维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

ھىندىستانلىقلار يەنە جۇڭگوغا قارا چاپلاشقا ...

2013-1-7 19:05| يوللىغۇچى : illiq| كۆرۈش: 182| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: يەر شارى تورى مۇخبىرى جاڭ شۆ خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھىندىستاندا «جۇڭگو سۈيقەست نەزەرىيەسى» گە ئائىت ساد ...
يەر شارى تورى مۇخبىرى جاڭ شۆ خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھىندىستاندا «جۇڭگو سۈيقەست نەزەرىيەسى» گە ئائىت سادالار ئەزەلدىن توختاپ قالغىنى يوق، نۇرغۇن تەشكىلاتلار بەس- بەستە جۇڭگوغا قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ھىندىستانغا بولغان تەھدىتىنى كۆپتۈرۈپ كەلمەكتە. يېقىندا، ھىندىستاندىكى بىر ئەسەبىي دىنىي تەشكىلات جۇڭگوغا قارا سۈركەپ، جۇڭگو ھىندىستاننىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدۇ، دېدى.
ھىندىستان «سودا ئۆلچىمى گېزىتى» نىڭ 6- يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندى دىنى مىللەتچىلىك رادىكال تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى موھان باگۋات بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر قېتىملىق يىغىلىشىدا، جۇڭگو ھىندىستاننىڭ تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدۇ، ھىندىستاننىڭ ئاسىيادا رەھبەرلىك ئورنىغا ئىگە بولۇشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ، دېدى.
موھان باگۋات مۇنداق دېدى: ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھىندىستاننىڭ چېگرا رايونى بىخەتەر ئەمەس، ھەمدە نۇرغۇن يوچۇق بار. ھىندىستان ھېچقانداق دۆلەتكە يامان غەرەزدە بولمىغان. ھالبۇكى، ھىندىستانغا قارشى بىر قىسىم دۆلەتلەر ھەر قايسى تەرەپلەردىن تور ياساپ، ھىندىستاننى قىسىۋېلىشقا ئۇرۇنماقتا.
موھان باگۋات يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھىندىستاننىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدۇ، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ ئاسىيادا رەھبەرلىك ئورنىغا ئىگە بولۇشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. پاكىستانمۇ ئەزەلدىنلا ھىندىستانغا دۈشمەنلىك غەرىزىدە بولۇپ كەلمەكتە.
موھان باگۋات مۇنداق قارىدى: زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قورال- ياراغ ئەتكەسچىلىكى ھىندىستان چېگرىسىدا ئىزچىل تۈردە ئەۋج ئالماقتا، شۇڭا چېگرا رايونغا قارىتا مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك. ھالبۇكى، ھىندىستان شىمالىي قىسىمدا بۇنداق تەييارلىقى يوق.

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ