ئۇيغۇر
سېيت نوچىنىڭ خاراكتىرى ھەققىدە خېلى ئىلگىرىلا تەپەككۈر قىلىپ باققانىدىم ھەم ئايىغىنى چىقىرالماي توختاپ قالغانىدىم.‹‹2011-يىللىق ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكى››نى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭدە بۇ خۇسۇستا قايتىدىن ئويلىنىش بولدى.مەن ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تارىخىي رومانلاردىن‹‹ئىز››،‹‹ئويغانغان زىمىن››،‹‹ئانا يۇرت››قاتارلىق تىرىلوگىيىلەرنى ئوقۇغان ھەم ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان بىر نۇقتا شۇكى:يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىمىزنىڭ-ھىلىگەر ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا ئالدىنىش،زىيادە ساددىلىق بىلەن باشقىلارغا ئىشىنىپ كېتىش،داۋاملىق غەلبە مېۋىسىنى باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويۇش…قاتارلىق پاجىئەلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.مەسىلەن:‹‹ئىز››رومانىدىكى باش قەھرىمان-تۆمۈر خەلپىنىڭ لى شۇفۇ ئىسىملىك تۇڭگاننىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسىمىگە ئىشىنىپ قۇمۇلدىكى جەڭنىڭ غەلىبىسىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ياڭ زىڭشىڭنىڭ تۈرمىسىدە ئۆلۈشى،‹‹ئويغانغان زىمىن››رومانىدىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭمۇ كۆپ ئۇرۇشلار ئارقىلىق غەلىبە قىلىۋاتقان،خەلق ئۇنى قوللاۋاتقان شارائىتتىمۇ تۆمۈر خەلپىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ سىتالىن سوۋغا قىلغان بىر تال مىلتىققا ئىشىنىپ رۇس كونسۇلنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىڭ شىسەي تەرىپىدىن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈشى،يەنە ‹‹ئانا يۇرت››رومانىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىمۇ يۇقارىقىدەك ئىشلارنىڭ تەكرارلىنىشى…قاتارلىق ۋەقەلىكلەر ئۇيغۇر تارىخىمىزنىڭ ئاچچىق ھەقىقەلىرىنى ماڭا تونۇتقان ئىدى.
/ [! o8 [% R) D4 W9 z# X" @6 C4 Qخوش! ئەمدى سېيت نوچى ۋەقەسىگە كەلسەك،مەنچىڭ ئېمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مانجۇلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ،ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىنقىلابىي كۆتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان قەشقەردە سېيت ئىسىملىك ھەققانىيەتچى يىگىت زالىملاردىن خەلقنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بېرىپ يەرلىكتە يۈز تاپىدۇ ھەم خەلق تەرىپىدىن‹‹نوچى››دەپ لەقەملىنىدۇ.سېيت نوچى شۇ چاغلاردا ئىچكىرى ئۆلكىدە مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان،جۇڭگونىڭ جاي-جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان‹‹گېلاۋخۇي››يەنى ‹‹يۇرتداشلار جەمئىيىتى››دىگەن تەشكىلاتقا يوشۇرۇن ئەزا بولىدۇ.كېيىنچە كورلا،ئۈچتۇرپان تەرەپلەرگە بېرىپ ئادىللىقىنى ياقىلاپ پۇقرالارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.ئۈچتۇرپان دوتىيى ما دوتەي سېيت نوچىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى تەسىرىدىن قورقۇپ ئۇنى لەشكەرلەرگە مۇشتلاش ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل قىلىۋالىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ئۇنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ.(بۇ خۇددى ‹‹سۇ بويىدا››فىلىمىدىكى ۋۇسۇڭنى جاڭ سۇركاۋۇل بەگزادىلەرگە چامباشچىلىق ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل قىلىش ئارقىلىق پۇرسەت كەلگەندە يوقىتىش تاكتىكىسى بىلەن ئوخشاشتۇر.)سېيت نوچى قەشقەردىكى ئىنقىلابچى دوستلىرىنىڭ چاقىرىقى بىلەن سەپەرگە چىقماقچى بولغىنىدا ئۈچتۇرپان ئامبىلى ئۇنىڭغا قەشقەر ئامبىلى ماتىتەي(ئەسلى ئىسمى-ما شاۋۋۇ.يۈننەنلىك تۇڭگان.قەشقەر گۈزىلى ئانارقىزنى بۇلاپ كېتىپ مەجبۇرىي خوتۇن قىلغان جاللات شۇ.)گە قارىتىپ مەكتۈپ يېزىپ ئىچىنى ئاچماي،يوقىتىپ قويماي تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاپىلايدۇ.ئەمەلىيەتتە سېيت نوچىنىڭ كۆڭلىمۇ بۇ خەتتە مەلۇم شۇملۇقنىڭ بارلىقىنى تۇيسىمۇ بىراق قېنىغا سىڭىپ كەتكەن دىنىي ئېتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە(ئامانەتكە خىيانەت قىلىش مۇناپىقنىڭ بىر بەلگىسى)دىگەن ئەقىدە بىلەن كۆپنى كۆرگەن مويسىپىتلەرنىڭمۇ نەسىھىتىگە پەرۋا قىلماي ئۆز ئۆلۈم خېتىنى ھىلىگەر ئامبالغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆلۈمگە رازى بولغىنى ئۈچۈن كېيىنچە‹‹گاڭگۇڭ››يەنى-مەرت دىگەن نام بىلەن لەقەملەنگەن.شۇ چاغلاردا قەشقەردىكى ئىنقىلابچى ياشلارمۇ بۇيرۇق ئىجرا قىلغۇچى لەشكەرلەرنىڭ پارىخورلۇقلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ يەنى ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىكلىكى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى باپلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ئىنقىلابنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقچى،قېرىندىشىنىڭ ياش ھاياتىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانىدى.ئەمما سېيت نوچى بۇنىمۇ رەت قىلىپ ‹‹كىشىلەر مەيلى نىيىتىنى قانداق يامان قىلسۇن-ھامان جازاسىنى ئاللاھ بېرىدۇ.مەن مەرتلىك،تەقۋالىق يولىنى تاللاپ ئۆلسەممۇ نىيىتىمىنى بىلگۈچى ئاللاھ مۇكاپاتىمنى قىيامەتتە ئۆزى بېرىدۇ››دىگەن ئەقىدە بىلەن ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدى.. |4 \! k, j2 M- q7 W& `
خۇللەس كالام:مەن ئويلايمەن،دىنىي نۇقتىدىن قارىغاندا سېيت نوچىنىڭ دوستلۇق-سەمىمىيلىك بىلەن مۇسۇلمانچىلىقنى چوڭ بىلىپ،ئىمان-ئېتىقادلىق ھالەتتە كىشىلەرنىڭ نىيىتىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۆزى ساددىلىق بىلەن تەقدىرگە تەن بېرىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.ھەتتا بۇ شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك،ئەمما ھىلىگەر دۈشمەنگە ئالدىنىپ ئۆتكەن مىللىي تارىخىمىزدىن قارىغاندا سېيت نوچى كېيىنكىلەرگە يامان ئۈلگە تىكلەپ بەردى دەپ قارىساقمۇ خاتا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ ئۇدۇمىنى ئالغان يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى بايا تىلغا ئالغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تەقدىرىمۇ سېيت نوچىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمىگەن.ئومۇمەن،سېيت نوچى ئىجابىي شەخس بولسىمۇ،بىراق كېيىنكىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىش جەھەتتىن ماختىغۇچىلىكى بولمىسا كېرەك.
+ h0 K- s0 y Z* M. s' _- Dئەسكەرتىش:يۇقارىقى پىكىرلەر پەقەت ئۆزۈمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ،تورداشلار ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشساق.18-سىنتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى.
9 V( }3 z! T9 A1 ]& @, T% b) g( b! a$ h, N4 y% Y
مەنبە : مىسرانىم تورى2 x3 F. {/ l1 E7 ~/ o5 ]7 o
( A7 v2 S5 M7 n0 }4 G
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 19 September 2011% A* \" I$ k/ h6 A
ئاپتۇر: Alnoor024! H# m4 f7 d( t% d" d; o
دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |