مائارىپ
مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ& |# L7 P3 O% d6 D" `5 }9 ]! _
5 ]4 q' j" f7 }) r. sئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى.بۈگۈن ئۇيغۇر مائارىپى توغۇرلۇق سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە،بۇ تىمىنى يوللىدىم." s: P/ U& D$ Y6 h. i/ D3 ]
مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇتقۇچىسىدىن:«دۇنيادا تۇنجى دەرەخنى كىم تىككەن؟»دەپ سۇئال سورىغان.ئوقۇتقۇچى بۇنى دەرىسكە مۇناسىۋەتسىز سۇئال دەپ قاراپ ئۇنىڭغا لايىغىدا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا باشقا باللارنىڭ ئوتتۇرسىدىلا تەنبىھ بەرگەن.شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلاردىن قايتا سۇئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان.
* s$ g2 f! h; i3 _( e# Lمەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇتقۇچىسىدىن:«توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ،تۇخۇممۇ؟» دەپ سورىغاندا ئوقۇتقۇچى بۇنىڭغا ئىلمى يوسۇندا تېگىشلىك جاۋاب بېرىشىنىڭ ئورنىغا:«بۇنى بېرىپ ئۆيۈڭدىكى خورازدىن سورا!» دىگەن ھەم دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن ئۇ ئوقۇغۇچىنى قاتتىق تەنقىتلەپ،ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆزىدىن«مۇناسىۋەتسىز سۇئالنى سوراپ»ئوڭايسىز ئەھۋالدا قويغانلىقىنىڭ ئۆچىنى ئالغان.نەتىجىدە بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشتىن كۆڭلى سوۋۇپ مەكتەپتىن چېكىنىپ كەتكەن.& z" F- \/ W- A- V2 W/ k
ئەمەليەتتە بىز ئاشۇنداق خاس تەپەككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ ئۈزلۈكسىز سوئال قويۇپ ئۇنىڭغا جاۋاپ تېپىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان باللارغا مەدەت بېرشىمىز لازىم ئىدى.ئەكىسچە كىتابى بىلىملەرنى قارىغۇلارچە يادلاپ ئىمتىھاندا 100 نۇمۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى «ئەلاچى» دەپ ماختىدۇق.بۇ بىزدىكى ئەقىل پاراسەت ئىسراپچىلىقدىن باشقا نەرسە ئەمەس.بۇ مەنىدىن بىزنىڭ مائارىپىمىز ھازىرمۇ ھەقىىقى تۈردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالىغىنى يوق.
, F4 |- c0 z1 B/ o2 i+ H% @دۇنيا ئۆزگەرمەكتە،جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلماقتا.يەر شارى ئىقتىسادى رىقابىتىدە بىلىمنىڭ رولى بارغانسىرى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتمەكتە.بۇ ھال مائارىپىمىزغا يېڭىدىن تەلەپلەرنى قويۋاتىدۇ.بۇ جەھەتتە ئەمدىلەتىن ساپا مائارىپىغا ئېنىقلىما بېرىپ بولغىچە،غەرىب ئەللىرى تېخىمۇ ئىلغار بولغان ئەركىن مائارىپقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ مائارىپىمىزنىڭ مەقسىتى بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەمەس،بەلكى ئۆز ئالدىغا ئەركىن ياشاشقا،ئىزدىنىشكە،ئىجاد قىلىشقا ئادەتلەندۈرسەك.
6 D% q. n/ B* |; e2 Tمېنىڭ ئويلىغانلىرىم مۇشۇ،ئەمدى دوسلارنىڭ ئويلىغىنى بولسا ئورتاقلاشساق؟
3 m; G8 `( r. @3 ]مەنبەسى : مىسرانىم مۇنبىرى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |