇملىشۋاتقان ئېيتىملارنى تەمتىرىمەي دەۋاتقان كىشىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ). كىشىلەر ئۆرنەك ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىدۇ ۋە ئاندىن ئوخشاش ياشاش ئۇسۇلىدا قاندا ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. بۇ خىل دوراش جەريانى ئىختىيارىي، تاشقى كۈچلەرنىڭ مەجبۇرلىشىسىز ئىشقا ئاشىدۇ.
2 z0 d+ j* T% d' B/ x
1 L( ~- x8 Q) Z' w9 mدوراش-ئىجتىمائىيلىشىش جەريانىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى(ئالبېرت باندۇرا، 1977). فىرانسىيەلىك جەمئىيەت پىسخولوگى گابرىئىېل تاردې«دوراش قانۇنىيىتى»ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھادىسىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:« ھەر قانداق جەمئىيەت ئاز ساندا ئىجادچى ۋە يىڭىلىق ياراتقۇچىدىن ۋە كۆپ ساندا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى دورايدىغان ئەگەشكۈچىدىن تەركىب تاپىدۇ. دوراش-مەدەنىيەت تارقىتىش جەريانىنىڭ بىر ۋاستىسى. يېڭى بىر ھەرىكەت قېلىپى بىر جەمئىيەتتە دوراش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. »(گابرىئىېل تاردې، 1977)دوراش ۋە يۇقتۇرۇش قانۇنىيتى ھەققىدە چۈشىنىش ھاسىل قىلغىنىمىزدا، جەمئىيتىمىزدە ھەرخىل چاكىنىلىق نۇسخىسىنى ئومۇملاشتۇرغان تۇنجى ئىجادچىلارنىڭ ئۇيغۇر قىممەت قارىشىغا ھوجۇم قىلغان ھەرىكەت قېلىپلىرى ئۈچۈن جاۋاپكار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا تېلېۋزور پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھېساپلىغاندا، ئېكرانغا تۇنجى بولۇپ يېرىم يالىڭاچ كىيىم كىيىپ چىققان ئايال كىمدۇ؟مېھمانغا چاي قۇيماي تۇرۇپ پۇل يىغىش ئادىتىنى تۇنجى بولۇپ«كەشپ قىلغۇچى»ئۇيغۇر كىمدۇ؟يەنە. . . ىلغان كىمدۇ؟. . . بۇ سوئاللار گۆدەكلىكتە، داڭقان پۇتىدەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، بۇ سوئاللار ھەرىكىتى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئېغىر دەرىجىدە كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى سادىر قىلغانلارنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغان سوئاللاردۇر. يەنە مۇنداق بىر سوئالمۇ ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك:جەمئىيەتتەئۈزلىكسىز چاكىنىلىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئىجتىمائىي بىنورماللىققا سۈكۈت ئىچىدە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدىغان ھەم ئويلىنالايدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز زادى قانچىلىكتۇر؟. b! `8 n4 ]+ f" e

& ^" A- G; M+ kجەمىئيەتلەشكەن چاكىنىلىق ئۈزلىكىدىن پەيدا بوپقالىدىغان ھادىسە ئەمەس. بىر ئادەم بوۋاق ۋاقتىدىلا چاكىنىلىقنى يوقتۇرۇۋالمايدۇ، بىر پاھىشە تۇغۇلۇشىدىنلا پاھىشە بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. بىر ئوغرى ئوغرىلىقنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىنى ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىن ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ مەھسۇلى. چىركىن ئىجتىمائىي سىستېمىلار، كېسەل مەدەنىيەت مۇھىتلىرى-جەمىئيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ پارنىكلىرى. مېڭە يۇيۇش(brain washing)، روھ ئۆلتۈرۈش(menticide)، ئوي تىزگىنلەش(thought control)قاتارلىق ئىجتىمائىي كونترول ۋاستىلىرى جەمىئيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ تۈرتكە كۈچلىرى. بۇ ھال ئىجتىمائىي كونترول ۋاستىلىرىنىڭ بىنورماللىق پەيدا قىلىشتىكى رولىنى چۈشىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىجتىمائىي كونترول دېگەن نېمە؟ئىجتىمائىي كونترول-كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇسى، ئوي-پىكرى، يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە سۆز-ھەرىكىتىنى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي سىستېمىلارغا ماسلاشتۇرۇش، قىلىپلاشتۇرۇش جەريانىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئىجتىمائىي كونترول مەۋجۇد ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغدايدىغان ۋاسىتىدۇر. ئىجتىمائىي كونترول ھەر خىل مەجبۇرلاش ئۇسۇلى ۋە ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. نەتىجىدە ئادەملەر مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت قوينىدا ئىجتىمائىيلىشىش ئارقىلىق شۇ جەمئىيەتتىكى يېتەكچى ئورۇندا قىممەت قاراشلارنى، پوزىتسىيەلەرنى ئۆگىنىدۇ ۋە شۇ ئىجتىمائىي سىستېمىغا نىسبەتەن ئۆزىدە مەنسۇبىيەت تۇيغۇسى(sense of belonging,归属感)يېتىلدۈرىدۇ. مىسالەن، كىشىلەردىكى «خەق نېمىدەپ قالار»دېگەن پوزىتسىيە دەل ئىجتىمائىي كونترول ۋاستىلىرىنىڭ ئۇلارنى مەۋجۇد سىستېمىلار ۋە ياشاش شەكلىگە كۆندۈرۈۋالغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئىجتىمائىي كونترولنىڭ تەسىرىدە ئىدېئولوگىيلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىدۇ. بىر يېرىم ئەسىر ئىلگىرىلا كارل ماركس:«ھەرقانداق جەمئىيەتتىكى يىتەكچى ئىدىيە-تەشەببۇسكار ئورۇندىكى توپنىڭ ئىدىيەسىدۇر»(1972:136)دېگەنىدى. بۇ نۇقتىنى ئاممىباب تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندە، بىر ئىجتىمائىي توپ كىشىلىرىنىڭ ئىدىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىدىيەلەر ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، بەلكى ھوقۇقنىڭ كۈچى بىلەن تاراش ئارقىلىق ئۆگىنىلىدۇ. ئىتالىيەلىك ماركىسىزمچى پەيلاسوپ ئانتونئىو گرمشى(Antonio Gramsci,1891-1937)نىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «ئىدېئولوگىيە ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى ۋە يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ»(ئانتونئىو گرمشى، 1972). ھەمىشە دېگۈدەك قولىدا ھوقۇق بولغان ئىجتىمائىي توپ ئىدېئولوگىيەلىك سىناقتا پاسسىپ ئورۇندىكى ئىجتىمائىي توپتىن بەكرەك ئاكىتىپ ئورۇنغا ئۆتىدۇ. ئىدېئولوگىيە شەكىللىرى ئىچىدە سىياسىي ئىدېئولوگىيە بر جەمئىيەت ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىياسىي ئىدېئولوگىيە بىر جەمئىيەتتىكى ئادەملەر ھەرىكىتىنىڭ، كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەنبەسىدۇر. ئادەملەرنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەگە بىقىنىش دەرىجىسى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلما ھەققىدىكى تونۇشى، رېئاللىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەملەرنىڭ ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ. چاكىنىلىشىش ۋە جەريان:زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش ئاممىۋى مىدىيەلەر ۋە ئىجتىمائىي كونترولنىڭ بىر جەمئىيەتتىكى رولىنى چۈشىنىش ئىجتىمائىي بىنورماللىقنى جەمئىيەتلەشتۈردىغان ۋاستىلەرنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەرسە، زامانىۋىلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئۇقۇملىرىنى چۈشىنىش بۇ ئارىدىكى جەرياننى چۈشىنىشىمىزگە قولايلىق تۇغدۇرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر جەمئىيتىدە پەيدا بولۇۋاتقان بىنورماللىقلار ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بىلەن زامانىۋىلىق، شەھەرلىشىش مۇساپىسى ئۇتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ۋە ماسلىشالماسلىق ھادىسىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. سەۋەبى، تېخىچە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۇتى زامانىۋى جەمئىيەتتە، يەنە بىر پۇتى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە. بىز ئۆمەرجان ئىمىننىڭ«تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت» ناملىق كىتابىدا يېزىلغان ئۇيغۇر تۇرمۇشى بىلەن شەھەر تۇرمۇشىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا بۇ نۇقتىنى روشەن ھېس قىلالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئەنئەنىسىدە، ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەتلىرىدە زامانىۋىلىقنىڭ نۇرغۇرن ئىلمېنتى قۇبۇل قىلىنمايدۇ. يېرىم-يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىش، ئاممىۋى سورۇندا كەيپ سۈرۈش غەربلىكلەر ۋە باشقىلار ئۈچۈن ھېچنىمە بولمىغىنى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر مەسىلە. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدە پەيدا بولۇۋاتقان نۇرغۇن بىنورماللىقنى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ، زامانىۋىلاشقانلىقنىڭ نەتىجىسى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زامانىۋىلىشىش ئۇقۇمىنى يېتەرلىك چۈشەنمىگەنلىكنىڭ مەھسۇلىدۇر.
. r3 G6 @& T6 o9 n7 e% g, I6 w5 X+ A( f2 U( i
زامانىۋىلىشىش دېگەن نېمە؟جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرى بولغان«ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش»ناملىق ئەسىرىدە ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ستېۋېن ۋوگ(Steven Vago)زامانىۋىلىشىش ئۇقۇمىغا مۇنداق تەبىر بېرىدۇ:«زامانىۋىلىشىش-يىرىك ئىشلەپچىقىرىش جەمئىيتىنىڭ سانائەت جەمئىيتىگە ئايلىنىش جەريانىدۇر. بۇ جەريان ئىلغار سانائەت تېخنىكىسىنىڭ بولۇشىنى ۋە شۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىش، يىتەكلەش، ساقلاشقا دائىر سىياسىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تەقەززا قىلىدۇ. زامانىۋىلىشىش جەريانىنىڭ مەقسىتى ئىقسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان، نىسبىي مۇقۇم بولغان جەمئىيەت بەرپا قىلىشتۇر. »(ستېۋېن ۋوگ، 2004:103) يەرشارىلىشىشنىڭ تەسىرىدە زامانىۋىلىشىش ھەر بىر ئىجتىمائىي تۈزۈلمىگە، ھەر بىر جامائەتچىلىككە، ھەر بىر ھايات شەكلىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، زامانىۋىلىشىش جەريانى غەربچە تېخنىكا، مەھسۇلات ۋە ھەرىكەت نۇسخىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردە ئۆگىنىلىش، دوراش ۋە تارقاش جەريانى بولدى. بۇ دېگەنلىك غەرب مەدەنىيتى باشقا مەدەنىيەتلەرگە سىڭىپ كەتتى دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ھىندى قان سىستېمىسىدىن بولغان مەشھۇر مەدەنىيەت تەنقىدچىسى ئارجۇن ئاپپادۇراي(Arjun Appadaurai,1949)«زامانىۋىلىقنىڭ تەسىرى»ناملىق نوپۇزلۇق كىتابىدا:«يەرشارىلىشىش مۇساپىسى زامانىۋىلىقنى يېڭىچە تۈسكە ئىگە قىلدى؛يېڭىچە ئالاقە شەكىللىرى، يېڭىچە ياشاش ئۇسۇللىرى، يېڭىچە كىيىم ۋە يېڭى ئىستېمال شەكىللىرى ئومۇملاشتى. تەرەققىي تاپمىغان ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەت كىشىلىرى زامانىۋىلىقنى غەربچە بولۇش دەپ چۈشەندى»دەپ يازىدۇ. (ئارجۇن ئاپپادۇراي، 1996). پاكىت تەھلىلىدىكى ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيگەن، ياغلىق چېگىپ بەزمىخانىلاردا تانسا ئويناۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ۋە يېرىم يالىڭاچ سەنئەت كىيمى كىيگەن سەبىيلەرنىڭ مىسالىدىن ئاپپادۇراي نۇقتئىنەزەرىنىڭ ئىپادىسىنى ھېس قىلالايمىز. ئەلۋەتتە، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكى شەھەرلىشىش داۋامىدا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. بۇ دېگەنلىك زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى سانائەتلىشىش جەريانى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى شەھەرلىشىش جەريانى بىلەنمۇ زىچ باغلانغان دېگەنلىكتۇر. ستېۋېن ۋوگ يۇقىرىقى كىتابىدا شەھەرلىشىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:« شەھەرلىشىش ئاھالىلەرنىڭ يېزىلاردىن شەھەرلەرگە ئېقىشى ۋە ئىقسادىي پائالىيەت، مەمۇرىي، سىياسىي ئورگان، خەۋەر-ئالاقە تورىنىڭ شەھەرلەرگەمەركەزلىشىشى دېگەنلىكتۇر»(ستېۋېن ۋوگ، 2004:111).
% Z  `) a# B% f, u& a
) D6 E# O# g" o- a8 w, B3 o7 D. qشەھەرلىشىش كۆپ خىللىق ۋە رەڭگارەڭلىكىنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئورتاق قىممەت قارىشى تىكلىمەك تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرلەردە پۇل ۋە باشقا كاپتاللار ھەممە نەرسىنىڭ ئۆلچىمى بوپقالىدۇ. گېرمانىيەنىڭ ئاتاقلىق جەمئىيەتشۇناسى گېئورگې زىممېل(George Simmel,1918-1858)ئۆزىنىڭ« مەدەنىيەت ھەققىدە»ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن«شەھەرلەر ۋە مەنىۋى ھايات»ناملىق ماقالىسىدە زامانىۋىلىشىش داۋامىدىكى شەھەر ھاياتىنىڭ ئادەملەرنى ياتلىشىش خەۋپىگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ ۋە شەھەر ھاياتىنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدىمۇ مولاھىزە يۈرگۈزىدۇ. گېئورگې زىممېلنىڭ قارىشىچە، «چوڭ شەھەرلەردە بىز ھەمىشە دېگۈدەك ئۇچۇرلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچرايمىز، نېرۋا-ئەسەبلىرىمىز ھەمىشە دېگۈدەك غېدىقلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. . . ئادەملەرنىڭ خىرىسلىق ئىجتىمائىي ئېلمېنىتلارنىڭ قورشاۋىدا خاسلىقنى قانداق ساقلاپ قېلىشى زامانىۋى شەھەرلەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىللەرنىڭ بىرى»(1998:174). ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمى1978-يىلدىن كىيىن، بولۇپمۇ، 1990-يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغان بازار ئىگلىكى ئىسلاھاتى داۋامىدا تېزلەشتى. ئادەملەر ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئەنئەنىۋى يېزا تۇرمۇشىنىڭكىدىن كەسكىن پەرقلىندىغان ياشاش شەكلىگە، رىتىمى تېز ھاياتقا ۋە يەنە ئۇيغۇر قىممەت قارىشى بىلەن تۇقۇنىشىدىغان ئىماگلارغا، سىمۋوللارغا، ئۇچۇرلارغا ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. كۈندە دېگۈدەك ئېلان-ئۇچۇرلار، تەشۋىقات قورشاۋىدا يۈرۈش ئۆزلۈك تۇيغۇسىغا، خاسلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى، مەنىۋىيتىگەئارامچىلىق بەرمىدى. ئىجتىمائىي ئالاقىدە پۇل ھەر ۋاقىت ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، خاسلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى خېلى زور كۆپ قىسىم دائىرىدە ئەمەلىيەتچانلىق ۋە مېھىرسىزلىك ئىگىلىدى. شەھەرلەردىكى خېلى زور كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭى ماددىيلىشىپ، پۇل، تاۋارغا چوقۇنۇش خاھىشى ئەدەپ كەتتى. پاكت تەھلىلىدە تىلغا ئېلىنغان رېستۇرانغا كەلگەن مېھمانغا چاي قۇيماي تۇرۇپ پۇل يىغىش ئادىتى زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىلىرىنىڭ ئاشۇ خىلدىكى ئەكس تۇغۇندىلىرىدىن بىرى. بۇ يەردە دېيلىۋاتقان ئاڭنىڭ ماددىيلىشىشى دېگەن ھادىسە ھەققىدە ماركسىزمچى مۇتەپەككۇر، تۆتىنچى، فرانكفورتچىلار پىكىر ئىقىمىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ۋەكىلى، ئاۋسترىيە جەمئىيەتشۇناسى گېئورگې لۇكاس(Georg Lukasc,1975-1885)ئۆزىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە زور تەسىرگە ئىگە«تارىخ ۋە سىنىپىي ئاڭ»ناملىق ئەسىرىدە كارل ماركسنىڭ بازاردا، پۇل ئوبوروتىدا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ تاۋارلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى نەزەرىيەسى بىلەن ماكس ۋېبىرنىڭ زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ بۇلۇپ-پۇچقاقلىرىغىچە ئەقلىيلىشىش ئىلمېنىتلىرىنىڭ تارايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىدا مۇئەييەن بىر باغلىنىش بارلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇ ئىككى مۇتەپەككۇرنىڭ ئىدىيەلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى ۋە كارل ماركسنىڭ« تاۋارغا چۇقۇنۇش»(Fetishism of Commodity,拜物教)ئۇقۇمىنى يۇغۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ تاۋارغا ئايلىنىش جەريانىنى ماددىيلىشىش(Reification,物化)دەپ ئاتىدى. گېئورگې لۇكاس ئاڭ ماددىيلاشقان جەمئىيەت ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:«ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئەخلاقىي مىزانلار تاشلىۋېتىلدۇ؛ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇشچانلىقنىڭ ئورنىغا چۇۋالچاقلىق پەيدا بولىدۇ؛پۇلنىڭ، بازارنىڭ كۈچى زورىيدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەقلىيلەشكەن كىشىلەر ھېساب-كىتاب قىلىشقا ئۇستا، شەخسىيەتچى بوپكېتىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قىممەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ماددىغا ئايلىندۇ»(گېئورگې لۇكاس، 1968). گېئورگې لۇكاسنىڭ قاراشلىرى ئۇيغۇر شەھەر جەمئىيتىدە تاۋارغا، ماددىغا مۇناسىۋەتلىك چاكىنىلىقلارنىڭ نېمە سەۋەپتىن پەيدا بولغانلىقى ۋە قانداق جەمئىيەتلەشكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئىجتىمائىي كونترول، ئاممىۋى مىدىيەلەر ۋەزامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىسىنىڭ نەتىجىسىدە بىر بۆلۈك ئۇيغۇر ئارىسىدا ئۆزىگە خاس پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر ۋە پوزىتسىيلەر يېتىلدى. كىشىلەر ئارىسىدا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى رىشتە ۋە ئۇيۇشۇشچانلىق ئاجىزلىدى. ئۆزلۈكى يىمىرىلگەن، ئەقىدىسىزلىك كىرىزىسى، كىملىك كىرىزىسى ۋە زىددىيەتلىك كىملىك ئىسكەنجىسىگە پاتقان، ياتلاشقان بىر توپ كىشى پەيدا بولدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىسىدە ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كەلگەن ھايا قارىشى، ئەخلاقىي ئۆلچەملەر، مۇقەددەس سىمۋوللار دەپسەندە قىلىندى؛ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى قاشاسىز تامغا ئوخشاپ قالدى؛ئەڭ يامان بولغىنى، كاززاپلىق، ئىمان-ئىتقادسىزلىق ، جاھانسازلىق بازار تېپىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداشنى بۇرچى دەپ بىلىدىغان كىشىلەر، ھالال ئەقىدىسى بار كىشىلەر چەتكە چىقىپ قالدى. ئاۋام ئارىسىدا ئۇيۇشۇشچانلىق ئاجىزلاپ، ئىدېئولوگىيەلىك بۈلۈنۈش ئېغىرلاشتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنگىچە ھەرخىل بوران-چاپقۇندا ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالىشى، مەدەنىيەت گېنىدىكى ئىممۇنت كۈچىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە بۇ مىللەتنىڭ پەرقلىق، ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشى ۋە ئەقىدە يېتىلدۈرگەنلىكىدىن بولغانىدى. ئەنگلىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ بېرتراند رۇسسېل( Bertrand Russel,1970):«بەزىلەر ئۆلۈپ كېتىشكە رازىكى، ھەرگىزمۇ پىكىر قىلىشنى خالىمايدۇ»دەپ يازىدۇ. ئەللامە زمەخشەرىي بولسا:«دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان، شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان»دەيدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يۇسۇندا چاكىنىلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۋاتقان ئاشۇ بىر بۆلۈك كىشى دەل ئەنە شۇنداق پىكىر قىلمايدىغان، نېمە قىلىۋاتقىنىنىمۇ تۇيمايدىغان ھەم تارىخىي ۋە مەۋجۇد ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئالمايدىغان كىشىلەردۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدىغانلار جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقلارغا ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ئىجتىمائىي بىنورماللىقلارنى ئومۇملاشتۇرۋاتقانلارغا «بەس»دېيىشى لازىم. بولمىسا، تېز سۈرئەتتە جەمئىيەتلىشۋاتقان ھەرخىل چاكىنىلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايدۇ ھەمدە ياخشىلارمۇ چاكىنىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغان بوپقالىدۇ. ماقالىمىزدە«بىز ئۈزلۈكسىز تەرزدە چاكىنىلىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىمىز»دېگەن قاراشنىڭ سۈرۈلۈشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن. تۈگەنچە بىز تارىخنىڭ ھەر قانداق ۋاقتىدىكىدىن بەكرەك چىن ئۆزلۈكىمىزنى ئىزدەش ۋەزىپىسىگە دۇچ كېلىۋاتمىز. -ئانتونىي گىددېنىس:«زامانىۋىلىق ۋە ئۆزلۈك»ناملىق ئەسىرىدىن بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئومۇملىشۋاتقان بىر قىسىم چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىلىرى، سەۋەبلىرى، جەريانلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىندى. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق-بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئەسلىدە ھىمايە قىلىندىغان، ئورتاقلىق تۇيغۇسى ۋە مەنسۇبىيەت ئېڭى پەيدا قىلىدىغان قاراشلىرى، ئىجتىمائىي مىزانلىرىغا خىلاپ ھالدا ئومۇملاشقان، ئەمما ئەخلاقسىزلىق ھېسابلانمايدىغان ھەم جىنايەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شۇ ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرى ئارىسىدا ھەيرانلىق ھېس قىلىنمايدىغان ئىجتىمائىي بىنورماللىقتۇر. ئادەتتە جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق«تاپتىن چىققۇچىلار جەمئىيەتشۇناسلىقى»(Sociology of Deviance,越轨行为社会学)دائىرىسىدە تەتقىق قىلىندۇ. ئۇيغۇر جەمئىيتىدە جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقلار ئۆزىدە يوق كىملىكىنى بېزەپ كۆرسىتىش، ماددىيلىق ۋەسۋەسىسىگە باش ئېگىش، كوللېكتىپ ۋىجدانغا ئاسىيلىق قىلىش، مۇقەددەس سىمۋوللىرىمىزغا بىھۆرمەتلىك قىلىش، جاھانسازلىق كويىغا كىرىش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. چاكىنىلىق جەمئىيەتلەشكەندە، شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەم پۇچەكلىك قورشاۋىدا قالىدۇ؛ئادىمىيلىكى سوئالغا دۇچ كېلىدۇ؛ئومۇمنىڭ قىممەت قارىشى دەپسەندە قىلىندۇ. كىملىك كىرىزىسى، ئەقىدە كىرىزىسى ۋە زىددىيەتلىك كىملىك ئىسكەنجىسىگە پاتقان بىر توپ پەيدا بولىدۇ. بۇ ھال بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە مىللىي روھ ئۈچۈن پايدىسىز.& T. z: c1 X; d" O5 T

# e! U) e0 w( r9 c; y5 j0 [جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىققا دىياگنوز قۇيۇشتىكى ئۆلچەم نېمە؟بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز؟بۇ ھادىسىگە دىياگنوز قۇيۇشتىكى ئۆلچەم «بىز كىم؟كىمنىڭ پۇشتى؟قىممەت قارىشىمىز نېمە؟»دەپ سوئال قۇيۇشتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىق ھەققىدىكى ئويلىنىش كىملىكىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىز ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىشتۇر. كىملىكىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىز ھەققىدىكى ئويلىنىش بولسا ئۆزىمىزدىن ۋە ياشاش ئۇسۇلىمىزدىن گۇمانلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يېشىندا، بوران-چاپقۇندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىمارەتكە ئوخشاتساق، قىممەت قارىشى ئاشۇ ئىمارەتنىڭ ئۇلىدۇر؛كىملىك ئاشۇ ئىمارەتنىڭ قاشاسىدۇر. قاشاسىنى ياخشى قوغدىيالمىغان ئىجتىمائىي توپ ئاشۇ ئىمارەت ئۇلىنىڭ لېڭشىپ قېلىشىغا سەۋەبكار بولغان توپتۇر. بىز ھازىر ئۆزىنى ياخشى دەۋاتقانلار ئۆزلىرىدىن گۇمانلانمىسا، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلمىسا بولمايدىغان، ئەتراپىمىزدىكى نورمال بىلىنىپ كەتكەن نەرسىلەر ۋە ياشاش شەكىللىرىگە سوئال قويمىساق بولمايدىغان بىر دەۋرگە كىرىۋاتىمىز. چۈنكى بىز چاكىنىلىقنى ئىجتىمائىيلىشىش ئارقىلىق يۇقتۇرىمىز ۋە دوراش، سۈكۈت قىلىش يولى بىلەن بارا-بارا جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقلارغا كۆنۈپ كىتىمىز؛ئەسلىي ئۆزلۈكىمىزدىن يىراقلىشىپ، ئىجتىمائىي بىمارلارغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىغا دۇچ كېلىمىز؛ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆلىدۇ. چاكىنىلىق جەمئىيەتلىشۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى ئادەم ئۆزىگە ئىجتىمائىي ئاغرىق دەپ مۇئامىلە قىلغاندا، ئاندىن ئۆزىدىكى چاكىنىلىشىش يۇقۇندىلىرىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۆزىگە سوئال قۇيۇشنى ئۆگەنگەندە، ئاندىن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىگە نورمال بىلىنىپ كەتكەن ياشاش ئۇسۇللىرىنىڭ گۇمانلىنىش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ./ G9 O( n8 ~  R1 H# `
  t6 V3 `/ q$ i: E2 u1 ]6 s
چاكىنىلىق قورشاۋىدا تۇرغان بىر ئادەم ئۆزىگە«مەن كىم؟» دەپ سوئال قۇيۇشتىن باشقا يەنە ھەققە يېقىنلىشىش ئارقىلىق، ئۆز مەدەنىيتى ۋە تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، توختاۋسىز پىكىر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزلۈك ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنالايدۇ. بۇ، ئىنسان ھاياتىغا مەنە ئاتا قىلالايدىغان ئەھمىيەتلىك روھ سەپىرىدۇر.7 o. o* u+ A3 j& Z, ^

/ h. |1 W0 p2 K7 y5 Yئىزاھلار:
& o+ W2 J; y# r; }: A) b! m! X# c& s9 L4 S
[1] بۇ نەقىل ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىننىڭ«ئۈزۈڭنى تۇنۇ»ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
5 I% t* N5 H5 o[2] ئىممەنيۇل كانت(Immanuel Kant)-غەرب پەلسەپە تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان گېرمانىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ. ئۇنىڭ ئەخلاق پەلسەپەسى باشقا كۈچلۈك پەلسەپە سىستېمىلىرىغا ئوخشاشلا غەرب پەلسەپە تارىخىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن«نوقۇل ئەقىلگە تەنقىد»قاتارلىقلار بار. بۇ نەقىل روبېرت سولومون ۋە كەسېلېن خىگىنىس بىرلىشىپ يازغان«پەلسەپىنىڭ قىسقىچە تارىخى»ناملىق كىتابتىكى كانتقا ئاتاپ يېزىلغان بابتىن ئېلىندى. ئوكسفورد:ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1996-يىل، 112-بەت.
# x$ i8 o: u2 y% ~8 p: [( ~; p[3] ئېمىل دۇركايىم(Emile Durkheim)-فىرانسىيەلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. بۇ نەقىل ئۇنىڭ«دىنىي ھاياتنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى»ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
/ R: A2 q- a% o- `2 m[4] «كىملىك كىرىزىسى»ھادىسىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاپتورنىڭ«شىنجاڭ مەدەنىيتى»ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىل3-سانىغا بېسىلغان«شەھەرلىشىش ۋە كىملىك كىرىزىسى»ناملىق ماقالىسىگە، «زىددىيەتلىك كىملىك» ھادىسىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاپتورنىڭ«شىنجاڭ مەدەنىيتى»ژۇرنىلىنىڭ2009 -يىل6-سانىغا بېسىلغان«مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك»ناملىق ماقالىسىگە قارالسۇن.% R0 ^6 P3 D0 T* x+ C- K
[5] بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە«كىملىك»سۆزى«سالاھىيەت»دەپ ئېلىنىپ قالغان. ئەسلىي تېكىستتىن بىۋاستە نەقىل ئېلىندى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى بەت نومۇرىمۇ قۇشۇپ قويۇلدى.
+ \$ @% h8 F, i( \/ J[6]بۇ مىسالنى ئېلىشىم مېنىڭ ئابدۇكېرىم ئابلىزنى تەنقىد قىلغانلىقىمدىن ياكى چۆكۈرگەنلىكىمدىن، ئىتوت ژانىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ ماقالىدە ئۇنىڭ ئىتوتلىرىدىكى ئايرىم سۆزلەرنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتى تەھلىل قىلىندۇ. ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىغا باھا بېرىش بۇ ماقالىنىڭ مەقسىتى ئەمەس.
/ t  ^# `5 @# K7 C& j, P6 k[7] كانتنىڭ بۇ قارىشى1-ئىزاھاتتىكى كىتابنىڭ 213-بېتىدىن ئېلىندى.
4 V+ \9 _$ g3 ^* U( M( |# N[8]بۇ نەقىل ئەنگلىيەلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئانتونىي گىددېنىس(Anthony Giddens,1938)نىڭ« زامانىۋىلىق ۋە ئۆزلۈك»ناملىق مەشھۇر كىتابىدىن ئېلىندى. گىددېنىس ئىلگىرى كامبرچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، لوندون ئىقساد ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تونىي بلايرنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان.) X5 [/ i1 t' l5 ]( R
% B' A- M# ?8 @8 c" O# A" @
ئاپتور: ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى9 p( ~! }$ f; |* c! a3 A
مەنبە:شىنجاڭ مەدەنىيتى 2010-يىللىق5-سانىدىن ئېلىندى.. U5 ]) h1 [/ `

% Z. N9 }% x$ R) Q2 L3 f% ?& J/ U; @

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

4

يازما

97

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
11 سەر
تۆھپە
9 سەر
تىللا
63 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-19 09:30:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗