维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

پەلەستىن نامىنى ‹‹پەلەستىن دۆلىتى››گە رەسم ...

2013-1-9 08:37| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 130| باھا: 0|يوللىغۇچى: شىنجاڭ گېزىتى

قىسقىچە مەزمۇنى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رامئاللاھ، 6–يانۋار تېلېگراممىسى. پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 6–يا ...
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رامئاللاھ، 6–يانۋار تېلېگراممىسى. پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 6–يانۋار رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ‹‹پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى›› دېگەن نامنى ‹‹پەلەستىن دۆلىتى››گە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.

    ئابباس پەلەستىن ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن ئىككى ئاي ئىچىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن–بەلگىلىمىلەردىكى نامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ھەم پوچتا ماركىسى، پاسپورت، كىملىك، ئاھالىلەرنىڭ تۇغۇت ئىسپاتى ۋە ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى يېڭىدىن ياساشنى تەلەپ قىلدى.

    پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى يەنە مۇنداق دېدى: پەلەستىننىڭ چەت ئەللەردىكى بارلىق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن دىپلوماتىيە ھۆججەتلىرىدە ‹‹پەلەستىن دۆلىتى›› دېگەن نامنى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ھازىر، پەلەستىننىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى ھەم ئاھالىلەرنىڭ كېنىشكىسىنىڭ ھەممىسىدە ‹‹پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى›› دېگەن نام ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

    پەلەستىن ‹‹ۋافا›› ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ ئۇسۇل ب د ت نىڭ پەلەستىننىڭ ئورنىنى ‹‹كۆزەتكۈچى دۆلەت››لىككە ئۆستۈرۈش قارارىنى يولغا قويۇش ئۈچۈندۇر، بۇ ھەم ‹‹يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم قەدەم باسقانلىق››.


ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ