ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

بولاق ئىچىگە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدىبىيات دەرىسلىكى ئۈچ يىللىق دەرىسلىك لاھىيىسى قاچىلانغان دە

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك لايىھىسى7-يىللىق تىل ئەدەبىيات مۇكەممەل دەرىسلك لاھىيىسى بۇلۇپ تورداشلارنىڭ پ

ئەركىن سىدىق 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 120 يەھۇدىلارنىڭ قانداق قىل

2012-يىلدىكى ئوتتۇرا شەرىقتىكى قانلىق ئاۋارىيە http://play

ئافغانىستان خەلقى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى2398«خەلق گېزىتى»نىڭ 21-فېۋرال ئىسلامئاباد

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzQwMDY0ODg0/v.swf

2946 تۈركىيەنىڭ تارىخىي ئاسار-ئەتىقىلەر ئەڭ كۆپ بولغان شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇب رايونلىرى تۈركىيى

«گۈل چاي»نى بىلەمسىز؟ 2585كىشىلەر گۈلچاي دە

خوتەن قاشتېشىنى بىلەمسىز؟ http://www.uy11.com/bizak/rasim/24.gif  خ

ئۇيغۇر دوكتۇر رەيھان ئەسئەت-ئامىرىكا ئادوۋكاتلار يېغىنىدا رەيھان ئەسەت شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى قانۇن ئىنىستوتىنىڭ ئو

3285 يېقىندا قازاقىستاندىكى «مىر» نەشرىياتىدىن ئارخېئولوگ ئابدۇكېرىمسابىتو

قانات ئىسلام ئامىرىكا كەسپى بوكىس سەھنىسىدە http://player.56.com/v_NjUxNTgzMDQ.swf]

1924192319221921

2409 مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى ق

شىنجاڭ شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى 2436 سەي جىنسوڭ 1949- يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ بىلەن بىللە تەيۋەنگە كىتىپ «دۆلەت مۇداپىيە

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چاۋشىيەندە قوللىنىلىشى ئۆمەرجان نۇرى 2521 ئىلاۋە تارىخ پەنلەر دوكتو

بىرقىسىم تورداشلارنىڭ توردا QQ توپلىرىدا سۆزلەشكەندە، يۇقار

بۇ ئادەملەر نىمىدىگەن رەھىمسىزلىشىپ كەتكەن ئەڭ ياخشىسى يۈرىكى ئاجىزلار بۇ فىلىمىنى كۆرمەڭلار ،

بۇ تىمىنى ئۈنچىلەر تورىدا كۈرۈپ ئازغان ياشلىرمىز

3067 نۇرغۇن ئاياللار كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلماي ياكى بىپەرۋاسىزلىق قىلىپ ئېرىنىڭ ياكى مۇھابىتىنىڭ ئۆشلىكىن

-مارت ئاياللار بايرىمى قانداق بارلىققا كەلگەن ؟ 2532 "8-مارت"خانىم قىزلار بايرىمى بولسا خەل

بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز ئەنبۇسى(ياپونىيە) ماقالىمىزنىڭ ئاپتورى

3491 پىژغىرىم ئىسسىقتا كىشىلەر تاۋۇزنى توڭلاتقۇدا توڭدۇرۇپ يەپ ئۇسسۇزلۇقىنى با

2859 ئالدى بىلەن سىزگە دەپ قوياي، سىزئالداندىڭىز! بۇ يەردە قانداقتۇر بىر گۈزە

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،يىگىت قىزنىڭ ئاۋازىغا ئىنتايىن سەزگۈر ب

مۇنداق ئالتە خىل بالا ئەڭ ئەقىللىق ئادەم ئۆز بالىسىنىڭ تېخىمۇ ئەقى

زامانىمىزدىكى بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسھىتى .1ماشىنىنىڭ ئەڭ ئەرزىنىنى سىتىۋال؛ئۆينىڭ ئەڭ

ئەرلەر نىمىشقا خۇتۇنىنى ئۇرىدۇ؟ ئەرلەر نېمىشقا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ

سىز مۇھەببەتلىشىشنى بىلەمسىز ؟ http://www.uy11.com/bizak/rasim/52.gif 1 - ت

3288 30- ماي سەھىيە مىنىستىرلىكى تۇنجى قېتىم «جۇڭگونىڭ تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنل

ئۇخلاشتىن ئىلگىر 5 ئىشنى ئۇنتۇماڭ 2522 1 .چىش چوتكىلاڭ ۋە يۇز يۇيۇڭ

چىرايىلىقىنىڭ قىلىقىمۇ چىرايىلىق بولىدۇ. ئ

بىر تورخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى 536 بىر تورخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئالدىد

جاۋابىنى تاپالىسىڭىز كۈلۈپ تىلىقىپ قالىسىز http://www.uy11.com/bizak/rasim/14.gif 1.بىر تاكسى شوپۇرى

تېپىشماق قارىغا

چۈش تەبىرى 2497 1 – ق

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چىشى مايمۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى « غەربكە ساياھەت » فىلىمى قويۇلغاندىن كېيى

چوقۇم بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كومپىيۇتېر بىلىملىرى http://www.hawar.cn/rasim/hawar/20110705/20110705_707080.jpg 1. CMOS دىن قات

ئوقۇتقۇچىلاركومپىيۇتېرئىمتىھانى ئۈچۈن 1 كومپيۇتېرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى مىكرو بىر

كومپۇيۇتېرىڭىز قىزمۇ ياكى ئۇغۇلمۇ؟ سىناپ بېقىڭ ... كومپىيۇتېرنىڭمۇ قىز ياكى ئوغۇلغا ئايرىلدىغان

بۇزۇلغان بارماق دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ (رەسىملىك) نۇرغۇن دوستلار بارماق دىسكا سېتىۋېلىش جەري

QQ رىڭىز قانچە پۇلغا يارايدۇ بىلىپ باققۇڭىز باما ؟ ماۋۇ تور بىكەتكە كىرىپ كۈرۈپ بېقىڭ : مىنى

يېقىندا تىڭشۈن(چچ شىركىتى) جۇڭگۇ تىلگىرافى(180/189/133/153)بىلەن بىرل

تاۋباۋدىن مال زاكاس قىلغاندا پۇل تۆلەپ بولغاندىن كىيىن ئادەتتە سودىنىڭ ئاخىرلىششى ئۈچۈن 10 كۈن ۋاقىت بەلگىلەنگەن، مۇشۇ 10

ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇل بولمىسا قانداق قىلش كىرەك؟2302 ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇل بولمىسا قانداق قىلش كى

1.) مەخپىي نومۇرىنى بىكار قىلماقچى بولغان Excel ھۆججىتىنى ئاچىمىز. 2.) قورال ئىستونىدىن(工具) (宏) (录制新宏

ئەپچىل چارە : ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەت ئۇچراپ قالسا توردا ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا بەزى ئوقۇيالمايدىغا

ئالما شىركىتى شىنجاڭدا ئوتتۇرا ئاسىيە تېخنىكا تەتقىقات ئىشخانىسى قۇردى http://player.youku.com/player.php/sid/XMjI3NjI4Njg=/v.swf

يېقىندا ئەنگلىيىدە چىقىدىغان > 15 يىل ئىچىدە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان 15 تو

ھۆججەت سومكىلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش دىتالى بۇ دىتالنىڭ ئارتۇقچىلىقى، سىز كومپىي

384385 بەك ياخشىكەن جۇمۇ مەنمۇ بىر قانچە مۇزىكا ئ

928 كومپىيۇتېرنىڭ كۈنسايىن ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ،كىشىلەر كومپىيۇتېردا ماتىرىيال كۆرۈشكە ئادەتلىن

تېلفۇنغا ئۇيغۇرچە قاچىلاش سىناق مەيدانى:nokia 5800 ،،

4684 http://player.youku.com/player.php/sid/XNjA3NjMxNTI0/v.swf ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 11-

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 20:20 ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورد

Android يانفونىنى ئىشلىتىدىغانلار يانفوننى WiFi سىمسىز تورىغا ئۇلاپ ئىشلەتمەكچى بولسا يانفون تەڭشەك رايونىغا

بۇ دىتال ئارقىلىق java قوللايدىغان تېلىفۇنلاردا قۇرئان ئۇقۇش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-20 08:44 ئەقلى دەرىس جەدىۋىلى (

بۇ ئىلكىتابلارنى چۇشۇرۋېلىڭ كىتاپلارنىڭ تۈرى ۋە تىزىم

قوش مەسچىت (ھىكايە)،ئوقۇپ بىقىڭ ،

ھەرقانداق ناخشا-فىلىملارنى چۈشۈرەلەيدىغان دېتال(ئۇيغۇرچە)-ئاپشاركا -چۈشۈرۋېلىڭ ئەسسالام دوستلار ياخشىمۇ سىلەر ... يېڭى يىلدا يېڭى

ئۇيغۇرچە تىز-تىز خەت بېسىشنى ئۈگۈنۈش دىتالى?㻷??Ԙ??teztez.rar ?㻷??Ԙ??teztez.rar بۇ يازمىنى ئاخىرىد

يېقىندا خەنزۇلارنىڭ يۇمشاق دىتال بازىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر توربەت باركەن.دۇوتې دەپ،مۇشۇ تورب

مەزكۇر دىتالنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ flash ھالەتتى

جەمئىي مىكروبلوگ 864 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 5086|ئىنكاس: 1

لۇتپۇللا مۇتەللىپ قانداق ئۆلتۈرۈلگەن؟ئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

331

تېما

811

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7589 سەر
تۆھپە
4863 سەر
تىللا
2961 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

QQ
خەۋەر
# H# \2 U  K7 K7 m8 e2 I3 S# I LUTPULLA.png
% A$ p" a5 s: o- cيېقىندا قازاقىستاندىكى «مىر» نەشرىياتىدىن ئارخېئولوگ ئابدۇكېرىمسابىتوۋنىڭ «تارىخنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرى» ناملىق ئەسلىمىلەر توپلىمى يورۇق كۆردى. بۇتوپلامدا مۇئەللىپ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن پاجىئەلىكۋەقەلەر ۋە ئۆزى بۇنىڭدىن توپتوغرا 50بىل ئىلگىرى قاتناشقان تەكلىماكان قۇملۇقىغابولغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزدەشئىشلىرى توغرىلىق ھېكايە قىلىدۇ. تۆۋەندە ئەنە شۇكىتابتىن ئېلىنغان بىر ماقالىنىئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلىمىز.بىز 1956-يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇقمەدەنىيەت ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تاپشۇرۇقىبويىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭتەرجىمانى يۇڭلو (شىۋە) بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭئىنقىلابىي پائالىيىتى توغرىلىق بەزى ماتېرىياللارنى توپلىغان ئىدۇق. شۇنداقلالۇتپۇللا مۇتەللىپ باشلىق ئىنقىلابچى ياشلار قۇرغان «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭپائالىيىتىنى ھەم تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تۇتۇلۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلىشىغا سەۋەببولغان مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ قايتقانىدۇق. مۇشۇ مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇھىم ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە بارغىنىمىزدا، بۇئىدارىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەتئىمىن ھېكىمى بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى. ئاقسۇدىن 60چاقىرىم يىراقلىقتىكى تەكلىماكان چۆلىنىڭ بىر چېتىگە جايلاشقان «ماتاڭ» دېگەنقۇملۇقتىكى جازا لاگېرىغا بېرىپ، شۇ يىللىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن نىياز مۇھەممەت بىلەن،ئىنقىلابچىلارنى تۇتقۇن قىلغاندا ئۇلارغا تەرجىمان بولغان ياسىن ئەزىز ۋە ل.مۇتەللىپقامالغان كامېرىنىڭ قاراۋۇلى، شۇنداقلا ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى ھەم ئىككىنچىبۆلۈمنىڭ باشلىقى زومىڭ (ئەسلى ئۇيغۇر، خەنزۇچە ئىسىم قويۇۋالغان)، ئۇنىڭ ئايالىزۆھرە، ئاقسۇدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى سوپىيە، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاشنۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، كۆپ ماتېرىياللار توپلىدۇق. شۇماتېرىياللار ئاساسىدا ئېسىمدە قالغانلىرىدىن بىر قىسمىنى ھېكايە قىلماقچىمەن. ئارىدىنخېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، بەزى پاكىتلار، ئاي، كۈن، يىللاردا پەرقلەر بولۇپقېلىشى مۇمكىن، ئامما ۋەقەلىكنى ئۆز ئەينى بويىچە يازغىنىمغا ئىشىنىمەن.ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا شېڭ شىسەي ستالىندىن يۈز ئۆرۈپ، جاڭ جېشىغا مايىل بولۇپكەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭدا يېڭى تۈزۈم ئورنىتىلىپ، شۇنىڭ لايىق بىر سىياسەتيۈرگۈزۈلگەنلىكتىن، شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىنلىشىدۇ. ئەكسىيەتچى كۈچلەرتېخىمۇ غالجىرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلغار كىشىلەرنى — ئىنقىلابىي زاتلارنى قولغائېلىش، ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاجايىپ تالانت ئىگىسى ۋەمۇنەۋۋەر ئىنقىلابىي شائىر ل.مۇتەللىپنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى چەكلەش، بېسىمقىلىش، ئۆز يولىدىن ۋە ئۆز نىيىتىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلەرنى قوللىنىپ،ئۇنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ. لېكىن ل.مۇتەللىپ ئۆز يولىدىنقايتمايدۇ، شۇڭا ئەكسىيەتچى كۈچلەر ل.مۇتەللىپ باشلىغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭياڭراپ كېتىشىدىن ۋە ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئىلغار كۈچلەردىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن، 1943-يىلنىڭئاخىرىدا ئاقسۇ شەھىرىگە سۈرگۈن قىلىدۇ.ل.مۇتەللىپ ئۈرۈمچىدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقىپ، ئاقسۇغا يېقىن ئۇششاقتال دېگەنيەرگە كەلگەندە، ماشىنا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. ل.مۇتەللىپ ماشىنا ئەتراپىدا تۇرغانسېرىكەچكۈزنىڭ سوغۇقى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يالاڭ كىيىمى سوغۇققا دالدابولالماي قالىدۇ. بەدىنىگە تىترەك ئولىشىپ مۇزلىغانسېرى، ل.مۇتەللىپ بىر ئورۇنداتۇرۇپ سەكرەشكە ۋە قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشكە باشلايدۇ. شۇ پەيتتە بىر ھارۋىنىڭقارىسى كۆرۈنىدۇ، ل.مۇتەللىپنىڭ بارلىق دىققىتى ھارۋىدا بولىدۇ. قارىسا، ئۇ توغراقباسقان ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئۆرگىلەي ھارۋىسى بولۇپ، ھارۋىكەش ياشانغان، ساقاللىق ئادەمئىكەن، ساقال-بۇرۇتى خۇددى قىرۇ چۈشكەندەك ئاپئاق. شۇنىڭغا قارىماي، ھارۋىكەشبوۋاي سەلكىن ئاۋاز بىلەن غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ كېلىۋاتاتتى. ل.مۇتەللىپ ھارۋىغايېقىنلاپ كېلىپ: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاتا! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىر ئوبدان ناخشائېيتىپ كېلىۋېتىپتىلا، ناخشىلىرىغا ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى غىچىرلاپ مۇزىكا چېلىپ،تەڭكەش قىلىپ بېرىۋېتىپتۇ؟.. ھارۋىلىرىنىڭ چاقىنى مايلىۋالسىلا بولماسمىدى» دەيدۇ.ھارۋىكەش «دېگەنلىرى توغرا، ئەپەندىم، لېكىن كېكىرتەكنى مايلاشقا ماي يوق،ھارۋىنىڭ چاقىنى مايلاشقا ماي نەدە؟» دەپ خىتاب قىلىدۇ. ھارۋىكەش بوۋاينىڭ بۇ سۆزىل.مۇتەللىپكە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ.ئۇ ئاقسۇغا كېلىپ «ئاقسۇ گېزىتى»گە باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىگە ئورۇنلىشىدۇ. ئۇگېزىت پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، «جەنۇب شامىلى» دېگەن ئەدەبىي سەھىپىنى تەسىسقىلىدۇ. گېزىتتە ئۇنىڭ خەلقنىڭ ئېغىر تۇرمۇش شارائىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان «كېكىرتەكنىمايلاشقا ماي يوق، ھارۋىنىڭ چاقىنى مايلاشقا ماي نەدە؟» دېگەن دەسلەپكى ئەدەبىيئوچېركى بېسىلىدۇ. ئۇنىڭدا گومىنداڭچىلارنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسى بەدىئىيئوبرازلار بىلەن پاش قىلىنىپ، خەلقنىڭ ئېچىنارلىق تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدۇ. ل.مۇتەللىپئاقسۇدا ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشتا، ئالدى بىلەن خەلق ئاممىسىنىتەشكىللەشنى، ئۇلارنى ئويغىتىشنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشنىمۇۋەپپەقىيەتنىڭ كاپالىتى دەپ قاراپ، خەلقنى ئەركىنلىككە، مۇستەقىللىككە دەۋەتقىلىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ، گېزىتتە ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىشقا باشلايدۇ. ل.مۇتەللىپ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنغىنىدا «گۇمانلىق ئادەم» دېگەن قالپاقكىيىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇ كۈندىن باشلاپلا گومىنداڭ ساقچى ئورۇنلىرى ئۇنىڭئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى بايقاش ئۈچۈن پېيىگە ئادەم سېلىپ قويغان ئىدى. شۇلارنىڭبىرى گېزىتنىڭ تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ئەيسا يۈسۈپ ئىدى (ئۇ كېيىنكى يىللاردائۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن رادىئو ئىستانسىسىئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە ئىشلىگەن). بۇ كىشى ئۆزى ئەدىب بولغانلىقى ئۈچۈن ل.مۇتەللىپنىڭمۇستەقىللىق روھى سىڭدۈرۈلگەن ھەم خەلق ئاممىسىنى ئىنقىلابقا ئويغىتىدىغانئەسەرلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچىبۆلۈمىگە ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. ئەيسا يۈسۈپنىڭ دەسلەپكى ماتېرىيالى مۇتەللىپ يازغان «كېكىرتەكنىمايلاشقا ماي يوق، ھارۋىنىڭ چاقىنى مايلاشقا ماي نەدە؟» دېگەن ئەدەبىي ئوچېركىبولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ چىققان گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ساقچى ئورۇنلىرى ل.مۇتەللىپنىڭھەرىكىتىگە تېخىمۇ كۆپرەك پايلاقچىلارنى قويىدۇ. لېكىن ل.مۇتەللىپ بۇ تۇزاققۇرۇشلارنى سېزىپ يۈرسىمۇ، ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرماي، تېخىمۇ كەڭدائىرىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.ئەدەبىيات بىلەن سەنئەتكە بىردەك ئىشتىياق باغلىغان ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەنسەنئەت ئۆمىكىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، كونسېرتلارنى كۆرسىتىشتىن تاشقىرى، «غېرىب — سەنەم»،«تاھىر — زۆھرە» دراما ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرىدۇ. ئۇلاردىكى غېرىب، تاھىرروللىرىنى ئۆزى ئورۇنلايدۇ. زۆھرەنىڭ رولىنى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭئوفىتسېرى ھۆرنىساخان (مۇتەللىپكە قويغان ئىشپىيون ئاياللارنىڭ بىرى) ئېلىپ چىقىدۇ.خەلقنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دادىل كۈرەشكە چىققان ل.مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىيپروگراممىسىنى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خەلق ئاممىسى ۋە ياشلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشىدۇ. مۇشۇپۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇ «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ناملىق تەشكىلات قۇرىدۇ. تەشكىلاتنىڭمەقسىتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ، دېخانلارنى قوراللىق قوزغىلاڭغاقوزغاشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ھەرىكەتلەر ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىنى ۋەھىمىگەسالغانلىقتىن، 1944-يىلنىڭ ماي ئايلىرىدا ل.مۇتەللىپنى قولغا ئېلىپ، بىر ھەپتەسولاقتا تۇتۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىر ئاز مۇجۇغاندەك قىلىپ، ئاندىن چىقىرىۋېتىدۇ. بىراقل.مۇتەللىپنىڭ بۇنىڭ بىلەن روھى چۈشمەي، ئەمدى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ جاسارەت بىلەن كۈرەشنىداۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىقىپ، تىياتىر ئارتىستلىرى بىلەن كۇچا ناھىيىسىگەئويۇن قويۇشقا بارماقچى بولغىنىدا، ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭغا «سىزگە ھازىرچە سىرتقاچىقىشقا بولمايدۇ، گېزىتنىڭ ئىشى مۇھىم»، دېگەن باھانە بىلەن ئۇنى قېچىپ كەتمىسۇندەپ گۇمانلىنىپ، رۇخسەت قىلمايدۇ. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ئەمدى «تېلېگرامما-ئەپەندى»دېگەن مەخپىي نام بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئاقسۇ گېزىتخانىسىدائىشلەيدىغان ساتقۇن يۈسۈپ قادىر دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ ئىشپىيون ئىكەنلىكىنى چاندۇرۇپقويغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. يەنە ھېكىم نۇر، ھامۇت ئەزىزى،ئابلا روزى، ئۆمەر سامى ۋە ئۇلاردىن باشقا ل.مۇتەللىپ بىلەن بىللە سەنئەتئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرگەن ئاياللارنىڭ كۆپچىلىكى ل.مۇتەللىپ ئۈستىدىن نازارەتقىلىش ئىشىغا جەلپ قىلىنىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ ئاساسلىقلىرى روزى (روزىنىڭ خەنزۇچەئىسمى سوفى بولۇپ، ئىمىن خولۇڭ دېگەننىڭ ئايالى)، رەيھان (سۇلتانجان دېگەن كىشىنىڭئايالى)، سوپىيە (ل.مۇتەللىپنىڭ ئايالى)، نىساخان دېگەنلەر ئىدى. بۇ ئاياللار ل.مۇتەللىپتىنيېڭى-يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلىپ، ئۇلارنى خوجايىنلىرىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ياخشىسوۋغاتلارنى ئېلىش، ئابرۇي قازىنىش، ياخشى ئىش ئورۇنلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ل.مۇتەللىپئۈستىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن، ھەتتاكى ئۇنىڭ كىر-قېتىنى يۇيۇپ، تاماقلىرىنىپىشۇرۇپ بېرىش، ئۆي-بىساتلىرىنى تازىلاپ، بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھارقىلىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلىرى بىلەن ل.مۇتەللىپكە يېقىنلىشىپ، مەلۇماتلارنى ئېلىپتۇرۇش مەقسىتىدە بولىدۇ.ل.مۇتەللىپمۇ سەگەك يىگىت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نىيىتىنى سېزىپ، ئېھتىيات قىلىپيۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگىنى ھۆرنىسا بولدى (ئۈرۈمچىدىكىئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار بىرلەشمىسىدە كۆچۈرمە كاتىپ بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيىگەچىققان ھاجى ياقۇپ دېگەن كىشىنىڭ ئايالى بولغان. ئۇ ياقنىڭ خەنزۇچە ئىسمى ئەريۇتىڭئىدى). ھۆرنىسا ساقچىنىڭ مەخسۇس تاپشۇرۇقى بىلەن ل.مۇتەللىپنىڭ ئايالى سوپىيەنىئېزىقتۇرۇپ، ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاپئاق پاختا يېپىلغان مەپەھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش بىلەن ل.مۇتەللىپنىڭ سىرىنى بىلىپتۇرغان. سوپىيەنى قىممەت باھالىق سوغىلار بىلەن ئالداپ، «ل.مۇتەللىپ نېمە ئىشبىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، كىملەر بىلەن كۆرۈشۈپ، قانداق گېزىت-ژۇرناللارنىئوقۇۋاتىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش ھالەتلەرنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنى ساقچى ئىدارىسىنىڭباشلىقى مىڭ دۇڭجاۋغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.ئىلى ئىنقىلابچىلىرى 1945-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا، ئاقسۇ كونا شەھەر ئارقىلىق ھۇجۇمقىلىپ كىرگەن ۋاقتىدا، بارلىق گومىنداڭچىلار ئالا-توپىلاڭ بولۇپ قېچىشقا باشلايدۇ.شۇ ۋاقىتتا ھۆرنىسامۇ ئاتلىق قېچىپ، ئاقسۇ يېڭى شەھەر سېپىلىنىڭ ئىچىگە كېلىپ: «ئىلىزىۋازىلىرى (ئىلى ئوغرىلىرى دېمەكچى) بېسىپ كېلىۋاتىدۇ»، دەپ ئىنقىلابچىلارنىڭھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ. گومىنداڭ جاسۇسلىرى دەررۇ ھەرىكەتكەكېلىپ، شەھەر سېپىللىرىنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىنى بېكىتىپ ئۈلگۈرىدۇ. ئاندىن سېپىلئەتراپىدىكى بىر كىلومېتىرغا يېقىن يەردىكى دەرەخلەرنى كەستۈرۈپ، تۈپ-تۈز ھالەتكەكەلتۈرۈپ، مۇداپىئەگە ئۆتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سېپىلنىڭ ئۈستىگە ھۆرنىسا باشلىق بىر توپئايال چىقىپ، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى مەسخىرىلەيدىغان تېتىقسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ.ل.مۇتەللىپنىڭ ھاياتى بۇ ۋاقىتتا چوڭ خەتەر ئاستىدا ئىدى.شۇ كۈنلەردە ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئۆمەر سامى (خەنزۇچەئىسمى ۋۇ چىسەن) مۇتەللىپنىڭ ئۈستىدىن ئىلى ئىنقىلابىنىڭ كۈندىن-كۈنگەكۈچىيىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ چوقۇم غەلىبە قازىنىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن قەتئىيئىنقىلاب تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنى ھىمايە قىلىش لازىملىقى، خەلقنى ئۇنىڭغا ماسلىشىشقادەۋەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ماتېرىيال تاپشۇرىدۇ. ساقچى ئىدارىسى ئۆمەر سامىنىڭبۇ ماتېرىيالىنى دەررۇ سىياسىي باشقارمىغا (جىڭ ۋۇجۇغا) يوللايدۇ ۋە ل.مۇتەللىپنىدەررۇ قولغا ئېلىش لازىملىقىنى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي باشقارمىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىڭ دۇڭجاۋنىڭ ئورنىغا ۋۇ شاۋبىڭ كەلگەنئىدى. بۇ پەيتتە ئۆمەر سامىنىڭ پاش قىلىش ماتېرىيالى بىلەن ل.مۇتەللىپ قۇرغانتەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ھېكىم نۇرنىڭ چېقىمچىلىق ماتېرىيالىمۇ كېلىپ چۈشىدۇ، (ھېكىمنۇر شۆھرەتپەرەس كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇ بىرەر قۇلايلىق پۇرسەتنى كۆزلەپ، ل.مۇتەللىپقۇرغان «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىغا» كىرىۋالغان ئىدى). ئۇ تەشكىلاتنىڭ سىرىنى پاشقىلىپ، بىرەر يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىش غەرىزىدە مۇنداق مەزمۇندىكى ماتېرىيالنىتاپشۇرىدۇ: «مەن سىلەرگە پاش قىلىپ بېرىۋاتقان بۇ ماتېرىياللارنى ئۆزۈم ئاپىرىپبەرسەم، ئەتراپتىكىلەرنىڭ گۇمانى تۇغۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا سىڭلىم ئارقىلىقئەۋەتىۋاتىمەن (سىڭلىسى 12 ياشتا ئىدى)، ئۇلار يېقىن ئارىدا ئىلى ئىنقىلابچىلىرىبىلەن بىرلىكتە خەلقنى قوزغاپ، باي، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئازاد قىلماقچى،شۇڭا تېز ھەرىكەت قىلىپ، ل.مۇتەللىپ باشلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنىقولغا ئالماي بولمايدۇ». ساقچى ئورۇنلىرى ئۆمەر سامى بىلەن ھېكىم نۇرنىڭ يازغان ماتېرىياللىرىغائاساسلىنىپ، 1945-يىلى، ئاۋغۇست ئېيىدا، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغائېلىشقا باشلايدۇ. ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىنغوجا، يۈسۈپجان ئابدۇللا، داۋۇت ھۆسەنوۋ، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئېلاخۇن، مۇسا ئېلى،ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۇسۇپوۋ، ئابدۇكېرىم ئايۇپوۋ، ۋاسىلىي، ئىۋان (بۇلارنىڭفامىلىسى ئېنىقلانمىدى)، قادىر ئېلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرېھىم مۇھەممەت، بىلالئەزىزى، جالالىدىن ئاخۇن، مەۋلانجان، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپقاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارىسىنىڭباشلىقىغا كېلىپ «مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ماتېرىيال بەرگىنىم ئاشكارىلىنىپ قېلىپ،خەلقنىڭ ئالدىدا «ئىشپىيون» دېگەن ئاتاققا قېلىشنى خالىمايمەن، شۇڭلاشقا مېنىمۇقوشۇپ قاماققا ئېلىڭلار، ئۇلار مېنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالمىسۇن» دەيدۇ. ئۆزىنىڭتەلىپى بىلەن ئۇنىمۇ قولغا ئالغان بولۇپ، تۈرمىگە سولاپ قويىدۇ، بىراق بۇ سولانغانئۆي گىلەم ۋە باشقا زىننەتلىك جابدۇقلار بىلەن بېزەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئالىيدەرىجىلىك ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئاقسۇدا ۋەزىيەت بىر ئاز قېلىپلاشقاندىنكېيىن، ئۇ تۈرمىدىن بوشىتىلىپ، ساقچى ئىدارىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ل.مۇتەللىپ ئايرىم كامېرىغا سولانغان. تۈرمىنىڭ ئۆگزىسىگە قويۇلغان ساقچىنىڭئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ روھتا تۇتۇپ، «غېرىب — سەنەم»،«تاھىر — زۆھرە» درامىلىرىدىكى بەزى تەسىرلىك ناخشىلارنى، شۇنداقلا «تەنلىرىمياپراق» ناخشىسىنى كۆپرەك ئېيتىپ، ئۆز كۆڭلىنى سەگىتىش بىلەن قوشنا كامېرىدىكىسەپداشلىرىنىڭ روھىنى كۆتىرەتتىكەن. ئۇ ناخشا ئېيتىۋاتقاندا، ئىشىك ئالدىغاقويۇلغان ساقچىلار قولىدىكى مىلتىقلىرىنىڭ پاينىكى بىلەن ئىشىك، تاملارنى ئۇرۇپ،ناخشا ئېيتىشىنى چەكلىسىمۇ، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماستىن، ناخشىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەتتىكەن1945-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئىلى پارتىزانلىرى ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شەھەر خەۋپئاستىدا قالغانلىقتىن، گومىنداڭچىلار تۈرمىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلايدۇ. 12-سېنتەبىركۈنى گۇگۇم چۈشكەندە، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ بۆلۈم باشلىقلىرىنىيىغىپ، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىدىكى بەش كىشىگە ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋىتى باردەپ ئېيتىلغان ئابلا داۋۇت، ئابدۇللا روزى، ئەخمەت يۈسۈپ، ئوسمان مۇھەممەت،ئارىپوۋ، تەۋەككۈل ئۇلۇغوۋ، ئىبراھىم ئىدرىسوۋ، مەۋلانجان، ھاپىز داموللام، مۇسائېلى قاتارلىق كىشىلەرگە سىياسىي باشقارمىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىش بۇيرۇقىكەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈرمە جاللاتلىرى ئىشقا كىرىشىپ، ئەڭ ئالدىبىلەن، يۈسۈپجاننىڭ ئىسمى ئوقۇلۇپ، گۇندىپايلار ئۇنى سىرتقا سۆرەپ چىقىدۇ. ساقچىباشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ يۈسۈپجاننىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھازىر ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ»دەيدۇ. ئاندىن ساقچى باشلىقى يۈسۈپجاننىڭ ئاغزىغا پاختا تىقىپ كەپلەپ قويۇشنىبۇيرۇيدۇ، بىراق يۈسۈپجان قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، گۇندىپايلار يۈسۈپجاننى ئۇرۇپھوشسىزلاندۇرۇپ، ئاغزىغا پاختا تىقىپ، كەپلەپ قويىدۇ. ئاندىن ئالدىنئالا تەييارلاپقويغان ئۆرەكنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، قىلىچ بىلەن چاپىدۇ، ئەتراپقا قىپ-قىزىل قانچاچراپ، ئۇنىڭ تېنى پارچىلىنىپ ئۆرەككە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارمۇ شۇتەرىقىدە چېپىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ دەل ئىلى ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇنى قورشاۋغائالغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىدى.ئەتىسى ئاقسۇدىكى گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ قوماندانى جاۋ خەنجى ساقچى ئىدارىسىگە كېلىپ،ۋۇ شاۋبىڭ بىلەن بىللە 20دەك ئاتارمەن-چاپارمەننى باشلاپ يەنە تۈرمىگە بارىدۇ. تۈرمەگۇندىپايلاردىن بىر قانچىسى ل.مۇتەللىپنى ئېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شائىرنىڭچىرايىدىن چەكسىز غەزەپ ئوتى، ئۆچمەنلىك چاقناپ تۇراتتى. شۇ ئارىدا بىلال ئەزىزى،ئىۋان، ۋاسىلىي، ئاباسوۋنى ئېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنئالا كولاپ،تەييارلىنىپ قويۇلغان ئورەك ئالدىدا تىزلاندۇرىدۇ، جاۋ خەنجى ئۇلارنىڭ ئالدىغاكېلىپ: «ھازىر سىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ل.مۇتەللىپكەسكىن ئۆچمەنلىك قىياپەتتە تۇرۇپ: «قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل! مېنى ئۆلتۈرگىنىڭبىلەن مېنىڭ ئىزىمدىن مىڭلاپ، مىليونلاپ مۇتەللىپ چىقىدۇ! — دەيدۇ-دە ئاسمانغاقاراپ. — ھەي قۇياش، سەن پۈتۈن دۇنيانى يورۇتۇۋاتىسەن، ئەجەبكى، مېنىڭ يۈرىكىمنىبۈگۈن يورۇتالمىدىڭ؟! مەيلى، مەن بۈگۈن ئۆلگىنىم بىلەن مېنىڭ روھۇم ھېچ قاچان ئۆلمەيدۇ»،دەپ ئېيتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا جاۋخەنجى ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغان تەرجىمانى ياسىن ئەزىزگە قاراپ: «مۇتەللىپنېمە دەيدۇ؟» دەپ سورايدۇ. ياسىن ئەزىزى مۇتەللىپنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقان سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. جاۋخەنجى مۇتەللىپنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ: «سەن تېخى ياش، تالانتلىق يازغۇچىسەن،سېنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئىشلەيدىغان ۋاقتىڭ ئالدىڭدا، ئەمدى ئۆز نىيىتىڭدىن قايت! ئەگەرسەن ھازىر بولسىمۇ توۋا قىلساڭ، كەچۈرۈم قىلىمىز»، دەيدۇ. بىراق مۇتەللىپ غەزەپلىكچىرايى بىلەن ھۈرپىيىپ تۇرۇپ: «گومىنداڭچى جانابلىرى، بىلىپ قويۇڭلاركى، يەربىزنىڭ، ۋەتەن بىزنىڭ، خەلق بىزنىڭ. مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنى سەنلەرنىڭ ئىختىيارىچەدەپسەندە قىلىشىڭلارغا يول قويۇلمايدۇ، سەنلەر يوقالمىغۇچە، بىز بىر سائەتمۇكۈرىشىمىزنى توختاتمايمىز. بىز ئەركىنلىكىمىزنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ھامان كۈرەشقىلىمىز. بۇ كۈرەش ھېچ قاچان توختاپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇشۇ كىشىلەر بىلەنكۈرەشكە ئاتلانغان، ئەمدى ئاتامسەن، چاپامسەن، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل» دەيدۇ. جاۋ خەنجى ئاخىرقى قېتىم مۇتەللىپنى يۇمشاق سۆزلەر بىلەن ئىرادىسىنى بوشاتماقچىبولۇۋېدى، ئويلىمىغان يەردىن مۇتەللىپنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىگە ئوقتەك سانچىلىدۇ. غەزەپتىنھودۇققان جاۋ خەنجى يېنىدىكى قۇرالىنى قانداق سۇغىرىپ ئالغىنىنى سەزمەي قالساكېرەك ئەتىمالىم، مۇتەللىپكە قارىتىپ ئارقا-ئارقىدىن نەچچە پاي ئوق ئاتىدۇ. بۇنىڭغائۇلاپلا تارسىلدىتىپ ئېتىش باشلىنىدۇ. ئىنقىلابچى ياشلارنىڭ بەزىلىرى بىر پايئوقتا، بەزىلىرى بىر نەچچە پاي ئوقتا يىقىلىپ، ئۆرەككە دۈكۈرلەپ چۈشىدۇ.ل.مۇتەللىپ تۈرمىدە ياتقان چېغىدا ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ، قان بىلەن تۈرمىنىڭتېمىغا مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان ئىكەن: بۇ كەڭ زېمىن مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ، ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قارا ئەبلەخ.ل.مۇتەللىپ بارى-يوقى 23 بىل ياشىدى، بىراق، مەنىلىك ھايات كەچۈردى. ئۇ ئۆزئۆمرىدە داۋاملىق ئۆگەندى ھەم داۋاملىق ئىجات قىلدى، ئۆز خەلقىنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. كېيىنكى كۈنلەردەشائىرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان ھېكىم نۇر بىلەن ئۆمەر سامىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، لېكىن ھۆرنىسا، جاۋ خەنجى، ئەيسا يۈسۈپ، ئابلا ئوسمان، زومىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى زۆھرە قاتارلىق ساتقۇن، جاسۇسلار ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. بۇتارىخىي ساۋاقنى ئۇيغۇر خەلقى ھېچ قاچان ئەستىن چىقارمايدۇچۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئادەمنىڭ كۆڭلى ئىشەككە چۈشۈپ قالسا ئېغىلدا ياتماي ئامال يوق دەيمىش  

655

تېما

1146

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9173 سەر
تۆھپە
2714 سەر
تىللا
6031 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2012-7-17 18:02:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ot yurak kixilirizni maggu yat itimiz ! Yahxi matiryalkan rahmat.
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗