维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نەشىرىنى تارق ...

2013-1-5 18:09| يوللىغۇچى : تەمكىن| كۆرۈش: 63| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نەشىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى 2012-يىل 12-ئاينىڭ 14- كۈنى شىنجا ...
«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نەشىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

 2012-يىل 12-ئاينىڭ 14- كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە ئېتراپقا ئېرىشكەن، شەرق ئەدەبىياتىنىڭ گۈلتاجى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەينى دەۋر سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىلمىي، مەدەنىي، ئەخلاقىي ۋە دىنىي رىئاللىقىدىن خەۋەر بەرگۈچى قامۇس خاراكتېرلىك شاھانە ئەسەرنىڭ «ئاۋازلىق نەشىرى» نى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

تارقىتىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قورولتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنەلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ سېكىرتارى رازاق تۆمۈر، مىللەتلەر نەشىرياتىنىڭ باشلىقى ئەركىن قادىر، ئاپتونوم رايونلۇق تىل -يېزىق كومىتىتىنىڭ باشلىقى سىدىق مەتسايىت، يۈسۈپ ئەيسا، مىجىت ناسىر قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، ئۇنىڭ ئاۋامغا يۈزلىنىشىنى كېڭەيتىپ، خەلقىمىزنىڭ توغرا قىممەت قاراش بىلەن تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش شۇنداقلا مەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى بېيىتىش مەقسىتىدە بۇ قېتىم ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى 1991-يىلى نەشر قىلىنغان نەسرىي يەشمىسىگە ئاساسەن، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ 17سائەتتىن ئارتۇق ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تەييارلاپ، مىللەتلەرنەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى.

مانا مۇشۇنداق ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن كۆرە مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىش مەقسىتىدە قىلىنغان خاسىيەتلىك ئەمگەكنىڭ ئىگىسى بولغان ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ خىل خالىسانە روھى دەل ئۇلارنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئىلىم- ئىرپان» ئەقىدىسىدىن كەلگەن. خۇددى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ «ئىنسان بالىسىنىڭ قىممىتى ئىلىم ۋە پەزىلەتتە» دېگىنىدەك، «ئىلىم-ئىرپان» بىلەن قىممىتىمىزنى نامايان قىلىشنى ئۆزىگە غايە قىلغان ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى دەل مۇشۇ دەقىقىدە تۇنجى قەدەمنى باسقان ئىدى. ئۇنىڭ تۇنجى قەدىمى ئۆزىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدىكى تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق لۇغىتى بىلەن باشلانغان بولسا، بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتالغان سوغىسى شاھانە ئەسىرىمىز «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى خەلقىمىزگە سۇنۇش بىلەن نەتىجىلەندى.

 

«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نەشىرى CD ۋە DVD پىلاستىنكا شەكلىدە بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئاتاغلىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقېيۇم ئىمىن ئاۋازىدا 17 سائەت 40 مىنۇت ئۇزۇنلۇقتا. CD پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى 28 يۈەن، DVD پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى كىتاب ۋە بىر دانە قەلەم قوشۇلۇپ 98 يۈەن بولۇپ جايلاردىكى ئىرپان مەھسۇلاتلىرى سېتىش ئورۇنلىرىدا سېتىلىدىكەن.

مۇراسىمدىن كۆرۈنۈشلەر:

مەنبەسى:نۇر تورى


ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ